سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ زامان سۈكۈت قىلىش ۋە ئۆيلەرگە بېكىنىش زامانىدۇر. (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\281)
داۋۇد تائىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«شىر-يولۋاستىن قانداق قاچساڭ، ئىنسانلاردىن شۇنداق قاچقىن.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\281)
تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە ئىبنى سىرىن مۇنداق دېگەن: «ئۇزلەتتە ياشاش ئىبادەتتۇر.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\281) ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەرنىڭ ئۇزلەت قىلىدىغان جايلىرى ئۆيلىرىدۇر.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\281)
* ئۇزلەت گۇناھتىن ۋە گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان سۆز ھەرىكەتلەردىن قېچىش، رەببىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن يۈزلىنىش ۋە يېقىنلىشىش ئۈمىدىدە، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە قىلىشقا مەجبۇر بولغان — مەسىلەن، جامائەت نامىزى، مۇدائىپە جىھادى، ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈۋەتمەستىن داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق — پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئەتمىگەن ھالدا، ئىنسانلارغا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ قوپۇشتىن قېچىشتۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن:«ۋەسۋەسە قىلغۇچى (شەيتان) دىن قورقمىسام، ھېچكىم تونۇمايدىغان يەرگە كەتكەن بولاتتىم. ئىنساننى بۇزىدىغىنى ئىنساندىن باشقا كىم؟» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\281)
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن:«بىرەيلەننىڭ سۈكۈتى كۆپ بولسا ۋە ئىنسانلاردىن قاچىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭغا ھېكمەت بېرىلگەندۇر.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\281)
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىزدىن ئىلگىرىكىلەر (ساھابە ۋە تابىئىنلار) ئۇزلەتنى ۋە يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرەتتى.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى،2\282)
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇندق دېگەن:«ئىنسانلارنى ئاز تونۇ.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى،2\282)
ئىبراھىم ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئۆزۈڭ تونۇمايدىغان كىشىنى تونۇشقا ئىنتىلمە. تونۇيدىغان كىشىلىرىڭنى ئۇنۇت.» (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\282)
شۇئەيب ئىبنى ھەرب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار ئۈچ تۈرلۈكتۇر: (1) سەن ئىلىم ئۆگەتسەڭ سەندىن بۇ ئىلىمنى ئالىدىغان كىشى. (2) سەن ئىلىم ئۆگىنىدىغان كىشى. مانا بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنسان بىلەن ئارىلىشىسەن. ئەمدى، بۇ ئىككىسىدىن بولمىغان ئۈچىنچى تۈرلۈك كىشى سېنىڭ قېچىشىڭ كېرەك بولغان كىشىدۇر. (ئىبنۇل جەۋزى: تەبسىرە، ئۇزلەت بابى، 2\282)