ئايالىڭلار مۇنۇ ئىشلارنى قىلسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن
قۇدرەت بارات
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان ئەرلەر! ئاللاھ سۇبھانى ۋەتائالا بىز ئەرلەرنى ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ياراتتى. شۇداقلا بىزلەرنى ساغلام جەمئىيەتنىڭ بەرپاچىسى، ساغلام ئىماننىڭ قورۇقچىسى، بەخىتلىك ئائىلىنىڭ قاراۋۇلى قىلىپ ياراتتى. ئەرلەرنىڭ مۇشۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى — ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش جۈملىسىدىندۇر. بۇ مەجبۇرىيەتلەر ئاللاھقا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ ئۈستۈنلىرىدىندۇر.
ئاللاھ يەنە بىزنى قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ ياراتتى. جەمئىيەتتىكى ئەھۋاللاردىن ئايان بولۇۋاتقىنى شۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەرلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى قىز – ئاياللارنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئىلاھىي ئىلىملەردىن ئۇزاق قېلىۋاتىدۇ.
زور بىر قىسىم خانىم – قىزلارنىڭ ھاياتى ئۆي تازىلاپ، بالا بېقىش بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. تېخى بەزى مۇسۇلمان ئاتالغان خانىم – قىزلارنىڭ ئېشىنچە ۋاقتى —تولىمۇ ئەپسۇسكى — «ۋەتەندىن چىققان» فىلىملەرنى كۆرۈش، «چەتئەلدىن كىرگەن» ناخشا – مۇزىكىلارنى تىڭشاش. «ئىچىمىزدىن چىققان» جاھالەتپەرەسلەر ئاياللارنىڭ چاكىنا قىلىقلىرىغا جۆر بولۇش بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.
بۇنىڭ ھەممىسى ئەرلەرنىڭ بوشاڭ، مەسئۇلىيەتسىزلىكدىن، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بەسىيرەتسىزلىكىدىن مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ.
ئىسلام ئاياللىرىنىڭ جاھىلىيەت ئاياللىرىدەك پۇل تېپىش، ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئەر بىلەن تەڭ كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى يوق. ئىسلام ئاياللىرىنىڭ ئاللاھقا ياخشى ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆي تۇتۇش، بالا بېقىش ۋەزىپىسى بار. ئەمما، ئاللاھقا ياخشى ئىبادەت قىلىش، ئۆينى ياخشى بېقىش، بالىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن چوقۇم پايدىلىق دىنىي ئىلىملەرگە قىز-ئاياللىرىمىز ھەممە نەرسىدىن بەك ئېھتىياجلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاياللىرىمىزنىڭ قۇرئان – سۈننەتكە يېقىن بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرمىسەك، قۇرئان، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرۇشنى مەجبۇرىيەت قىلىپ تاڭمىساق بولمايدۇ.
ئۇلارغا قۇرئاندىن ئەڭ كەم بىر قانچە پارە يادلاش، يادلىغانلىرىنىڭ مەنىسىنى ۋە تەپسىرىنى چۈشىنىش، ئونلارچە پارچە ھەدىس كىتابى ئوقۇش مەجبۇرىيىتى يۈكلىمىسەك بولمايدۇ. قۇرئاننى دائىم ئوقۇپ تۇرۇشىغا، قارىغۇلارچە ئوقۇش ئەمەس، چۈشىنىپ تۇرۇپ، مەنە تەپسىرلىرىنى مۆتىۋەر مەنبەلەردىن ئۆگىنىىپ تۇرۇپ ئوقۇپ تۇرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمىسەك بولمايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى، پەرزەنتنىڭ تەربىيىچىسى بولغان ئانا ئاللاھ ۋە رەسۇلى نېمىنى چەكلىدى، قۇرئان ۋە سۈننەت نېمىگە بۇيرۇدى، بۇنى دەلىلى بىلەن بىلىشكە كۈچىمىسە بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا بىردەك پەرز ئەيندۇر. ئاياللىرىمىز قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇق چەكلىمىلەرنى بىلمىسە، مىللەت سۈپىتىدە دىن ھەققىدە، ئاخىرەت ھەققىدە، دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى تونۇش ھەققىدە قاپقارا جاھىل پېتى قېلىۋېرىمىز.
شۇڭا، ئاياللىرىڭلارغا ھەپتىلىك، ئايلىق ۋە يىللىق ۋەزىپە يۈكلەپ، جازا-مۇكاپات تۈزۈمى قوللىنىشىڭلار «ئايال-بالىلىرى توغرىسىدا سوئال سوراق قىلىنىدىغان پادىچى» بولمىش سىلەر ئەرلەرنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتلىرىدىن بىرىدۇر.
ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى قولىدىكى تېلفۇنى بولىۋاتىدۇ. فىيسبۇك، ئىنستاگرامنى ئاچسىلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ناخشا-مۇزىكا، نامەھرەم ئەر، ناشايان قىلىقلار، ھەزل پاراڭ، تېتىقسىز كۈلكە -چاقلار ئۇچرايدۇ. ئەقىل ئىگىلىرىگە سىر ئەمەسكى، بۇنىڭ بىلەن كۆپ ئۇچراشقان ئايالنىڭ بارغانچە ئەقلى يىگىلەيدۇ، ئىبادىتى سۇسلايدۇ، قەلبى بۇزۇلىدۇ، ئىپپىتى سۇسلايدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزمۇ بۇ شەيتان ۋاستىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاياللىرىمىزنى بۇنىڭدىن چەكلىشىمىز؛ ھاياتىمىزنى، ۋاقتىمىز دىنىمىزغا ۋە دۇنيالىقىمىزغا پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك قەتئىي بولمايدۇ. ئاياللار تاماقنى ئېتىپ بەرسە، كىر -قېتىمىزنى يۇيۇپ بەرسە شۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي، مەنىۋىي يۈكسىلىشىگە پەرۋاسىز ھالدا ياشاۋارسەك، ھايۋاندىن نېمە پەرقىمىز قالىدۇ؟
بەزى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ مەنىۋىيىتى پۈچەكلىشىپ، دىنى زىيادە سۇسلىشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئولتۇرسا قوپسا يەپ ئىچكىنىنى، تۇتقان ئۆيىنى داملىتىدىغان، ئۆز تۇرمۇش ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى بولماسلىقىغا قارىماي، باي ئائىلىنىڭ خانىم – قىزلىرى بىلەن دۇنيالىق جەھەتتە بەسلىشىدىغان، ئۆزەڭگە سوقۇشتىدىغان ناچار شەيتانى ئەھۋال مەۋجۇتلۇقى بەزى دىنىي دوكتورلىرىمىزدىن ماڭا شىكايەت قىلىندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزلەرنى دەل مۇشۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ «مەن سىلەرنىڭ نامراتلىقتا قېلىشىڭلاردىن قورقمايمەن، سىلەرگە بايلىق كېلىپ، شۇ بايلىق ئارقىلىق بىر-بىرىڭلار بىلەن بەسلىشىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېگەن ئەمەسمىدى. بۇ خىل خانىم-قىزلارنىڭ بەزىلىرى تېخى ئۇلۇغ ھەرەم دىيارلىرىدا ياشاۋاتقان خانىم قىزلار ئىكەن. بۇ قىلمىشلار ئېنىقلا كىشىنىڭ كۆزى ئاچلىشىپ، مەنىۋىيىتى پۈچەكلىشىپ، ئىنسانىيلىق سۈپەت مەنزىللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەندە ئاندىن يۈز بېرىدىغان شەيتانىي قىلمىشلاردۇر. بۇ قىلمىشلار داۋاملاشقانسېرى خانىم – قىزلىرىمىز «جاھالەت پىرلىرى» بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەپ كېتىۋېرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق خانىم – قىزلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەرلەر بىرئاز قەھرى بار، تاتلىقى بولغان يەردە ئاچچىقىمۇ بار، خوتۇنىغا ئىگە بولىدىغان، ئۇنىڭ شەيتانلىشىشغا قارشى شىردەك ھۆركىرىيەلەيدىغان ئەركەكلىك خاراكتېرىنى بالدۇرراق تېپىۋېلىشى لازىم.
ئەزىز قېرىنشاشلار! ئايالىڭلار قولىغا تېلفۇننى ئالسىلا ئاچچىقىڭلار كېلىدىغان بولسۇن. ئاياللىرىڭلار غەيۋەتكە چۈشسە ئاچچىقىڭلار كېلىدىغان بولسۇن. ئاياللىرىڭلار باشقا ئاياللار بىلەن ئۆي تۇتۇشتا، كىيىم كىيىشتە بەسلىشىشكە چۈشسە ئاچچىقىڭلار كېلىپ، قۇيقا چېچىڭلار تىك تۇرىدىغان بولسۇن. ئايالىڭلار «يولدىشىم قولۇمغا تېلفۇن ئالسام ئاچچىقلايدۇ، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئالسام خۇش بولىدۇ» دېگەن تونۇشقا كەلسۇن. بۇنى ئىچ – ئىچىدىن ھېس قىلسۇن. شۇندىلا ئائىلە ئىسلاھ بولۇشقا، ئاندىن جەمئىيەت ئىسلاھ بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.
ىسلاھ بولمىغان ئائىلىدە ياخشىلىق يوق. ئايالىڭلار سىلەرنىڭ دىنغا بولغان ساداقىتىڭلارغا، مۇسۇلمانلارغا بولغان ياخشى كۆرۈشۈڭلارغا، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىڭلار ۋە قورقۇشۇڭلارغا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بولغان مۇھەببەت ۋە ئەگىشىشىڭلارغا؛ ئىچىڭلار بىلەن تېشىڭلار بىردەك دۇرۇس ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا يېنىش-يېنىشلاپ، قايتا-قايتا شاھىد بولغانچە، بۇ ئۇلارغا تەسىر قىلىپ، ھەقكە بولغان ئىنتىلىشى ئاشىدۇ. ئايالىم ئېسىل ئايال بولسۇن دېسەڭلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئېسىل، مەردانە، تەقۋادار ئەر بولۇشقا تىرىشىڭلار.
تالاغا ماڭغاندا «ئەمىسە بۈگۈنىڭىزنى ئاللاھقا يارىغۇدەك ياخشى ئۆتكۈزۈڭ» دەپ تاپىلاپ مېڭىشنى ئۇنۇتماڭلار. ئۆيگە قايتقىنىڭلاردا «بۈگۈن نېمىلەرنى قىلدىڭىز، قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن نېمىلەرنى ئوقۇدىڭىز، ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ، قەلبىمىزنى بۇزۇپ، ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىۋاتقان تېلفۇندىن ئۇزاق تۇردىڭىزمۇ يوق…» دەپ سوراپ، ھېساب-كىتاب قىلىڭلار. ئەڭ ئېسىل ئايالنىڭ يات ئەرلەردىن ئۇزاق، ئىسلامغا ئۇيغۇن بولمىغان بارچە نەرسىلەردىن ئۇزاق ئاياللار ئىكەنلىكىنى دائىم ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇپ تۇرۇڭلار.
بۇ ھال داۋاملاشسا ئايالىڭلار بارغانچە بىلىملىكىشىدۇ ۋە تەقۋالىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ ئىنشائاللاھ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ، تەقۋادار ئەمەسلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئائىلىمۇ، جەمئىيەتمۇ مانا بۇ ئارقىلىق ئىسلاھ بولىدۇ.
ئاياللارنى بالا-بېقىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگىلا تاشلاپ بېرىپ، ئايدا يىلدا ئاشخانا، باغچىلارغا ئاپىرىپ ئاندا-ساندا كۆڭلىنى ئېچىپ، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپلا بولدى قىلىپ، ئايالىنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە دىنى بىلەن چاتىقى بولماي يۈرىدىغان ئەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا، مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ ئالدىدا ئېغىر جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ.
ئاياللىرىڭلارنى ئېسىل باشلىق خىزمەتچىسىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرۇڭلار. سېستىمىلىق رەۋىشتە سۈننەتكە ئۇيغۇن باشقۇرۇلمىغان ئايالدىن بارغانسېرى ھەممىلا جەھەتتىن چاتاق چىقىدۇ. گۈزەل شەكىلدە، ئىسلامىي رەۋىشتە باشقۇرۇلغان ئايال ھەقىقىي بەخىتلىك ئايالدۇر. ئاياللىرىڭلارنى تور ۋە تېلفۇنسۆيەر ئەمەس، قۇرئان ۋە ھەدىسسۆيەر، ناماز ۋە زىكىرسۆيەر ئاياللاردىن قىلىپ چىقىشقا ھەر بىرىمىز تىرىشساق، مانا بۇ چاغدا كەلگۈسىمىز پارلاق، ئاخىرەتلىكىمىز بەختلىك بولىدۇ. مەڭگۈ ئۇنۇتماڭلاركى، ئىسلام ئۈممىتى قۇرئان-ھەدىس سۆيەر مۆمىنە ئاياللارغا ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق. ھەربىر مۇسۇلمان ئائىلىسى قۇرئان-ھەدىس سۆيەر ئايالغا ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق. ھەر بىر پەرزەنت قۇرئان-ھەدىس سۆيەر ئانىغا — گەرچە ئۆزى بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلالمىغان تەقدىردىمۇ — ھەممىدىن ئھېتىياجلىق. ئۆينىڭ ھەر-بىر بۇلۇڭ پۇشقىقى قۇرئان-ھەدىس سۆيەر ئانىغا ھەممىدىن ئېھتىياجلىق.
ئاياللىرىڭلار قولىغا تېلفۇننى ئالسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار كۈنىگە بىرەر پارە قۇرئان ئوقۇمىسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار ئېيىغا بىرە پارچە ئېسىل دىنىي كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار ھەپتىسىگە بىرەر يېڭى سۈرىنى يادلاپ تۈگەتمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار قۇرئاندىن ئوقۇۋاتقانلىرىنىڭ مەنىسىنى ۋە قىسقىچە تەپسىرىنى توغرا رەۋشىتە دەپ بېرەلمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ تارىخىنى بىلمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشنى بىلمىسە قاتتىق ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار كۈنىگە بەش ئون رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇمىسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار كۈنىگە بىرەر يۈز قېتىم ئىستىغفار ئوقۇمىسا ۋە ھەر نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنى ئوقۇمىسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار بازارغا ئامراق، يەپ-ئىچىشكە ئامراق، ئەمما ئىلىم ۋە ئىبادەتكە سۇس چىقىپ قالسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن، تاكى ئىلىم ۋە ئىبادەتكە ھەقىقىي چۆكمىگۈچە سىلىنى خۇشال قىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلسۇن. ئەنە شۇندىلا بەختلىك ئەر بولالايسىلەر، بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشەلەيسىلەر، بەختلىك پەرزەنتلەرنىڭ دادىسى بولالايسىلەر.
