قەرزدار كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

قەرزدار كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

قەرزىنىڭ مىقدارى قولىدىكى پۇل-مېلىنىڭ ھەممىسىنى قاپلايدىغان كىشىگە (مۇشۇ ھالىتى داۋاملاشقانلىكى مۇددەتتە) ھەج پەرز بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەجنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان مۇسۇلمانلارغىلا پەرز قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: {وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا}«قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.»(سۈرە ئالى ئىمران، 97) قولىدىكى پۇل-مالنىڭ ھەممىسى قەرزىگە كېتىدىغان كىشى ھەج قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. بۇنداق كىشى باشتا قەرزىنى تۆلەپ، ئاندىن ئىمكان بولغاندا ھەج قىلىشى كېرەك.

ئەمما، كىشىنىڭ قەرزى قولىدا بار بولغان پۇل-مالدىن ئاز بولسا، بۇنداق كىشى باشتا قەرزىنى تۆلەپ، قولىدا ئاشقىنى ھەج قىلىشقا يېتەرلىك بولسا، ئۇ ھالدا مەيلى پەرز ھەجنى، مەيلى نەپلە ھەجنى قىلىدۇ. كىشى قادىر بولالىغان ھامان پەرز ھەجنى دەرھال ئورۇندىشى پەرزدۇر. پەرز بولمىغان نەپلە ھەجنى خالىسا قىلىشى، خالىسا قىلماسلىقى رۇخسەت. نەپلە ھەجنى قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن: ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار، ھەج بۆلۈمى، 451-نومۇرلۇق پەتىۋا) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ