ئىسلامىي پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە مۇھىم بايان
ئىمام ئىبنى قەييىم
(ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «تۇھفەتۇل مەۋلۇد» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)
پەرزەنت تەربىيىسىدە ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن بىرى پەرزەنتنىڭ ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرىشتۇر. چۈنكى، پەرزەنت كىچىك چېغىدا تەربىيىلىگۈچىسى تەرىپىدىن سادىر بولغان ئاچچىقى يامانلىق، ئالدىراڭغۇلۇق، نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەل بولۇپ كېتىش، ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قوغلىشىش، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق ئادەتلەر ئاساسىسىدا چوڭ بولسا، چاڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىدە بار قىلغان بۇ سەلبىي ئەخلاقلارنى يوق قىلىش قىيىنلىشىدۇ. بۇ خىل يامان ئەخلاقلار كىشى چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە خۇي-پەيلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشى بۇ خىل يامان ئەخلاقلاردىن بار كۈچى بىلەن قېچىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ، كىچىكىدە سىڭدۈرۈۋالغان ناچار ئەخلاقلار ئۇنىڭغا كانىدەك چاپلىشىۋېلىپ، كىشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بالىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، بالىنىڭ چوڭ بولغان مۇھىتىنىڭ ناتوغرا بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەربىيەنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك، بىر تۈركۈم ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئېزىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن
ئۇنىڭدىن سىرت، بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشكە باشلىغان چاغدا ئويۇن-تاماشا، ئەخلاقسىز سۆزلەر، بىدئەتلەر مەۋجۇت بولغان يەرلەردىن يىراق تۇتۇلۇشى كېرەك. چۈنكى، بالىنىڭ قۇلىقىغا ئورنىشىپ قالغان ناباپ سۆزلەر بالا چوڭ بولغاندا ئۇنىڭدىن ئايرىلىشى تەس بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بالىنى ئۇنىڭغا سىڭىپ قالغان ناچار ئەخلاقلاردىن قۇتقۇزۇشى قىيىىن بولىدۇ. كۆنگەن ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بەكمۇ قىيىن ئىشتۇر. ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇلىغۇچى ئىلگىرىكى ئادەتلىرىدىن تامامەن پەرقىلىق ھالدا ياشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئادەتلەرنىڭ كونترولىدىن چىقىش تولىمۇ تەستۇر.
پەرزەنت ئۆزىدە بارىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئەمەس، باشقىلاردا بارىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق چوڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى باشقا كىشىلەرنىڭ يامان ئادەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېلىشتىن ئەڭ يۇقىرى رەۋىشتە ئۇزاق تۇتسۇن.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى باشقىلارغا قول سوزىدىغان، باشقىلاردىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئەمەس، باشقىلارغا بېرىدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان قىلىپ كۆندۈرسۇن. ئاتا-ئانىنىڭ باشقىلارغا بىر نەرسە بەرمەكچى بولسا بۇنى بالىنىڭ قولى بىلەن بېرىش ئارقىلىق، بالىغا باشقىلارغا بېرىشنىڭ، ئاتا قىلىشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى يالغان سۆزلەش ۋە خائىنلىق قىلىشتىن — كىشىنىڭ جېنىنغا زامىن بولىدىغان زەھەردىن توسقاندەك — توسسۇن. چۈنكى، پەرزەنت يالغان سۆزلەشكە كۆنۈپ، خائىنلىق قىلىشتىن ئۇزاق تۇرالمىسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتى قولدىن كېتىدۇ. بۇنداق پەرزەنت تۈرلۈك ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.
ئاتا-ئانا بالىنى ھورۇنلۇقتىن، بىكارتەلەتلىكتىن ۋە راھەتپەرەسلىكتىن ئۇزاق تۇتۇپ، بالىنى بۇلارنىڭ زىتىغا ئادەتلەندۈرسۇن. ھورۇنلۇقنىڭ ۋە بىكارتەلەتلىكنىڭ ئاقىۋىتى ھەسرەت ۋە پۇشايماندۇر. ئىشلەش سەۋەبلىك ھېرىپ-چارچاش يا دۇنيادا، يا ئاخىرەتتە ياكى ھەر ئىككىسىدە ماختاشقا لايىقتۇر.
ئەڭ راھەت ياشىغۇچى ئەڭ كۆپ ھېرىپ-چارچىغۇچىدۇر. دۇنيادا باشلامچى بولۇشقا، ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشقا پەقەت ھېرىپ-چارچاش كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش ئارقىلىقلا ئۇلاشقىلى بولىدۇ. يەھيا ئىبنى كەسىر «بەدەننىڭ راھەتلىكى بىلەن ئىلىمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ» دېگەن.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا (تاڭ سەھەرگە يېقىن) ئويغىنىشقا كۆندۈرسۇن. چۈنكى، بۇ ۋاقىت غەنىمەتلەر تەقسىم قىلىنىدىغان، مۇكاپاتلار تارقىتىلىدىغان ۋاقىتتۇر. بۇ غەنىمەت ۋە مۇكاپاتلاردىن بەزى كىشىلەرنىڭ نېسىۋىسى ئاز، بەزى كىشىلەرنىڭ نېسىۋىسى كۆپتۇر. بەزى كىشىلەر بولسا بۇ نېسىۋىدىن تامامەن مەھرۇمدۇر. كىچىك چېغىدىلا كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيقۇدىن ئويغىنىشقا كۆنگەن بالىغا چوڭ بولغىنىدا بۇنداق قىلىش قەتئىي تەس كەلمەيدۇ.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى پاراڭ-سۆھبەتنىڭ، يەپ-ئىچىشنىڭ، ئۇيقۇنىڭ، ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىشنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىدىن چەكلىسۇن. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق بولۇشى كىشىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىشلارنى نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش كىشىنىڭ ھەم دۇنيانىڭ، ھەم ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى يەپ-ئىچىشكە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئارزۇ-ھەۋەستىن ئەڭ يۇقىرى رەۋىشتە ئۇزاق تۇتسۇن. چۈنكى، بۇ خىل ئارزۇلىرىغا يەتكۈزىدىغان سەۋەبلەرگە ئېرىشىپ، بۇ ئارزۇلىرىغا يەتكەن بالا كەلگۈسىدە مىسلىسىز ئېغىر بۇزۇلۇشنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ.
پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىلەشكە سەل قاراپ، پەرزەنتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئارقىلىق، پەرزەنتىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئاتا-ئانىلار نۇرغۇندۇر. پەرزەنتىنى تەربىيلەشكە سەل قاراپ، پەرزەنتىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش يولىنى تۇتقان بۇ خىل ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق قىلسام پەرزەنتىمنى ئەزىزلىگەن بولىمەن، بۇ قىلغانلىرىم پەرزەنتىمگە كۆيۈنگەنلىكىم دەپ قارىماقتا. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار پەرزەنتىنى خارلىماقتا ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلماقتىدۇر. بۇنداق ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ راھىتىنى كۆرەلمەيلا قالماي، پەرزەنتىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا سەۋەب بولماقتا. بالىلاردا كۆرۈلگەن بۇزۇلۇشلارنىڭ سەۋەبى تەتقىق قىلىنغىنىدا، بۇنىڭ ئومۇمىسىنىڭ ئاتا-ئانىدىن مەنبەلەنگەنلىكىنى كۆرىسەن.
ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ ئەقلىگە زىيان سالىدىغان ھاراق، چېكىملىك ۋە شۇ تۈردىكى زەھەرلىك ماددىلارغا، شۇنداقلا بۇ خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە يېقىن يولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، بۇنداق نەرسىلەردىن ۋە بۇ خىل كىشىلەردىن پەرزەنتنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى لازىم. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردۇر. كىشى ھاراق، چېكىملىك قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا باشلىنغاندا ھايا ۋە كۈللەش تۇيغۇسىنىڭ يوق بولۇشى ئۈچۈن قەدەم باسقان بولىدۇ. سەھىھ ھەدىستە «ھايا ۋە كۈللەش تۇيغۇسىنى يوق قىلغۇچى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېيىلگەن. (مۇسنەد ئەھمەد 2\26)
كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ تۇيىمىغان ئاساستا پەرزەنتلىرىنىڭ خەتەرگە يول ئېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، بۇ خىل خەتەر دۈشمەنمۇ ئالدىراپ كەلتۈرەلمەيدىغان خەتەردۇر. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار باردۇركى پەرزەنتلىرىنىڭ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ تۈرلۈك خەيرلەردىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە پەرز قىلغان پايدىلىق ئىلىمدىن ۋە ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن يۈز ئۆرىگەنلىكىدىندۇر. (چۈنكى، پايدىلىق ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەل ساھىبى بولمىغان ئاتا ئانا پەرزەنتىنى پايدىسىز ئىلىمگە، جاھالەتكە ۋە ناچار ئىش ھەرىكەتلەرگە يېتەكلەيدۇ.) ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلمەسلىكى، پەرزەنتنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلمەسلىكى ئاتا-ئانا بولغۇچىغا بېرىلگە بىر جازادۇر.
ئاتا-ئانا بولغۇچى ياكى بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى بالىنى يىپەك كىيىم كېيىشتىن چەكلىشى لازىم. ھەمجىنىسلىق، ھاراق ئىچىش، ئوغرىلىق قاتارلىق قىلمىشلار بالىنىڭ خاراكتېرىنى بۇزغىنىدەك، يىپەك كىيىم كىيىشمۇ ئەر جىنىسىدىكىلەرنىڭ خاراكتېرىنى بۇزىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە يىپەك ۋە ئالتۇن ھارام، ئاياللار ئۈچۈن ھالالدۇر.» (تىرمىزى 1720؛ ئىبنى ماجە 3595؛ مۇسنەد ئەھمەد 4\394)
كىچىك بالا مۇكەللەف (پەرز قىلىنغان دىنىي ئىبادەتلەرنى قىلىشى ۋە ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن يېنىشى پەرز ھېساپلانغۇچى) بولمىسىمۇ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياكى بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ بالىنىڭ ھارامنى قىلىشىغا يول قويۇشى ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بالىنىڭ ھارامنى قىلىشىغا يول قويۇلسا، بالا بۇ ھارامغا كۆنۈپ قالىدۇ، ئاقىۋەتتە بۇ ھارامدىن قول ئۈزۈشى قىيىنغا توختايدۇ. ئالىملار ئارىسىدىكى بۇ جەھەتتىكى ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ ئەڭ توغرا بولغىنى مانا بۇدۇر. كىچىك بالا مۇكەللەف بولمىغىنى بىلەن، مۇكەللەف بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقۇچىدۇر. بۇ ۋەجىدىن تاھارەتسىز ناماز ئوقۇشىمۇ، يالىڭاچ ياكى بەدەنلىرىدە مەينەتچىلىك بار ھالەتتە ناماز ئوقۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ھاراق ئىچىشى، قىمار ئوينىشى، ھەمجىنىسلىق قىلىشىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ.
بالا ئۆزى قىلالايدىغان ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئۇيغۇن بولغان ئىشنى قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىش بىلەن مەشغۇل قىلسۇن. شەرىئەت رۇخسەت قىلغانلىكى تەقدىردە بالىنى ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئىشتىن تەبىئىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشقا يېتەكلىشىگە يول يوق. ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەگەر بالىنى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان، بالا ياخشى قىلالايدىغان ئىشتىن باشقىسىغا يېتەكلىسە، ئويلىغىنىدەك نەتىجە ئالالمايدۇ. بالا ئۆزى ئۇيغۇن بولغان، ئۆزى ياخشى قىلالايدىغان ئىشنى قىلىشتىنمۇ مەھرۇم قېلىپ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن، ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئىش-ھادىسىلەرنى كۆزىتىشى ۋە چۈشىنىشىنىڭ ئورۇنلۇق، ئېسىنىڭ ۋە ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسە، بۇ بالىغا ئىلىم ساھەسىدە يېتىشىپ چىقىشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنداق بالا ئىلىم ساھەسىدە تەرەققىي قىلىپ باش كۆتۈرەلەيدۇ.
بالىنىڭ ئات مىنىش، قىلىچ-نەيزە ئوينىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئالاھىدىلىكى بولسا، ئىلىمگە قىزىقىشى يوقلۇقى بىلىنىپ، ئىلىمگە كىرىشەلمىسە، ئۇ ھالدا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنى چەۋەندازلىق جەھەتتە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك بولىدۇ. ئىلىمگە قىزىقىشى يوق، ئەمما چەۋەندازلىقتا ئالاھىدىلىكى بار بالىنى مۇشۇ ساھەدە تەربىيىلەش ھەم بالا ئۈچۈن، ھەم مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىكتۇر.
بالىنىڭ بۇلاردىن باشقا ساھەگە قىزىقىشى بارلىقىنى، مەسىلەن خام ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئەشيالارنى ياساپ چىقىش جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بارلىقى بايقالسا، بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بولغان بۇ سانائەت تۈرى ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولمىغان، ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان سانائەت تۈرى بولسا، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنى بۇ جەھەتتە تەربىيىلىشى كېرەك بولىدۇ.
ئەمما، شۇنى بىلىش لازىمكى، يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ دىنىي جەھەتتە بىلىشى كېرەك بولغان ئەقىدە، بەش پەرز فىقھى، ئىسلامىي ئەدەپلەر قاتارلىق زۆرۈر شەرئىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىدىن كېيىن كېلىدۇ.
ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «تۇھفەتۇل مەۋلۇد»