ئىنسان قىيامەت كۈنى نېمىلەردىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ؟
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دېگەن:
{ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ}
{ئاندىن (ئاللاھ دۇنيادا سىلەرگە ئاتا قىلغان) نېمەتلەردىن سوراققا تارتىسىلەر.} – تەكاسۇر سۈرىسى، 8-ئايەت
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دېگەن:
{إن السمع والبصر والفؤاد كل أولئك كان عنه مسئولا}
{(ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە جەزمەن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.} -سۈرە ئىسرا، 36-ئايەت
* قىيامەت كۈنى بەندە ئۆمرىدىن، ئىلىمىدىن، پۇل مېلىدىن ۋە بەدىنىدىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ
ئەبۇ زەر ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ( لَا تَزُولُ قَدَمَا عَبْدٍ يَوْمَ الْقِيَامَةِ حَتَّى يُسْأَلَ عَنْ عُمُرِهِ فِيمَا أَفْنَاهُ ، وَعَنْ عِلْمِهِ فِيمَ فَعَلَ ، وَعَنْ مَالِهِ مِنْ أَيْنَ اكْتَسَبَهُ وَفِيمَ أَنْفَقَهُ ، وَعَنْ جِسْمِهِ فِيمَ أَبْلَاهُ ) قىيامەت كۈنى بەندە مۇنۇ ئىشلاردىن سوئال-سوراق قىلىنىپ، ھېسابىنى بەرمىگۈچە ئۇنىڭ قەدىمى قىيامەت مەيدانىدىن يۆتكەلمەيدۇ. (1) ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى؛ (2) بىلگىنىگە قانداق ئەمەل قىلغانلىقى؛ (3) پۇل-مېلىنى قەيەردىن تېپىپ قەيەرگە سەرپ قىلغانلىقى؛ (4) بەدىنىنى نېمە ئىش ئۈچۈن ئۇپراتقانلىقى.» hedisim.com (تىرمىزى 2417؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
* قىيامەت كۈنى بەندە نامىزىدىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة صلاته، فإن كان أتمها كتبت له تامة، وإن لم يكن أتمها، قال الله لملائكته: انظروا هل تجدون لعبدي من تطوع فتكملون بها فريضته؟ ثم الزكاة كذلك، ثم تؤخذ الأعمال على حسب ذلك)) «قىيامەت كۈنى بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر بەندىنىڭ نامىزى تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا تولۇق ساۋاب يېزىلىدۇ. ئەگەر نامىزى كام چىقسا، ئاللاھ تائالا (ئۆزى ياخشى بىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ) پەرىشتىلەرگە <بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمۇ، ئۇنىڭغا قاراڭلار> دەيدۇ. ئاندىن، باشقا ئەمەللىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە ھېساب ئېلىنىدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2844؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2574)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة الصلاة: فإن صلحت صلح له سائر عمله، وإن فسدت فسد سائر عمله)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى ئېلىنىدىغان ئىش نامازدۇر. ئەگەر نامىزىنىڭ ھېسابىدىن ياخشى ئۆتەلىسە، بەندە باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ناماز ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە، باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2818؛ سەھىھ جامىۇس سەغىر 2573؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد الصلاة، وأول ما يقضى بين الناس في الدماء)) «(قىيامەت كۈنى) بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىش ناماز، ئىنسانلار ئارىىسدا تۇنجى ھۆكۈمى چىقىرىلىدىغان ئىش قان داۋاسىدۇر.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 2826؛ سەھىھ نەسائى 4002؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
قىيامەت كۈنى ئاللاھ بەندىنى ئۆزى بىۋاستە سوراق قىلىدۇ
ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ إِلاَّ سَيُكَلِّمُهُ رَبُّهُ، لَيْسَ بَيْنَهُ وَبَيْنَهُ تُرْجُمَانٌ وَلاَ حِجَابٌ يَحْجُبُهُ))«(قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ھېساب بېرىش پەيتىدە) ئاللاھ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچبىر تەرجىمانمۇ بولمىغان، ئاللاھنى پەردىلەپ تۇرىدىغان ھېچبىر پەردىمۇ بولمىغان ھالدا رەببىڭلار ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىسىلەر.» (بۇخارى 7443)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئادەم بالىسى! مەن ئاغرىپ قالدىم، مېنى يوقلاپ كەلمىدىڭ.» بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، سېنى قانداق يوقلاپ باراتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بارمىغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنى زىيارەت قىلغىنىڭدا مېنى شۇ يەردىن تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە)«ئى ئادەم بالىسى! سەندىن يەيدىغان نەرسە سورىدىم، بىراق ماڭا يېگۈزمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ تاماق يېگۈزەتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن يېمەكلىك سورىغاندا، سەن ئۇنىڭغا بەرمىگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگىنىڭدە، بۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ دەرگاھىمدا تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە) «ئى ئادەم بالىسى! سەندىن سۇ سورىدىم، ماڭا سۇ بەرمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە:«ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ سۇ بېرەتتىم؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن سۇ سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا سۇ بەرسەڭ، مېنىڭ دەرگاھىمدا بۇنىڭ ئەجرىنى تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (سەھىھۇل مۇسلىم، 2569-نومۇرلۇق ھەدىس) ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: يا ابن آدم، مرضت فلم تعدني. قال: يا رب، كيف أعودك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أن عبدي فلانا مرض فلم تعده؟ أما علمت أنك لو عدته لوجدتني عنده؟ يا ابن آدم، استطعمتك فلم تطعمني. فقال: يا رب وكيف أطعمك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أنه استطعمك عبدي فلان فلم تطعمه؟ أما علمت أنك لو أطعمته لوجدت ذلك عندي؟ يا ابن آدم، استسقيتك فلم تسقني. قال: يا رب كيف أسقيك وأنت رب العالمين؟ قال: استسقاك عبدي فلان فلم تسقه؟ أما إنك لو سقيته لوجدت ذلك عندي))
يۇقىرىقى ھەدىس ئاللاھنىڭ بەندىنى ئىنچىكە سوراق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ كىمدىن ئىنچىكە ھېساپ ئالسا، ئۇ ھالاك بولىدۇ» دېگەن. يۇقىرىقىدەك كىشىلەر مۇسۇلمانلاردىن پۇل-مېلى ۋە ياردىمىنى قىزغىنىدىغان، مۇسۇلمانلارغا پۇل-مال ۋە ئېغىرچىلىقتا ياردەم قولىنى سۇنۇش، مەيلى ماددىي مەيلى مانىۋىي جەھەتتىن دەستەك بولۇشتىن ئۇزاق مۇسۇلمانلار بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمچى بولمىغۇچىغا ئاللاھ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياردەم قىلمايدۇ.
بەندە قىيامەت كۈنى ساغلام تېنى ئارقىلىق ئاللاھ ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېساب بېرىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أول ما يسأل عنه العبد يوم القيامة من النعيم أن يقال له: ألم نصح لك جسمك، ونرويك من الماء البارد؟)) «قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى سورىلىدىغان نىمەت <ساڭا ساغلام تەن ئاتا قىلمىدۇقمۇ؟ ساڭا قانغۇچە مۇزدەك سۇ ئىچكۈزمىدۇقمۇ؟> دەپ سوراشتۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2253؛ سەھىھ جامىئ2022؛ سەھىھ تىرمىزى 3358؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇلبارى 11\172؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
«ئاللاھ قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ ماۋۇ ئىشنىڭ سورىقىنى ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان، ئەمما ھەر ئىككىسى سەھىھ ھەدىس بولغان تەقدىردە، بۇ ھەرگىزمۇ ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بىرىنچىدىن: ھەر بەندىدىن ئۇنىڭغا ئاتا-قىلغان نېمەتلىرىنىڭ سوئال-سورىقىنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھ زەررىچىلىك ئىلىم بېرىلگەن بەندىدىن ئۇ ئىلىمى ئارقىلىق نېمىلەرنى قىلدى، ئۇنى بۇ ھەقتە سوئال-سوراققا تارتىدۇ. ئىلىممۇ بېرىلمىگەن، مال-دۇنيامۇ بېرىلمىگەن بەندىدىن ۋە باشقا ھەممە بەندىلەردىن ئۇنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغان سۇ توغرىسىدىمۇ سوئال سوراق قىلىدۇ. ھېچقانداق ئىلىم بېرىلمىگەن، دىن توغرىسىدا ھېچنەرسىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مەقسەت قىلغان شەكىلدە بىلمىگەن جاھىلدىن ئاللاھ ئىلىمنىڭ سورىقىنى ئالمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئالىمنىمۇ، پادىشاھنىمۇ، باينىمۇ، نامراتنىمۇ، كېسەلنىمۇ، ساقنىمۇ، قېرىنىمۇ ياشىنىمۇ مۇتلەق رەۋىشتە سۇ بىلەن سۇغۇرىدۇ. ھەممە بەندىدىن ئۇنى سۇ بىلەن سۇغارغانلىقى، بۇنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى سورىلىدۇ. ئەمما، ھەر بەندىدىن ئىلىمىڭگە قانداق ئەمەل قىلدىڭ دەپ سورالمايدۇ، بۇ ھەقتە سورىلىدىغانلار زەررىچىلىك بولسىمۇ، مەلۇم مەسىلىدە بولسىمۇ توغرا شەرئىي ئىلىمگە ئىگە بولغانلار ۋە باشقا چوڭقۇر-تېيىز، ئاز-كۆپ شەرئىي ئىلىمگە ئىگە بولغان بەندىلەردىن ئىلىمىڭگە قانداق ئەمەل قىلدىڭ دەپ سورايدۇ. بىر بەندە تىلسىز گاچا بولسا؛ يەنە بىر بەندە شەرئىي بىلىم-چۈشەنچىگە ئىگە، شۇنداقلا تىلى ناھايىتى ئۆتكۈر ناتىق كىشى بولسا، ئاللاھ گاچىدىن تىلنىڭ سورىقىنى قىلمايدۇ. ئەمما، توغرا شەرئىي بىلىم-چۈشەنچىگە ئىگە ناتىق مۆمىندىن باشقىلارنى تىلى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ يولىغا قانچىلىك دەۋەت قىلغانلىقىنى سورايدۇ. (تولىمۇ ئەپسۇسكى، بەزى سۆزمەن، ئەمما ساغلام ھىدايەت، توغرا شەرئىي چۈشەنچىدىن ئۇزاق بىدئەتچى-ئازغۇن كىشىلەر قاپقارا گەپتانلىق بىلەن ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دەپ تەشۋىق قىلىپ ئۆزى ئېزىش بىلەن بولدى قىلماي، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىۋېتىۋاتىدۇ.)
ئىككىنچىدىن: ئاللاھ تائالانىڭ بارچە ئىنسۇ-جىندىن بىرلا ۋاقىتتا ۋە ھەر بىرىدىن ئايرىم-ئايرىم سوئال-سوراق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئاللاھ ھەر ئىشقا قادىردۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئاللاھ كىمنى سوئال-سوراق قىلغان بولسا ئۇنى تۇنجى بولۇپ سوئال سوراق قىلغان بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزى بەرگەن نىمەتلەرنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ.
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (تابىئىن ئىمام) قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ھەر بەندىنى ئۆزى ئۇ بەندىگە ئاتا-قىلغان نېمەتلەر توغرۇلۇق سوئال-سوراق قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بەندىدىدىن ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرۇلۇق سوئال سوراق قىلىدۇ. «إغاثة اللهفان» (1 /84) .
ئاللاھ قىيامەت كۈنى بەندىنى ياخشىلىققا بۇيرۇغان بۇيرۇمىغانلىقى ۋە يامانلىقتىن توسقان توسمىغانلىقى توغرىسىدا سوراققا تارتىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى ليسأل العبد يوم القيامة، حتى يسأله ما منعك إذا رأيت المنكر أن تنكره؟ فإذا لقن الله العبد حجته قال: يا رب رجوتك وفرقت من الناس)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى شۇنداق بىر ھېسابقا تارتىدۇكى، ھەتتا ئۇنىڭدىن يامانلىقنى كۆرگەندە نېمىشقا ئۇ يامانلىققا توسقۇنلۇق قىلمىغىنىنىمۇ سورايدۇ. ناۋادا ئاللاھ تائالا بۇ بەندىسىنىڭ قەلبىگە بۇنىڭ جاۋابىنى ئىلھام قىلغان تەقدىردە، ئۇ بەندە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ «ئى رەببىم! مەن ئىسانلاردىن ئايرىلىپ، ساڭىلا ئۈمىد باغلىغان ئىدىم.» (ئەلبانى-سەھىھ جامى 1818؛ ۋادىئى-سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 403؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3260)
قىيامەت كۈنىدىكى بەزى ئەھۋاللارغا نەزەر
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن العرق يوم القيامة ليذهب في الأرض سبعين باعا، وإنه ليبلغ إلى أفواه الناس، أو إلى آذانهم))«قىيامەت كۈنى كىشىنىڭ تەرى يەردىن يەتمىش غۇلاچ چوڭقۇرلۇققىچە يېتىپ بارىدۇ. ھەتتا، كىشىنىڭ ئاغزىغا ياكى قۇلاقلىرىغىچە ئۆرلەيدۇ.» (مۇسلىم 2863)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أكثر الناس شبعا في الدنيا أطولهم جوعا يوم القيامة)) «دۇنيادىكى چېغىدا (كۆپ يەپ-ئىچىش سەۋەبلىك) ئەڭ كۆپ توق يۈرگەنلەر قىيامەت كۈنى ئاچلىق ئازابىنى ئەڭ كۆپ تارتقۇچىلاردۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2217؛ سەھىھ جامىئ 1577؛ سالمان فارىسىدىن؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 2722، ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5\16؛سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اول خصمين يوم القيامة جاران)) «قىيامەت كۈنى بىر-بىرىدىن شىكايەتچى بولىدىغان تۇنجى شىكايەتچى قوشنىلاردۇر.»(جامىئۇس سەغىر 2821؛ سەھىھ جامىئ 2563؛ ئۇقبە ئىبنى ئامىردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((زملوهم بدمائهم، فإنه ليس من كلم يكلم في الله إلا وهو يأتي يوم القيامة يدمأ، لونه لون الدم وريحه ريح المسك)) «شەھىدلەرنى قانلىرى بىلەن دەپنە قىلىڭلار. ئاللاھ يولىدا يارىدار بولغان ئەزالارنىڭ قېنى قىيامەت كۈنىدە رەڭگى قان رەڭگىدە بولىدۇ، پۇرىقى مىسىكتەك خۇش پۇراق بولىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 4563؛ سەھىھ جامىئ3573؛ سەھىھ نەسائى 2001)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: أين المتحابون بجلالي؟ اليوم أظلهم في ظلي، يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇلۇغلۇقىم يۈزسىدىن (دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئۆز-ئارا) ياخشى كۆرۈشكەنلەر قەيەردە؟ مېنىڭ سايەمدىن باشقا سايە بولمىغان بۇ كۈندە، ئۇلارنى ئۆز سايەم بىلەن سايىدىتىمەن.» (مۇسلىم 2566)
ئىمام تەبەرى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار ئاچلىق ئازابىدىن سىرتقا چىقىپ ئۇچرىشىپ قېلىشىپ، ئاقىۋەتتە بىر ئەنسارى ئۇلارنى قوي سويۇپ ۋە خورما بىلەن مېھمان قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قورساقلار تويغاندىن كېيىن، «بۇ جەھەتتە قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاچلىق سەۋەبلىك ئۆيۈڭلاردىن چىقتىڭلار، ئاقىۋەتتە بۇلارغا ئېرىشتىڭلار. مانا بۇ نېمەت جۈملىسىدىندۇر» دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الصيام والقرآن يشفعان للعبد يوم القيامة، يقول الصيام: أي رب إني منعته الطعام والشهوات بالنهار فشفعني فيه، ويقول القرآن: رب منعته النوم بالليل فشفعني فيه، فيشفعان))«روزا بىلەن قۇرئان قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ. روزا <ئى رەببىم! مەن ئۇنى يەپ-ئىچىشتىن، كۈندۈزدىكى شەھۋەتتىن توسۇپ قويغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىشىۋالسام> دەيدۇ. قۇرئان <ئى رەببىم! ئۇنى كېچىدىكى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قويدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 5203، سەھىھ جامىئ3882؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى نۇھ ئەلەيھىسسالام كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن «(ساڭا كەلگەن ھەقنى) قەۋمىڭگە يەتكۈزدۈڭمۇ؟» دەپ سورىلىدۇ. نۇھ «شۇنداق، يەتكۈزدۈم ئى رەببىم» دەيدۇ. نۇھنىڭ ئۈممىتىدىن «نۇھ سىلەرگە (ھەق دەۋىتىنى) يەتكۈزدىمۇ؟» دەپ سورىلىدۇ. ئۇلار «بىزنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دەيدۇ. نۇھقا «ساڭا (ھەقنى يەتكۈزگەنلىكىڭ ئۈچۈن) كىم گۇۋاھچى بولىدۇ؟» دېيىلىدۇ. نۇھ «مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتى» دەيدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: {مانا شۇنىڭدەك، سىلەرنى ئىنسانلارغا گۇۋاھچى بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، رەسۇلنىڭ سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى ۋاسات} يەنى ئادىل {ئۈممەت قىلدۇق} (بەقەرە سۈرىسى، 143-ئايەت). (بۇخارى-كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش بابى 7349) ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىشتىن ئاۋۋال مۇنداق باب قويغان: باب ئاللاھنىڭ {بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق} دېگەنلىكى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جامائەتتىن ئايرىلماسلىققا بۇيرۇغانلىقى. جامائەت — ئەھلى ئىلىمدۇر. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: جاھىللار ئادىل ئەمەس. بىدئەتچىلەرمۇ ئادىل ئەمەس. ھەدىستىكى ئادىللىق سۈپىتىدىن مەسقەت ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتۇر، بۇلار بولسا شەرئى ئىلىمنى چوڭقۇر بىلگەن ۋە ئەمەل قىلغان كىشىلەردۇر. ئالىملاردىن باشقىلارنىڭ بىلىدىغانلىقى قانچىلىك داۋا قىلىنسا قىلىنسۇن، بۇ توغرا ئەمەس. (فەتھۇلبارى 14\403)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەھلى دوزاخ ئىچىدىن خالىغانلارغا رەھمەت قىلماقچى بولسا پەرىشتىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلاردىكى سەجدە ئىزلىرىدىن تونۇپ، ئۇلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئاللاھ دوزاخقا سەجدىنىڭ ئادەم بالىسىدىكى ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن.» (سەھىھەين: «بۇخارى» 806-ھەدىس. «مۇسلىم» 182-ھەدىس.)
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۆمىنلەردىن جىق دوستلارنى تۇتقىن. شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە دوستلىرىنى شاپائەت قىلىدۇ. (تەپسىر بەغەۋى 8\340)
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com