ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپ رەسۇلۇللاھنىڭمۇ چوڭ دادىسى ئىدى. ئۇ ئۈممەتنىڭ ئىلىم خەزىنىسى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ ھىكمەت ساھىبى ۋە چوڭقۇر دىنىي چۈشەنچە ساھىبى بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئىلىمدە يۇقىرى سەۋىيەگە ئۇلاشقان ۋە مەشھۇر بولغان. ھىجرەتتىن ئۈچ يىل ئاۋۋال مەككىدە تۇغۇلغان. ھىجرەتنىڭ 67-يىلى تائىفتا ۋاپات بولغان. (سەفىيۇرراھمان، بۇلۇغۇلمەرام شەرھى 17)
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com