ئايال كىشىنىڭ بېشى ئوچۇق ھالدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: ئايال كىشىنىڭ بېشى ئوچۇق ھالدا قۇرئان قىرائەت قىلىشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق. ئايال كىشىنىڭ بېشى، بېلەكلىرى ۋە پۇتلىرى ئوچۇق ھالدا قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس. چۈنكى، ناماز ئۈچۈن شەرت ھېسابلانغان ئۆرتۈنۈش شەرتى قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن شەرت ئەمەس.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى