قۇرئانغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق

قۇرئانغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئىلىمگە ئىگە بولۇشنى خالىسىڭلار ئۇنى قۇرئاندىن ئىزدەڭلار. چۈنكى، قۇرئاندا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئىلىمى مەۋجۇت.» hedisim.com (ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: زۇھد كىتابى، 763)

ئىمام قۇرتۇبى تەپسىرىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۈرە بەقەرەنى سەككىز يىلدا يادقا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى، ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپ-سالىھىن قۇرئاننى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنەتتى. ساھابىلەر بەش ئايەت  ياكى ئون ئايەت ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ۋە تەپسىرىنى رەسۇلۇللاھتىن ئۆگىنەتتى ۋە تاكى ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنالىرى، تەپسىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرمىگۈچە ۋە ئەمەل قىلمىغۇچە كېيىنكى ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتى. مۇھىم بولغىنى قۇرئاننى بىر نەچچە يىلدا  باشتىن ئاياق يادلىۋېتىش ئەمەس. قۇرئاننىڭ ھەر بىر ئايىتىگە ھەرىزتى ئۆمەردەك ۋە باشقا ساھابىلەردەك مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇپ يادلىغۇچى قۇرئاننى ھەقىقىي ئۆگەنگۈچى ھېسابلىنىدۇ. بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يۇقىرىقى سۆزىمۇ دەل ئىلىمنى قۇرئاندىن مۇشۇ تەرىقىدە ئىزدەشنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ چۈشەنمەستىن ئوقۇشنى ياكى، تەپسىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەستىن، قۇرئان كەلىمىلىرىنىڭ لۇغەت مەنىسىگە قاراپ، ھەتتا ئۇيغۇرچە ياكى باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىگە ئېسىلىۋېلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى  ياكى يۈزەكى چۈشىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ. قۇرئاندىكى ئىلىملەرنى ئۆزىگە جۇغلىماقچى بولغان كىشى قۇرئاننى ساھابىلەردەك ئۆگەنمىگۈچە، قۇرئاننى ھەر ئۈچ كۈندە بىر خەتمە قىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەسى قۇرئانغا يۈزەكى، لەۋزىي، شەكىلۋاز مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا ساھابە-تابىئىنلاردەك چوڭقۇر چۆكۈشنى تاشلىۋېتىشتۇر. | mujtehid.com مۇجتەھىد تورى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ