قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ۋە تەپسىرىنى تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ۋە تەپسىرىنى تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال: مەندە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنگىلىزتىلىدىكى تەرجىمىسى بار، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى كاپىر تۇتسا بولامدۇ؟

شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
قۇرئاننىڭ ئىلگىلىز تىلىدىكى ياكى باشقا تىلدىكى تەرجىمىسىنى كاپىرنىڭ تۇتۇشى دۇرۇس. چۈنكى، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى قۇرئاننىڭ تەپسىرى ھۆكمىدىدۇر. كاپىرنىڭ ياكى تاھارەتسىز ھالەتتىكى مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننىڭ تەرجىمە تەپسىرىنى تاھارەتسىز تۇتۇشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھۆكمى قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە ئەمەس، قۇرئاننىڭ تەپسىرىنىڭ ھۆكمىدىدۇر. قۇرئاننىڭ تەپسىرىنى كاپىر تۇتسا ياكى تاھارەتسىز مۇسۇلمان تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ. شۇنداقلا، ھەدىس كىتابلىرىنى، فىقھى كىتابلىرى ۋە ئەرەپ تىلىدىكى باشقا كىتابلارنى تاھارەتسىز ھالەتتە تۇتۇش ئوخشاشلا دۇرۇستۇر. مۇۋەپپەقيەت ئاللاھتىندۇر. [مەنبە: مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز (5 /405)] [1]

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇشنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش دۇرۇس ئەمەس، بۇ جۇمھۇر ئەھلى ئىلىمنىڭ ۋە تۆت ئىمامنىڭ ھۆكمىدۇر، ساھابىلەرمۇ بۇ ھەقتە مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. [2]

— مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

نەقىل مەنبەلىرى:

[1] https://binbaz.org.sa/fatwas/1408/حكم-مس-ترجمة-معاني-القران

[2] https://binbaz.org.sa/fatwas/3780/يجب-الطهارة-من-الحدثين-لمس-المصحف

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ