ئايالىڭلار مۇنۇ ئىشلارنى قىلسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئى ھۆرمەتلىك ئەر قېرىنداشلار! ئاياللارغا قۇرئاندىن ئەڭ ئاز بىر قانچە پارچە يادلاش، يادلىغانلىرىنىڭ مەنىسىنى ۋە تەپسىرىنى چۈشىنىش، ئونلارچە پارچە ھەدىس كىتابى ئوقۇش مەجبۇرىيىتى يۈكلىمىسەك بولمايدۇ. بولمىسا، مىللەت سۈپىتىدە دىن ھەققىدە، ئاخىرەت ھەققىدە، دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى تونۇش ھەققىدە قاپقارا جاھىل پېتى قېلىۋېرىمىز.
شۇڭا، ئاياللىرىڭلارغا ھەپتىلىك، ئايلىق ۋە يىللىق ۋەزىپە يۈكلەپ، جازا-مۇكاپات تۈزۈمى قوللىنىشىڭلار «ئايال-بالىلىرى توغرىسىدا سوئال سوراق قىلىنىدىغان پادىچى» بولمىش سىلەر ئەرلەرنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتلىرىدىن بىرىدۇر.
ئايالىڭلار قولىغا تېلفۇننى ئالسىلا ئاچچىقىڭلار كېلىدىغان بولسۇن. ئاياللىرىڭلار غەيۋەتكە چۈشسە ئاچچىقىڭلار كېلىدىغان بولسۇن. ئاياللىرىڭلار باشقا ئاياللار بىلەن ئۆي تۇتۇشتا، كىيىم كىيىشتە بەسلىشىشكە چۈشسە ئاچچىقىڭلار كېلىپ، قۇيقا چېچىڭلار تىك تۇرىدىغان بولسۇن. ئايالىڭلار ئىچ ئىچىدىن «يولدىشىم قولۇمغا تېلفۇن ئالسام ئاچچىقلايدۇ، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئالسام خۇش بولىدۇ» دېگەن تونۇشقا كەلسۇن. ئاندىن ئائىلە ئىسلاھ بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئىسلاھ بولمىغان ئائىلىدە ياخشىلىق يوق. ئايالىڭلار سىلەرنىڭ دىنغا بولغان ساداقىتىڭلارغا، مۇسۇلمانلارغا بولغان ياخشى كۆرۈشۈڭلارغا، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىڭلار ۋە قورقۇشۇڭلارغا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بولغان مۇھەببەت ۋە ئەگىشىشىڭلارغا؛ ئىچىڭلار بىلەن تېشىڭلار بىردەك دۇرۇس ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا يېنىش-يېنىشلاپ، قايتا-قايتا شاھىد بولغانچە، بۇ ئۇلارغا تەسىر قىلىپ، ھەقكە بولغان ئىنتىلىشى ئاشىدۇ. ئايالىم ئېسىل ئايال بولسۇن دېسەڭلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئېسىل، مەردانە، تەقۋادار ئەر بولۇشقا تىرىشىڭلار.
تالاغا ماڭغاندا «ئەمىسە بۈگۈنىڭىزنى ئاللاھقا يارىغۇدەك ياخشى ئۆتكۈزۈڭ» دەپ تاپىلاپ مېڭىشنى ئۇنۇتماڭلار. ئۆيگە قايتقىنىڭلاردا «بۈگۈن نېمىلەرنى قىلدىڭىز، قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن نېمىلەرنى ئوقۇدىڭىز، ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ، قەلبىمىزنى بۇزۇپ، ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىۋاتقان تېلفۇندىن ئۇزاق تۇردىڭىزمۇ يوق…» دەپ سوراپ، ھېساب-كىتاب قىلىڭلار. ئەڭ ئېسىل ئايالنىڭ يات ئەرلەردىن ئۇزاق، ئىسلامغا ئۇيغۇن بولمىغان بارچە نەرسىلەردىن ئۇزاق ئاياللار ئىكەنلىكىنى دائىم ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇپ تۇرۇڭلار.
بۇ ھال داۋاملاشسا ئايالىڭلار بارغانچە بىلىملىكىشىدۇ ۋە تەقۋالىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ ئىنشائاللاھ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ، تەقۋادار ئەمەسلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئائىلىمۇ، جەمئىيەتمۇ مانا بۇ ئارقىلىق ئىسلاھ بولىدۇ.
ئاياللارنى بالا-بېقىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگىلا تاشلاپ بېرىپ، ئايدا يىلدا ئاشخانا، باغچىلارغا ئاپىرىپ ئاندا-ساندا كۆڭلىنى ئېچىپ، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپلا بولدى قىلىپ، ئايالىنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە دىنى بىلەن چاتىقى بولماي يۈرىدىغان ئەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا، مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ ئالدىدا ئېغىر جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ.
ئاياللىرىڭلارنى ئېسىل باشلىق خىزمەتچىسىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرۇڭلار. سېستىمىلىق رەۋىشتە سۈننەتكە ئۇيغۇن باشقۇرۇلمىغان ئايالدىن بارغانسېرى ھەممىلا جەھەتتىن چاتاق چىقىدۇ. گۈزەل شەكىلدە، ئىسلامىي رەۋىشتە باشقۇرۇلغان ئايال ھەقىقىي بەخىتلىك ئايالدۇر. ئاياللىرىڭلارنى تور ۋە تېلفۇنسۆيەر ئەمەس، قۇرئان ۋە ھەدىسسۆيەر، ناماز ۋە زىكىرسۆيەر ئاياللاردىن قىلىپ چىقىشقا ھەر بىرىمىز تىرىشساق، مانا بۇ چاغدا كەلگۈسىمىز پارلاق، ئاخىرەتلىكىمىز بەختلىك بولىدۇ. مەڭگۈ ئۇنۇتماڭلاركى، ئىسلام ئۈممىتى قۇرئان-ھەدىس سۆيەر مۆمىنە ئاياللارغا ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق. ھەربىر مۇسۇلمان ئائىلىسى قۇرئان-ھەدىس سۆيەر ئايالغا ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق. ھەر بىر پەرزەنت قۇرئان-ھەدىس سۆيەر ئانىغا — گەرچە ئۆزى بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلالمىغان تەقدىردىمۇ — ھەممىدىن ئھېتىياجلىق. ئۆينىڭ ھەر-بىر بۇلۇڭ پۇشقىقى قۇرئان-ھەدىس سۆيەر ئانىغا ھەممىدىن ئېھتىياجلىق.
ئاياللىرىڭلار قولىغا تېلفۇننى ئالسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار كۈنىگە بىرەر پارە قۇرئان ئوقۇمىسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار ئېيىغا بىرە پارچە ئېسىل دىنىي كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار ھەپتىسىگە بىرەر يېڭى سۈرىنى يادلاپ تۈگەتمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار قۇرئاندىن ئوقۇۋاتقانلىرىنىڭ مەنىسىنى ۋە قىسقىچە تەپسىرىنى توغرا رەۋشىتە دەپ بېرەلمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ تارىخىنى بىلمىسە ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشنى بىلمىسە قاتتىق ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار كۈنىگە بەش ئون رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇمىسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار كۈنىگە بىرەر يۈز قېتىم ئىستىغفار ئوقۇمىسا ۋە ھەر نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنى ئوقۇمىسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن. ئاياللىرىڭلار بازارغا ئامراق، يەپ-ئىچىشكە ئامراق، ئەمما ئىلىم ۋە ئىبادەتكە سۇس چىقىپ قالسا ئاچچىقىڭلار كەلسۇن، تاكى ئىلىم ۋە ئىبادەتكە ھەقىقىي چۆكمىگۈچە سىلىنى خۇشال قىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلسۇن. ئەنە شۇندىلا بەختلىك ئەر بولالايسىلەر، بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشەلەيسىلەر، بەختلىك پەرزەنتلەرنىڭ دادىسى بولالايسىلەر.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى