ئىبنى ئۇسەيمىن | نامازدىن كېيىن يۇقىرى ئاۋازدا فاتىھە ئوقۇپ، ئوپچە زىكىر قىلىشنىڭ ھۆكمى
263-سوئال: بەزى يۇرتلاردا پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بولۇپ سۈرە فاتىھە، زىكىر ۋە ئايەتەل كۇرسى ئوقۇلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1421)
جاۋاب: نامازدىن كېيىن جامائەت بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا سۈرە فاتىھە، ئايەتەل كۇرسى ئوقۇش، ئوپچە ھالەتتە زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش بىدئەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ نامازدىن كېيىن ئاۋازلىق شەكىلدە زىكىر ئوقۇغانلىقى مەلۇم، ئەمما، ئۇلار بىرلىكتە\ ئوپچە ھالەتتە ئەمەس، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا زىكىر-تەسبىھ ئوقۇيتتى. پەرز نامازدىن كېيىن ئاۋازىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىش سۈننەتتۇر. چۈنكى، سەھىھ بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان:((كان رفع الصوت بالذكر حين ينصرف الناس من المكتوبة على عهد النبي ﷺ)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا كىشىلەر پەرز نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ زىكىر ئوقۇيتتى.» متفق عليه، رواه البخاري في الأذان / باب الذكر بعد الصلاة (٨٤١)، ومسلم في المساجد / باب الذكر بعد الصلاة (٥٨٣).
نامازدىن كېيىن سۈرە فاتىھە ئوقۇشقا كەلسەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈرە فاتىھەنى مەيلى ئاشكارا، مەيلى يوشۇرۇن ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ھەدىس بارلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق، نامازدىن كېيىن ئەيەتەل كۇرسى، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇش توغرىسىدا ھەدىسلەر كەلگەن. [رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇسا، ئۇنى جەننەتكە كىرىشتىن پەقەت ئۆلۈملا توسۇپ قالىدۇ.» رواه النسائي في «عمل اليوم والليلة» ص ١٨٥
مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنداق كەلگەن:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر نامازدىن كېيىن سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناسنى ئوقۇيتتى.» أخرجه الإمام أحمد ٤/١١٥] (فتاوى أركان الإسلام، 340)