نامازنى قەستەن ئوقۇمىغان كىشى ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

نامازنى قەستەن ئوقۇمىغان كىشى ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

سوئال: نامازنى قەستەن ئوقۇمىغان، كېيىن تەۋبە قىلغان كىشى ئوقۇمىغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام  ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: نامازنى قەستەن تەك ئېتىپ، كېيىن ئاللاھقا تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ قەستەن ئوقۇمىغان نامىزىنى قازا قىلىش-قىلماسلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.

مەن توغرا دەپ قارىغان، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەمۇ توغرا كۆرگەن قاراش شۇكى: نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر قەستەن ئوقۇمىغان كىشى قەستەن تەرك ئەتكەن مەزكۇر نامىزىنىڭ (ياكى نامازلىرىنىڭ) قازاسىنى قىلسا، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدا كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى، مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىبادەتلەرنىڭ شۇ ئىبادەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قىلىنىشى كېرەك. ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بىزگە پالان ۋاقىتتىن پالان ۋاقىتقىچە پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن نامازنىڭ شۇ ناماز ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇلۇشى پەرز. چۈنكى، ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغان جايدا ئوقۇلغان ناماز توغرا بولمىغىنىدەك، نامازنى ئاللاھ بەلگىلىمىگەن ۋاقىتتا ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ.

بىراق، نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر كۆڭۈلشىمەي ئوقۇمىغان كىشى ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلىپ، مەغفىرەت تىلىشى ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشى كېرەك. (شۇنداق قىلغان تەقدىردە) ئاللاھنىڭ ئۇنى تەۋبىسى ۋە ياخشى ئەمەللىرى سەۋەبلىك مەغفىرەت قىلىشىنى ۋە نامازنى ئوقۇمىغانلىقىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. (مەنبە: ئىبنى ئۇسەيمىن — ئىسلام ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 193-نومۇرلۇق پەتىۋا)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ