ئىسلامدىن باشقا سېتىما، تۈزۈم، ئىدئولوگىيە ياكى دىننى توغرا دەپ قارىغۇچى كاپىرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

ئىسلامدىن باشقا سېتىما، تۈزۈم، ئىدئولوگىيە ياكى دىننى توغرا دەپ قارىغۇچى كاپىرمۇ؟

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھەر قانداق ئىش-ھادىسىدە ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىنىڭ پەرزلىكىدە ھېچبىر شەك يوقتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولغان داۋا ۋە ئىش ھادىسىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشىمۇ ئوخشاشلا پەرزدۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق بولۇپ، بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ بارلىق ئىشلاردا ئىسلام شەرىئىتى بويىچە يول تۇتۇپ، ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ پەرزلىكىدە ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ جەھەتتە قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتتە كۆپلىگەن دەلىللەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئالىملارغا ئايدىڭدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا «(ئى رەسۇلۇم مۇھەممەد) ئۇلار ئۆز ئارىسىدا چىققان جىمىي ئىختىلاپ، تالاش-تارتىشلارغا سېنى ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭنى ھېچبىر قارشىلىقسىز ۋە تەرەددۇتسىز قوبۇل قىلمىغۇچە، ۋە سەن چىقارغان ھۆكۈمنى تولۇق تەسلىمىيەت بويىچە قوبۇل قىلمىغۇچە ئىمان ئېيتقان ھېسابلانمايدۇ.} (سورة النساء الآية ٦٥) ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا﴾ {ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، شۇنداقلا (ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئىسىيانكارلىق قىلىماسلىق شەرتى بىلەن) ئۆز ئەمىر-ھۆكۈمدارلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. بىرەر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولساڭلار، ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار. (جىمىي ئىشلاردا) ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئۇيغۇن يول تۇتۇش توغرا يولنى تۇتقانلىقتۇر، بۇنداق قىلىش سىلەرنى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.} (سورة النساء الآية ٥٩) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:﴿وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ﴾{ھەر قانداق ئىشتا ئىختىلاپقا چۈشسەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.} (سورة الشورى الآية ١٠) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ﴾ {ئۇلار (ئىسلامدىن ئاۋۋالقى) جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلىشامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ شەرئىتىنىڭ ھەقىقىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىلىىرگە قەتئىي) ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئاللاھتىنمۇ ياخشى ھۆكۈم چىقارغۇچى بارمۇ؟} (سورة المائدة الآية ٥٠) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ﴾ {كىمكى (ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقا ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى ھالال ساناش يۈزىسىدىن، ياكى باشقا ھۆكۈمنى ئاللاھنى ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىدىن ئۈستۈن ساناش يۈزىسىدىن، ۋەياكى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىدىن باشقا ھۆكۈم بىلەن تەڭداش تۇتۇش يۈزىسىدىن) ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھۆكمى) بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، بۇنداق قىلغۇچىلار كاپىرلاردۇر.} (سورة المائدة الآية ٤٥) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:﴿وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ﴾ {كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھۆكمى) بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، بۇنداق قىلغۇچىلار (ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تەرك ئەتكەن) زالىملاردۇر.} (سورة المائدة الآية ٤٥) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ﴾ {كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھۆكمى) بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، بۇنداق قىلغۇچىلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلمايدىغان، ھەقنى تاشلاپ باتىلنى تاللىغان) پاسىقلاردۇر.} (سورة المائدة الآية ٤٧)
قانداقلا بىر كىشى ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقا ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىش ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىشتىن ياخشى دەپ قارىسا، بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىردۇر. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدىن باشقا يول رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدىن ياخشىدۇر دەپ قارىغان كىشى، بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىردۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى يەنە شۇنىڭغىمۇ ئىتتىپاققا كەلگەنكى، قانداقلا بىر كىشى «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتتىن چىقىپ كېتىش دۇرۇس» دەپ قارىسا، ياكى «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەرىئىتىنىڭ سىرتىدىكى شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش دۇرۇس» دەپ قارىسا، بۇنداق كىشى ئازغۇن كاپىردۇر.

كىمكى كىشىلەرنى ئىسلام شەرىئىتىدىن باشقا ئىدىئولوگىيەگە، ئىسلام شەرىئىتىدىن باشقا دىنغا ياكى ئىسلام شەرىئىتىدىن باشقا سېستىمىلارغا دەۋەت قىلسا، بۇنداق كىشى قۇرئاندىكى دەلىللەرگە بىنائەن، شۇنداقلا بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائىغا بىنائەن ئازغۇن كاپىردۇر. بۇنداق كىشىنىڭ كاپىرلىقى يەھۇدىي ۋە خىرسىتىيانلارنىڭ كاپىرلىقىدىنمۇ ئۈستۈندۇر. مۇشۇنداق ئەقىدىدىكى ھەر قانداق بىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدلىرىگە خەتىيب ياكى ئىمام قىلىپ تەيىنلەش دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق ئەقىدىدىكى كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىمكى بۇ خىلدىكى ئازغۇن كاپىرلارنىڭ كۇفرىي داۋا، نەزىرىيە، سېستىمىلىرىنى توغرا دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ كۇفرىي داۋاسىغا (مەيلى پىكرىي، مەيلى ئەمەلىي جەھەتتىن) ياردەم بەرسە بۇنداق كىشى كاپىردۇر. ۋە ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچىلارنى قارىلاپ، غەيۋىتىنى قىلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش دەۋاسىغا قارشى تىل ئۇزاتسا، بۇنداق كىشى ئازغۇن كاپىردۇر. بۇنداق كىشىنىڭ ھۆكمى ئۆزى ئەگەشكەن ۋە قوللىغان ئازغۇن كاپىرلارنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر. ھەر قانداق ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كاپىرلارغا يادەم بەرگۈچى بارچە ئىسلام ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە مۇرتەد كاپىردۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاءَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر يەھۇدىي ۋە خىرستىئانلارنى ئىتتىپاقداش قىلىۋالماڭلار، ياردەم دەستەكلىرىڭلار ئارقىلىق ئۇلارنى يېقىن دوستۇڭلار قىلىۋالماڭلار. يەھۇدىيلار پەقەت ئۆز دىنىدىكى كىشىلەرگىلا ياردەم بېرىپ شۇلارنىلا دوست تۇتىدۇ، خىرستىيانلارمۇ ھەم شۇنداق. سىلەردىن كىمكى يەھۇدىي، خىرستىيانلارنى (قوللاش، ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئۆز ئىشلىرىغا ئىگە قىلىپ ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق) دوست تۇتۇۋالسا، ئۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ (كاپىرلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق) زالىملىق قىلغان قەۋمنى ھەقكە باشلىمايدۇ.» (سۈرە مائىدە، 51-ئايەت، مۇفتەسەر فىتتەفسىرگە بىنائەن تەپسىر تەرجىمىسى) ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الْإِيمَانِ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ﴾ {ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار ياكى قېرىنداشلىرىڭلار كۇفۇرنى ئىماندىن ئۈستۈن كۆرسە، (مۆمىنلەرنىڭ سىرلىرىنى كاپىرلارغا ئېيتىش، ئىشلاردا كاپىرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق) كاپىرلارنى دوست تۇتۇۋالماڭلار. كىملەركى (مۆمىنلەرنىڭ سىرلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىش، ئىشلاردا ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئىزھار قىلىش ئارقىلىق) ئۇلارنى دوست تۇتۇۋالسا، ئەنە شۇلار (ئاللاھقا قارشى ئىسيانكارلىق قىلغان ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) زالىملاردۇر.} (سورة التوبة الآية ٢٣)

بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى ئارزۇلىغانلار ئۈچۈن يۇقىرىقى بايانلىرىمىزنىڭ يېتەرلىك بولغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى تۈزەپ، مۇسۇلمانلارغا بىرلىك ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق ۋە دۈشمەنلىك سالغاي، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ شەررىدىن ساقلىغاي. ئاللاھ ھەر قانداق ئىشقا قادىردۇر.

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇزاتنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

— ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ