بۇ ئايال نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن)
36-سوئال: ئۆزىدىن توختىماي سۇيۇقلۇق كېلىپ تۇرىدىغان ئايال پەرز نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئالسا، مۇشۇ تاھارىتى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەنگە قەدەر خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇيالامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: ئۆزىدىن داۋاملىق ئاق سۇيۇقلۇق كېلىدىغان بۇنداق ئايال پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن تۇنجى ۋاقىتتىن ئىتىبارەن پەرز ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئالسا، كېيىنكى پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەنگە قەدەر خالىغىنىچە ناماز ئوقۇيالايدۇ، قۇرئانمۇ ئوقۇيالايدۇ. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، ھەيز ۋە نىفاس توغرۇلۇق ئاتمىش سوئالغا جاۋاب، 36-پەتىۋا) مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com