چاچ، تىرناق ۋە بەدەندىكى مويلارنى زۇلھەججە ئېيىدا كىملەر ئالسا بولمايدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟

شەيختىن مۇنداق سوئال سورالغان:

مەن بەزى كىشىلەردىن «زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە تىرناق ئېلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم. بۇ سۆز توغرىمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

ئەگەر كىشى قۇربانلىق قىلىدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ تاكى قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغانغا قەدەر تىرناق ۋە چاچلىرىنى ئېلىشىغا بولمايدۇ. چۈنكى، سەھىھ مۇسلىمدا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «إِذَا رَأَيْتُمْ هِلَالَ ذِي الْحِجَّةِ وَأَرَادَ أَحَدُكُمْ أَنْ يُضَحِّيَ ، فَلْيُمْسِكْ عَنْ شَعْرِهِ وَأَظْفَارِهِ» «ئەگەر زۇلھەججە ئېيىنى كۆرۈپ ۋە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چېچىنى ۋە تىرناقلىرىنى كەسمىسۇن.» (مۇسلىم 1977)؛ باشقا بىر ھەدىستە «چېچى ۋە تېرىسىدىكى مويلارنى كەسمىسۇن» دەپ كەلگەن.

قۇربانلىق قىلمايدىغان كىشى بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە كىرمەيدۇ، قۇربانلىق قىلمايدىغان كىشى زۇلھەججىدىن دەسلەپكى ئون كۈنىدە ۋە باشقا كۈنلەردە چاچ، تىرناق، مويلىرىنى كەسسە دۇرۇس بولىدۇ. (1)

ئىمام ئىبنى باز يەنە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
قۇربانلىقنى ۋاكالىتەن قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان كىشىنىڭ چاچ تىرناق ۋە مويلىرىنى كېسىشىدە چەكلىمە يوق.(2)

ئىمام ئىبنى باز يەنە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئايال-بالىلىرى چاچ-تىرناقلىرىنى ئالسا دۇرۇس بولىدۇ.(3)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


ئىمام ئىبنى باز قاتارلىق بىر بۆلۈك مۇجتەھىد ئالىم، بۇ ھەقتىكى ھەدىسكە، يەنى بىز يۇقىرىدا نەقىل قىلغان، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسكە تايىنىپ، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ چاچ، تىرناق ۋە بەدەندىكى مويلىرىنى تاكى قۇربانلىقنى قىلىپ بولغۇچە كېسىشىنى ھارام دېگەن. تۆۋەندىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى مەسىلىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ:

شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«بىر مەسىلە ھەققىدە سەھىھ ھەدىس كەلگەن ۋە بۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان  باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان تەقدىردە، بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى شۇ سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» (ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 3\74)

مۇھەددىسلەرنىڭ ئەمىرى، مۇجتەھىد فەقىھ ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارى شەرھىدە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز بولغانلىقتىن – ئۇ بۇيرۇقنىڭ مۇستەھەبلىككە ياكى باشقا ھۆكۈمگە ماڭىدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولمىغانلا تەقدىردە -رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرمەسلىك ھارام ھېسابلىنىدۇ.» (فەتھۇل بارى 13/425)

نەقىل مەنبەلىرى:

  1. پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى: https://binbaz.org.sa/fatwas/12640/هل-تقص-الاظافر-اذا-دخلت-عشر-ذي-الحجة
  2. پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى: https://binbaz.org.sa/fatwas/16898/اذا-دخل-شهر-ذي-الحجة-فلا-يجوز-للمضحي-قص-شعره
  3. پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى: https://binbaz.org.sa/fatwas/20027/ما-صحة-حديث-من-اراد-ان-يضحي-فلا-ياخذ-من-شعره
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ