ئىبنى ئۇسەيمىن | ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزۇپ، بامدات نامىزىنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قىلغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟ 

ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزۇپ، بامدات نامىزىنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قىلغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟ 

سوئال: كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ، بامدات نامىزىنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەن چاغدا ئوقۇغان كىشىنىڭ بۇ نامىزى قوبۇل بولامدۇ؟ بۇنداق كىشىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇغان باشقا نامازلىرىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: بالدۇر ئۇخلاش ئارقىلىق بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا قادىر بولالايدىغان تۇرۇپ، نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇغان كىشىنىڭ بۇ نامىزى، شەكسىزكى، قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، كىشى ئۆزرىسىز ھالدا نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇنى نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ بۇ ئىشى رەت قىلىنىدۇ.» (مۇسلىم) نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماي، ۋاقتى چىقىپ كەتكەندە ئوقۇيدىغان كىشى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن ئەمەس بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئەمىلى رەت قىلىنىپ، قوبۇل بولمايدۇ.

بۇنداق كىشى «مەن ئۇيقۇدىن ئويغىنالمىغانتىم» دەپ ئۆزرە كۆرسىتىپ، مۇنى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرۈشى مۇمكىن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ئۇخلاپ قېلىش ياكى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبلىك نامىزىنى ئوقۇيالمىغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان نامىزىنى ئوقۇۋالسۇن. بۇ نامازنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كاففارىتى يوقتۇر.» (بۇخارى- كىتابۇل مەۋاقىت، مۇسلىم-كىتابۇل مەساجىد)

بىز دەيمىزكى، بالدۇر ئويغىنىش ئۈچۈن بالدۇر يېتىش ئىمكانى بولغان تۇرۇقلۇق، ياكى ئۆزىنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىش ئۈچۈن سايرايدىغان سائىتى بولغان تۇرۇقلۇق، ۋەياكى ئۆزىنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ قويىدىغان كىشى بولغان تۇرۇقلۇق بۇنداق كىشىنىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماي ئۆتكۈزۈۋېتىشى — نامازنى قەستەن كېچىكتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭىلاشقا ئۇنىڭ كېيىن ئوخلاپ، بامدات ئۈچۈن ئويغانماي، ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇغان بامدات نامىزى ئۇنىڭدىن قوبۇل بولمايدۇ. ئەمما، ۋاقتىدا ئوقۇغان باشقا نامازلىرى قوبۇل بولىدۇ.

مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى ئېيتىشنى خالايمەن:

مۇسۇلماننىڭ ئىبادەتنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ئورۇندۇشى پەرز. چۈنكى، ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەتلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. كىشى ئۆلۈمنىڭ ئۆزى بىلەن قاچان ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، جازا ياكى مۇكاپات يۇرتى بولغان، بەندىدىن ئەمەل-ئىبادەت قىلىشىدىن خالىي بولغان ئاخىرەت يۇرتىغا قاچان سەپەر قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. (بۇ سەۋەبلىك، بەندىنىڭ پەرز ئەمەللەرنى ئورۇندىماستىن بېشىغا ئۆلۈم كېلىپ قېلىشىدىن ھەر زامان قورقۇشى لازىم.)

چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىنسان ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ مۇنى ئۈچ ئەملىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى توختايدۇ: سەدىقە جارىيە، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت.» (مۇسلىم – كىتابۇل ۋەسىيەت) (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 188-نومۇرلۇق پەتىۋا)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ