2|113|وَقَالَتِ الْيَهُودُ لَيْسَتِ النَّصَارَى عَلَى شَيْءٍ وَقَالَتِ النَّصَارَى لَيْسَتِ الْيَهُودُ عَلَى شَيْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ الْكِتَابَ كَذَلِكَ قَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
(نەجران خرىستىيانلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، يەھۇدىلارنىڭ خاخاملىرىمۇ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا خىرىستىئانلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى1) يەھۇدىيلار «خىرىستىئانلار توغرا دىندا ئەمەس» دېيىشتى (ۋە ئىنجىل بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى2)، خىرستىئانلار بولسا «يەھۇدىلار توغرا دىندا ئەمەس» دېيىشتى (ۋە تەۋرات بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى3). ھالبۇكى، ئىككىلى تائىپە كىتابنى ئوقۇپ تۇرىدۇ (ھەر ئىككى تائىپىنىڭ كىتابىدا ئۆز داۋاسىنىڭ ئەكسىگە دەلىل بولىدىغان مەزمۇنلار بار4). بىلمەيدىغانلارمۇ (يەنى ئەرەپ مۇشرىكلىرىمۇ5) دەل ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك دېيىشتى (يەنى ئەرەپ مۇشرىكلىرىمۇ رەسۇلۇللاھنى توغرا دىن ئۈستىدە ئەمەس دېيىشتى6). ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ (يەنى، دىن ھەققىدە كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ باتىل ئۈستىدە بولغانلىقى توغرۇلۇق قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ7.) [1-،2-،3-،4- تەپسىر ئىبنى كەسىر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى 6-،7- تەپسىر بەغەۋى]
***
ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىم سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەرەم مەسجىدىدە، كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى1:
2|114|وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَى فِي خَرَابِهَا أُولَئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىنى (يەنى ناماز ۋە باشقا تۈرلۈك ئىبادەتلەرنىڭ قىلىنىشىنى2) مەنئىي قىلغان (ھەج ۋە ئۈمرە ئۈچۈن بەيتۇللاھقا سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ يولىغا پۇتلىكاشاڭ بولغان3)، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ (چېقىلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىش ئارقىلىق-4) خاراپ بولۇشى ئۈچۈن (ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە5) ھەرىكەت قىلغان كىشىدىنمۇ زالىمراق كىم بار؟ (گۇناھ جەھەتتە بۇنداقلاردىنمۇ چوڭ گۇناھكار يوق6. بۇنداق قىلغۇچىلار كاپىرلىقى ئەڭ ئۈستۈن، ئازغۇنلۇقى ئەڭ ئېغىر كىشىلەردۇر7) (ئاللاھنىڭ بەندىنى قورقۇتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھمۇ بۇ زالىملارنىڭ قەلبىگە قورقۇچ سالغاندۇر8. شۇڭا) بۇنداق زالىملار ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىگە پەقەت قورقۇنچ ئىچىدىلا كىرىشىدۇ. بۇنداقلارغا دۇنيادا خارلىق، ئاخىرەتتە بولسا دەھشەتلىك جازا باردۇر. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر 4-،5-،6-تەپسىر سەئدى 7.تەپسىر بەغەۋى 8.تەپسىر سەئدى]
ئالىملار بۇ ئايەتنى كاپىرلارنىڭ مەسجىدكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. [تەپسىر سەئدى]
***
ساھابىلەر قاراڭغۇ بىر كېچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە ئىدى. ھەر-بىرى نەپلە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغىنىدا قىبلىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق بىلەلمەي، ئۆز قانائىتى بويىچە قىبلە دەپ قارىغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشتى. تاڭ ئاتقاندا ئۆزى قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرەپنىڭ قىبلە ئەمەسلىكىنى بىلدى. بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلىۋىدى، تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى1:
2|115|وَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
شەرقمۇ ئاللاھنىڭدۇر، غەربمۇ ئاللاھنىڭدۇر. (ئەھۋالى نېمە بولسا بولسۇن، بەندە يۈز كەلتۈرگەن ھەر قانداق تەرەپ مۇتلەق رەۋىشتە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىدۇر2) بۇنداق ئىكەن، (نامازدا3 ياكى دۇئادا4) قايسى تەرەپكە يۈز كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى ئۇ تەرەپتىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋاسىئتۇر (لۇتفى كەڭرى، سۈپەتلىرى بۈيۈكتۇر5)، ھەممە ئىشلارنى (سىلەر يوشۇرغان ئىشلارنىمۇ، سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلارنىمۇ6) مۇكەممەل رەۋىشتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1. زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2.تەپسىر سەئدى 3.تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر 5-،6-تەپسىر سەئدى]
مەزكۇر ئايەتنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تەپسىرلىگەن تەپسىرشۇناسلار ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن، كەبىدە ناماز ئوقۇغاندا كەبە كۆز ئالدىدا بولۇشىغا قارىماي، بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ئاي مۇددەت ئىچىدە ئوخشاشلا بەيتۇل مەقدىسكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇدى. كېيىن ئاللاھ كەبىنى قىبلە قىلىپ تەيىنلەپ يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى.[تەپسىر ئىبنى كەسىر]
ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى ئارىسىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنىمۇ بايان قىلغان:
قىبلە كەبىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنى ئەيىپلەپ «بۇلارنىڭ مۇقىم قىبلىسى يوق. بىردەم ئۇياققا، بىردەم بۇياققا قاراپ ناماز ئوقۇشىدۇ» دېيىشتى. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. [تەپسىر بەغەۋى]
بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئۆز ئۇلۇغلۇقىغا لايىق شەكىلدە، مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىي يۈزىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان.[تەپسىر سەئدى]
ناتونۇش جايلاردا ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىدىن شۈبھىگە چۈشسە، قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ ئاندىن ئۆزى قىبلە ئىكەنلىكىگە قانائەت كەلتۈرگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. كېيىن ئۆزى قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرەپنىڭ قىبلىدىن باشقا تەرەپ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇغان تەرەپ قىبلە بولىدۇ، نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. [تەپسىر سەئدى]
***
2|116|وَقَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا سُبْحَانَهُ بَلْ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ
ئۇلار (يەھۇدىيلار، خىرىستىئانلار، باشقا مۇشرىكلار1) «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى. ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر. ئەكسىچە، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر قانداق نەرسە ئاللاھقا ئائىتتۇر. (بالا بىر-بىرىگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتتىكى ئىككى جانلىقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ بولسا ھېچقانداق ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر2. ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۈلكىدۇر، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بەندىلىرىدۇر3. ئاللاھنىڭ جۈپتى يوقتۇر. بۇنداق ئىكەن، ئاللاھنىڭ قانداقسىگە ئوغلى بولىدۇ؟4) ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھقا بويۇن ئېگىدۇ. [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر 3. تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر]
«ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى — يەنى، يەھۇدىلار ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر، دېيىشتى. خىرىستىئانلار بولسا ئىسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر دېيىشتى. ئەرەپ مۇشرىكلىرى پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر دەپ بىلجىرلىدى. (تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر)
ئىمام بۇخارى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ مۇنداق دېدى:«ئىنسان بالىسى مېنى يالغانچىغا چىقاردى. ھالبۇكى، يالغانچىغا چىقارماسلىقى كېرەك ئىدى. ئىنسان بالىسى ماڭا ھاقارەت قىلدى. ھالبۇكى، ھاقارەت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئىنسان بالىسىنىڭ مېنى يالغانچىغا چىقىرىشى — مېنىڭ ئۆزىنى ئەسلى ھالىتىدە قايتا يارىتىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىدۇر. ماڭا ھاقارەت قىلىشى بولسا — مېنى بالىسى بار، دېيىشىدۇر. ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمگە جۈپت تۇتۇشتىن ياكى بالىلىق بولۇشتىن پاكمەن.» (سەھىھۇل بۇخارى 4482)
2|117|بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَإِذَا قَضَى أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلىپ ياراتقۇچىدۇر. (ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېچبىر ئۆرنەكسىز ھالدا، مۇكەممەل رەۋىشتە ياراتتى1) ئاللاھ بىر ئىشنىڭ (ياكى) نەرسىنىڭ بولۇشىنى تەقدىر قىلسا2 «بول» دەيدۇ-دە، ئۇ ئىش (ياكى) نەرسە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر بەغەۋى]
2|118|وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ لَوْلَا يُكَلِّمُنَا اللَّهُ أَوْ تَأْتِينَا آيَةٌ كَذَلِكَ قَالَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ مِثْلَ قَوْلِهِمْ تَشَابَهَتْ قُلُوبُهُمْ قَدْ بَيَّنَّا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
بىلمەيدىغانلار (يەنى مەيلى كىتاب ئەھلى، مەيلى باشقا دىنغا مەنسۇپ بولغۇچىلار ئارىسىدىكى بىلىمسىز جاھىللار1) «ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغاندەك2) بىزگە سۆز قىلىشى (يەنى بىزگە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى3) ياكى بىزگە (مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان4) بىر مۆجىزە كېلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟» دېيىشتى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى كاپىرلارمۇ5) ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەينىسىنى دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى (كۇفۇردا، قاتتىقلىقتا ۋە نامۇۋاپىق ئىشلارنى تەلەپ قىلىشتا6) بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاشتۇر. بىز يەقىين ساھىبلىرى (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىغا، شەرئىتىنىڭ ھەقلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى شەكسىز رەۋىشتە بىلىپ، تونۇغۇچىلار7) ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئوپئوچۇق بايان قىلدۇق. [1-،2- تەپسىر سەئدى 3-،4-،5-،6-تەپسىر بەغەۋى 7.تەپسىر سەئدى]
2|119|إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ
(ئى پەيغەمبەر1) شۇنىڭدا شەك-شۈبھە يوقكى، بىز سېنى (ساڭا ئىتائەت قىلغۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەت بىلەن2) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ساڭا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىتسىزلىك ۋە ھالاكەت بىلەن3) ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈپىتىدە ھەق بىلەن (يەنى قۇرئان، ئىسلام4 ۋە سۈننەت بىلەن5) ئەۋەتتۇق. سەن جەھەننەم ئەھلى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن (سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ھەقنى ئەينى پېتى يەتكۈزۈشتۇر، ھېسابقا تارتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر-س.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3-تەپسىر سەئدى 4. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 5-،6-تەپسىر سەئدى]