ئىستىھازە بولغان ئايال قانداق ناماز ئوقۇيدۇ ۋە قاچان روزا تۇرىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى : ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاپ: ئىستىھاز بولغان ئايالنىڭ ھۆكمى شۇكى؛ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئادەت مەزگىلى بويىچە ناماز ۋە روزىدىن چەكلىنىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ نورمالدىكى ھەيىز مەزگىلى ھەر ئاينىڭ بىشىدىكى ئالتە كۈن بولسا، ئۇ ھەر ئاينىڭ بىشىدىكى ئالتە كۈندە ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، ئەگەر بۇ مۇددەت ئاخىرلاشسا، غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ ۋە روزا تۇتىدۇ.
ئىستىھاز بولغان ئايالنىڭ ناماز قىلىش شەكلى بولسا؛ ئەۋرىتىنى تولۇق يۇيىدۇ، رەخىت قويىدۇ، تاھارەت ئالىدۇ ۋە بۇنى پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن قىلىدۇ، ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن قىلمايدۇ، ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كىيىن شۇنداق قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئەگەر ئۇ پەرز نامازنىڭ ۋاقتى ئەمەس چاغدا، نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولسىمۇ مۇشۇنداق قىلىدۇ.
بۇ ئايال كىشىگە نىسبەتەن تولىمۇ قىيىن ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى، شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى قوشۇپ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ پېشىن ۋە ئەسىردىن ئىبارەت ئىككى نامازغا بىر قىتىم بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ ۋە شام بىلەن خۇپتەنگىمۇ بىر قىتىم قىلىدۇ، بامدات نامىزى ئۈچۈن بىر قىتىم قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ بەش قىتىم قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۈچ قىتىم قىلىدۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! (فتاوى أركان الإسلام، 183-نومۇرلۇق پەتىۋا)