ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
تولۇق ئىسمى سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان خەزرەجى ئەلئەنسارى. ئەلخۇدر — مەدىنىدە ئەنسارلار ياشايدىغان بىر مەھەللىنىڭ ئىسمىدۇر. ئۇ مۇشۇ مەھەللىگە نىسبەت بېرىلىپ ئەلخۇدرى دەپ ئاتالغان. ساھابىلەرنىڭ ئالىملىرىدىندۇر. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە بىر تۈركۈم پەتىۋالارنى بەرگەن. ھىجرىيەنىڭ 74-يىلىنىڭ باشلىرىدا 86 يېشىدا ۋاپات بولغان. (سەفىيۇرراھمان، بۇلۇغۇلمەرام شەرھى 13) مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى