ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | ئايال كىشىنىڭ نىقاب ۋە پەلەي بىلەن ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە ياكى ئۆزىنى پەقەتلا مەھرەملىرى كۆرىدىغان، يات كىشىلەر كۆرەلمەيدىغان جايدا ناماز ئوقۇغان تەقدىردە، پېشانىسىنىڭ، بۇرنىنىڭ ۋە ئالقانلىرىنىڭ سەجدىگاھقا بىۋاسىتە تېگىشى ئۈچۈن يۈزىنى ۋە قوللىرىنى ئېچىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن.
ئەگەر ئەتراپىدا ئۆزىنى كۆرۈپ قالىدىغان نامەھرەم ئەرلەر بولغان ھالەتتە ناماز ئوقۇغان ئايال نامىزىنى چوقۇم يۈزىنى يېپىپ تۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يات ئەرلەرگە قارشى يۈزىنى يېپىش پەرزدۇر. ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە يۈزىنى كۆرسىتىشى ھالال ئەمەس. (نامەھرەمنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن) يۈزىنى يېپىپ ناماز ئوقۇغان ئايال نامازدىكى ئۆرە تۇرۇش ھالەتلىرىدە ۋە ئولتۇرۇش ھالەتلىرىدە يۈزىنى ياپىدۇ. سەجدە قىلغىنىدا پېشانىسىنىڭ سەجدىگاھقا بىۋاسىتە تېگىشى ئۈچۈن سەجدىدە يۈزىنى ئاچىدۇ.
ئاياللارنىڭ نامازنى پەلەي كىيىپ \ قولىنى يۆگەپ ئوقۇشى شەرىئەتتە مەۋجۇت ئىشتۇر. بۇنى ساھابە ئانىلىرىمىزدىن سادىر بولغان ئەھۋاللاردىن بىلەلەيمىز. بۇنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:«ئىھراملىق ئايال يۈزىنى نىقاپ بىلەن ياپمىسۇن ۋە قوللىرىغا پەلەي كىيمىسۇن.»(بۇخارى)
بۇ ھەدىس ساھابە ئاياللارنىڭ پەلەي كىيىش ئادىتى بارلىقىغا دەلىلدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئايال كىشىنىڭ يات ئەرلەر ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن بولغان جايلاردا ناماز ئوقۇغىنىدا قولىغا پەلەي كىيىشى كېرەك بولىدۇ. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 212-نومۇرلۇق پەتىۋا)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى