«مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى يىغسۇن» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئىمام ئىبنۇل جەۋزى، ئىبنى كەسىر، قۇرتۇبى، سەئدى

سۈرە نۇر، 30-ئايىتىنىڭ تەپسىرى

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

[ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ئىمام ئىبنۇل جەۋزى، ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى، ئىمام ئىبنى كەسىر، ئىمام قۇرتۇبىنىڭ مۇشۇ ئايەتكە قىلغان تەسپىرىدىن ئەينەن تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق تەييارلاندى]

بسم الله الرحمن الرحيم

ئاللاھ سۇبھانەھى ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ﴾

{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى قوغدىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.} — سۈرە نۇر، 30-ئايەت

بۇ ئايەتنىڭ «زادۇل مەسىير» تەپسىرى بويىچە قىلىنغان قىسقىچە، چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى:

{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى (ھارامدىن1) يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھالال بولمىغان شەخسلەردىن، نەرسىلەردىن ياكى ئىشلاردىن2) قوغداپ مۇھاپىزەت قىلسۇن. بۇ (يەنى كۆزنى ھارامدىن يۇمۇش، ئەۋرەتلەرنى ھارامدىن مۇھاپىزەت قىلىپ قوغداش3) ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. (تېخىمۇ خەيرلىكتۇر ۋە پەزىلەتلىكتۇر.4) شەكسىزكى ئاللاھ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن (يەنى كۆزلىرى ۋە ئەۋرەتلىرى ئارقىلىق قىلغانلىرىدىن5) خەۋەرداردۇر.} [1.2.3.4.5-زادۇل مەسىير]

ئىمام ئابدۇراھمان سەئدىنىڭ بۇ ئايەتكە قىلغان تەپسىرى:

(ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!) ئىمانى ئۇلارنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسىدىغان ئىمانغا ئىگە «مۆمىن ئەرلەرگە» توغرا يولنى كۆرسىتىش يۈزىسىدىن «ئېيتقىنكى»: ئۇلار باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىگە، نامەھرەم ئاياللارغا، قاراش سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈشتىن قورقۇلىدىغان ساقال-بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىلارغا، كىشىنى پىتنىگە سالىدىغان دۇنياۋى زىننەتلەرگە قاراشتىن «كۆزلىرىنى يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى» يەنى ئالدى ياكى ئارقا يولدىن ھارام مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن، ياكى بۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىشلاردىن، ۋەياكى باشقىلارغا ئالدى-ئارقا ئەۋەرتلىرىنى تۇتۇش\تېگىشىش ياكى قاراش ئىمكانى بېرىشتىن «ساقلىسۇن. بۇ» يەنى كۆزلەرنى ۋە ئەۋرەتلەرنى ھارامدىن ساقلاش «ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر.» يەنى — ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ گۈزەلدۇر، ئەمەللىرىنى تېخىمۇ ياخشىلىغۇچىدۇر.

شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئەۋرەتلىرىنى ۋە كۆزىنى ھارامدىن ساقلىغان كىشى — ھاياسىزلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، باشقىلارنىڭ كىرلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان مەينەتچىلىكلىرىدىن (ئۇزاق تۇرۇش بىلەن) پاكلانغان ھېسابلىنىدۇ. ھارامنى تەرك ئېتىش سەۋەبلىك ئەمەللەر پاك بولىدۇ، ياخشىلىققا قاراپ ماڭىدۇ. چۈنكى، نەپىس — ھارامنى تاما قىلىدۇ، ھارام ئىشنى قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن بىر ئىشنى\نەرسىنى تەرك ئەتكۈچىگە، ئاللاھ ئۇ تەرك ئەتكەن نەرسىدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىدۇ. ئاللاھ كۆزىنى ھارامدىن ساقلىغان كىشىنىڭ بەسىرىتىنى نۇرلاندۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەۋرىتىنى ۋە كۆزىنى ھارامدىن ياكى ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن ساقلىغان كىشى، چوقۇمكى، ئۆزىنى باشقا جەھەتلەردىكى ھاراملاردىنمۇ تېخىمۇ يۇقىرى رەۋىشتە ساقلايدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ بۇنى «مۇھاپىزەت قىلىش» دەپ ئاتىغان. ئەگەر كىشى مۇھاپىزەت قىلىنىپ قوغدىلىشى كېرەك بولغان نەرسىنى كونترول قىلىش ۋە چىڭ ساقلاش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتمىسە، ئۇنى قوغداش يولىدىكى كېرەكلىك سەۋەبلەرنى ئورۇندىمىسا، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ قوغدىغان ھېسابلانمايدۇ. كۆز ۋە ئەۋرەتمۇ دەل مۇشۇنداقتۇر. بەندە كۆزى بىلەن ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاپ، مۇھاپىزەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە، (ئۇنىڭ ساقلاپ مۇھاپىزەت قىلىنمىغان) كۆزى ۋە ئەۋرىتى كىشىنى تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلاشقا مۇتلەق ھالدا بۇيرۇشىغا دىققەت قىلايلى. چۈنكى، ئەۋەتنى ھارامدىن ساقلىماسلىققا ھېچقانداق ئەھۋالدا يول يوق. (ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلىماسلىققا ھېچقانداق ئەھۋالدا رۇخسەت قىلىنمىغان.) لېكىن، كۆزنى ھارامدىن ساقلاش بۇيرۇقىدا ئاللاھ {يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ}{ئەرلەر كۆزلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن} دەپ بۇيرۇغاندا قىسمەنلىككە ئىشارە قىلىدىغان «من» قوشۇمچىسىغا ئورۇن بەرگەن. چۈنكى، (شەرئىي مەھكىمىدە) شاھىد ئەرنىڭ شاھىدلىق قىلىنغۇچى ئايالغا (ئۇنى تونۇش ئۈچۈن يۈزىگە) قارىشى، ئۆيلەنمەكچى بولغان ئەرنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالغا (نەق مەيداندا ، مەھرىمى بولغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ يۈزىگە) قارىشى، (ئايال دوختۇر تېپىلمىغان زۆرۈرىيەت ھالىتىدە، ئەر دوختۇرنىڭ ئايال بىمارنىڭ\ ياكى ئايال دوختۇرنىڭ ئەر بىمارنىڭ داۋالىنىشى كېرەك بولغان ئەزاسىغا قارىشى) قاتارلىق بەزى ھاللاردا كۆرۈلىدىغان ئېھتىياج\زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك، ئەسلىدە قارىشى ھارام ھېسابلانغان شەخس ياكى ئورۇنغا قاراش دۇرۇس بولىدۇ. (ئايەتتىكى «من» كەلىمىسىدىن مۇشۇ مەنە چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىمام قۇرتۇبى ۋە باشقا تەپسىرشۇناسلارمۇ توختالغان.-ت)

ئاندىن ئاللاھ مۆمىن قۇللىرىنىڭ ھارام نەرسىلەردىن ساقلىنىشقا غەيرەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن، بەندىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۇلارغا خاتىرلاتتى. (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدىنىڭ بۇ ئايەتكە قىلغان تەپسىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.)

ئىمام سۇيۇتى (ۋاپاتى: ھ 864) رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى ھۆكۈم بويىچە، ئەركىشى پىتنىدىن قورقسۇن قورقمىسۇن،  يات ئايالغا قارىشى ھارام. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى پىتنىگە چۈشۈرۈش ئېھتىمالى مەۋجۇتتۇر. پىتنىگە پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ تاللىنىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر. (تفسير الجلالين 462)

پىتنە — ئۇ يات ئايالغا قاراش سەۋەبلىك ئۇنىڭ يا يۈزىدىن، يا قولىدىن ياكى باشقا ھەر قانداق بىرىدىن لەززەت ھېس قىلسا، ياكى شەھۋىتى ئويغانسا، ياكى ئۇ ئايالغا دىلى مايىل بولسا، ئۇ ئايال بىلەن ئۇچرىشىش، پاراڭلىشىش ئۈمىدىدە بولسا؛ ھەتتا ئۇ ئايالنى تۇتۇشنى، سۆيۈشنى ياكى زىنا قىلىشنى خىيالىدىن ئۆتكۈزسە، ۋەياكى مۇشۇنىڭغا پۇرسەت ئىزدەشكە چۈشسە؛ ياكى قارىغاندىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇ ئايال خىيالىغا كىرىۋېلىپ قەلبىنى مەشغۇل قىلسا … مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنىدۇر. يات ئايالغا ئۆزى خالاپ تۇرۇپ قەستەن قارىغان قايسى بىر ئەر بۇ پىتنىلەرنىڭ ھېچقايسى بىرىگە چۈشۈپ قالمايمەن دەپ ھۆددە قىلالايدۇ؟ بۇ ۋەجىدىن ئەر كىشى يات ئايالغا قاراشتىن تامامەن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بىرگە، ئايال كىشىمۇ يات ئەرنىڭ ئۆزىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارچە يوللۇق سەۋەپلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى پەرزدۇر. بۇ سەۋەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى، ئايال كىشىنىڭ چوققىسىنىڭ ئۇچىدىن تىرنىقىغا قەدەر بەدىنىنىڭ ھېچ يېرىنى نامەھرەم كۆرەلمەيدىغان شەكىلدە كامىل ھىجاپلىنىشىدۇر؛ يەنە بىرى ئۆز ئۆيىنى لازىم تۇتۇشى، جىددىي زۆرۈرىيەتسىز ھالدا سىرتلاردا يۈرۈشتىن ساقلىشىنىدۇر. ھەر ئىككىسىنى ئاللاھ قۇرئاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈننىتىدە بۇيرۇغان.

ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ بۇ ئايەتكە تەپسىرى:

بۇ ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مۆمىن قۇللىرىغا ئۆزى ھارام قىلغان نەرسىلەرگە (ئىشلارغا ياكى شەخىسلەرگە) قاراشتىن كۆزىنى يىغىش ئۈچۈن قىلغان بۇيرۇقىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، مۆمىن بەندىلەر ئاللاھ ئۇلارغا ھالال قىلغان نەرسىلەردىن (ئىشلاردىن ياكى شەخىسلەردىن) باشقىسىغا قارىمىسۇن، كۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلىسۇن. ناۋادا، كۆزى قەستەنسىز ھالدا قارىشى ھارام بولغان بىر نەرسىگە (ئىشقا ياكى كىشىگە) چۈشۈپ قالسا، تېزدىن قارىشى ھارام بولغان ئۇ نەرسىدىن (ئىشتىن ياكى شەخىستىن) كۆزىنى دەرھال باشقا تەرەپكە بۇرىسۇن.

چۈنكى، ئىمام مۇسلىم سەھىھۇل مۇسلىمدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن (يات ئايالغا ياكى قارىشى ھارام بولغان ئىشلارغا، نەرسىلەرگە) توساتتىن قاراپ قېلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ (بۇنداق ئەھۋالدا) كۆزۈمنى باشقا تەرەپكە قارىتىۋېلىشىمنى بۇيرۇدى. hedisim.com (مۇسلىم 2159؛ ئەبۇ داۋۇد 2148؛ تىرمىزى 2776؛ ئەھمەد 6\358؛ ئىبنى ھىببان 5571) بۇ ھەدىسنى مۇشۇ لەۋز بىلەن ئىمام ئەھمەد ھۇشەيمدىن، ئۇ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزىمۇ بۇنى ھۇشەيمدىن نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىس باشقا بەزى ھەدىس ئىماملىرىنىڭ رىۋايىتىدە «بېشىڭنى ئېگىپ ئالدىڭغا قارىۋال، دېدى» شەكلىدىمۇ كەلگەن بولۇپ، مەنىسى: يەرگە قارىۋال، دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، (قەستەنسىز ھالدا قارىشى ھارام بولغانلارغا قاراپ قالغاندا) كۆزنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىش تېخىمۇ ئومۇمىي ئىپادە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كۆزنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىش — يەرگە قارىۋېلىشنىمۇ، باشقا ياققا قارىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگىچىدۇر.

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئەلىي! (ھارامغا قەستەنسىز ھالدا) بىر قاراپ قېلىشنىڭ ئارقىسىدىن، يەنە بىر قېتىم قارىما. چۈنكى، بىرىنچىسى گۇناھ بولمىغان بىلەن، ئىككىنچىسى گۇناھتۇر» دېدى. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 2149؛ تىرمىزى 2777؛ ئەھمەد 5\351؛ ھاكىم 2\194؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ» دېگەن)

سەھىھۇل بۇخارىدا ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان:رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «يول بويىدا ئولتۇرۇۋالماڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! يول بويىدا ئولتۇرۇپ قېلىش بىزلەر ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر» دېدى. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«يول بويىدا ئولتۇرۇۋالماسلىقنى قوبۇل قىلمىدىڭلار، ئۇ ھالدا يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «يولنىڭ ھەققى نېمە؟ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«يولنىڭ ھەققى — كۆزنى (ھارامغا قاراشتىن) ساقلاش، يولدا ماڭغۇچىلارنى راھەتسىز قىلىدىغان نەرسىلەرنى يولدىن نېرى قىلىش، بېرىلگەن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتۇر» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 6229؛ ئەھمەد 3\36؛ ئىبنى ھىببان 595)

ئىمام ئەبۇل قاسىم بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ئۇمامە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ماڭا ئالتە ئىشنى قىلماسلىققا كېپىل بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كېپىل بولاي: سىلەردىن ھەركىم سۆزلىگەندە يالغان سۆزلىمىسۇن؛ ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئامانەت قىلىنسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلمىسۇن؛ ۋەدە قىلسا، ۋەدىسىدە تۇرسۇن؛ كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قوللىرىڭلارنى (ھارامدىن) ئۇزاق تۇتۇڭلار ۋە ئىپپىتىڭلارنى ساقلاڭلار.» hedisim.com (تەبرانى: ئەلكەبىر 8018؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 2560؛ ھەيسەمى 10\301؛ سەنەدىدە فەددال ئىبنى زۇبەير بار؛ فەددال ئىبنى جۇبەير ئىكەنلىكىمۇ سۆزلەنگەن، زەئىپ راۋىي دېيىلگەن؛ لېكىن ھەدىسنىڭ شاھىدى بار.-ئابدۇرازاق مەھدى: تەپسىر ئىبنى كەسىر تەخرىجى)

ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((من يكفل لي ما بين لحييه وما بين رجليه ، أكفل له الجنة)) «كىم ماڭا ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى بىلەن (يەنى ئەۋرىتى بىلەن) ئېڭىكى ئارىسىدىكىنى (يەنى تىلىنى ھارامدىن) ساقلاشقا كېپىل بولسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كېرىشىگە كېپىل بولىمەن.» hedisim.com (بۇخارى 6474؛ تىرمىزى 3408)

ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە كۆزىنى ھارامغا قاراشتىن توسۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — ھارامغا قاراشنىڭ قەلبنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بەزى سەلەپ ئالىملىرى «ھارامغا قاراش قەلبكە تېگىدىغان زەھەرلىك ئوقتۇر» دېگەن. بۇ ۋەجىدىن، ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىپپەت-نومۇسنى قوغداشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئىپپەت-نومۇس چەك-چېگىراسىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولغان — كۆزلەرنى ھارامدىن ساقلاشقىمۇ بۇيرۇغان.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئايەتتە {قل للمؤمنين يغضوا من أبصارهم ويحفظوا فروجهم} «ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن» دېدى. ئەۋرەتلەرنى ساقلاش بەزىدە ئۇنى زىنادىن ساقلاش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. ئاياللىرى ياكى قول ئاستىدىكى دېدەكلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئۇلار بۇ سەۋەبلىك (يەنى ئاياللىرى ۋە دېدەكلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە) ئەيىبلەنمەيدۇ.» (مۇئمىنۇن سۈرىسى، 5-6-ئايەتلەر) ئەۋرەتلەرنى ساقلاش يەنە بەزىدە ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ قارىشىدىن ساقلىنىش ئارقىلىق بولىدۇ. چۈنكى، مۇسنەد ئەھمەدتە ۋە سۈنەن ھەدىس توپلاملىرىدا يەر ئالغان ھەدىسلەردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ((احفظ عورتك ، إلا من زوجتك أو ما ملكت يمينك))«ئەۋرىتىڭنى ئايالىڭدىن ياكى قول ئېلىكىڭدىكى دېدەكلەردىن باشقىسىدىن ساقلىغىن.»(ئەبۇ داۋۇد 4017؛ تىرمىزى 2769؛ ئىبنى ماجە 1920؛ مۇسنەد ئەھمەد 5\3؛ تاھاۋى: مۇشكىلۇل ئاسار 1381؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن، زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان)

«بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر.» — يەنى، ھارامدىن كۆزىنى تارتىش ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ تېخىمۇ پاكىز ھالەتتە تۇرىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش دىنىنىڭ پاك ۋە ساپ ھالەتتە قېلىشىدىكى ئۈستۈن سەۋەبلەردىندۇر. بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: (من حفظ بصره ، أورثه الله نورا في بصيرته)«ئاللاھ كۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىنىڭ بەسىيرىتىگە نۇر ئاتا قىلىدۇ.» يەنە بىر باياندا «قەلبىگە نۇر ئاتا قىلىدۇ» دەپ كەلگەن.

{إن الله خبير بما يصنعون}«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.» بۇ ئايەت {يعلم خائنة الأعين وما تخفي الصدور} «ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خائىنلارچە قارىشىنى ۋە قەلبىدە يوشۇرۇنغانلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» (سۈرە غافىر 19-ئايەت) ئايىتىگە ئوخشاشتۇر. (يەنى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلىماي، ھارام قىلىنغان شەخىسلەرگە ياكى نەرسىلەرگە قارىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ، دېمەكتۇر.)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كتب على ابن آدم حظه من الزنى ، أدرك ذلك لا محالة . فزنى العينين : النظر . وزنى اللسان : النطق . وزنى الأذنين : الاستماع . وزنى اليدين : البطش . وزنى الرجلين : الخطي . والنفس تمنى وتشتهي ، والفرج يصدق ذلك أو يكذبه)) «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى ياكى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)

كۆپلىگەن سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى ئۆزى ئىلىم ئالغان ئۆزىدىن چوڭ سەلەپ ئىماملىرى) ئەر كىشىنىڭ يۈزىگە ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا تىكىلىپ، دىققەت قىلىپ نەزەر سېلىشىنى چەكلەيتتى. بۇ جەھەتتە سوپىلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن نۇرغۇنى ئىشنى ناھايىتى چىڭىتقان. بىر گۇرۇپپا ئەھلى ئىلىم يۈزىگە ساقال بۇرۇت چىقمىغان ئۆسمۈر بالىغا (بۇ شەكىلدە) قاراشنى ھارام دەپ قارىغان. چۈنكى، بۇ كىشىنىڭ پىتنىگە چۈشىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارمۇ بۇ جەھەتتە ئىشنى ناھايىتى چىڭايتقان. (ئىبنى كەسىرنىڭ بۇ ئايەتكە قىلغان تەپسىرى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى)

نۆۋەتتە ئىمام قۇرتۇبىنىڭ تەپسىرىدىكى (بىز نەقىل قىلغان باشقا تەپسىرلەردىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشىمايدىغان ۋە تولۇقلايدىغان مەزمۇنلارنى) تاللاپ نەقىل قىلىمىز:

ئىمام قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:

(قاراش ھارام قىلىنغان شەخىسكە، ئورۇنغا ياكى نەرسىگە) قاراش — قەلبكە ئېچىلغان ئىشىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. بۇ ۋەجىدىن كىشى قاراش سەۋەبلىك ئۇچرايدىغان پىتنە بەك كۆپ. شۇڭىلاشقا، ئۇنىڭدىن (يەنى قارىشى ھارام قىلىنغانلارغا قاراشتىن) چەكلەش لازىم بولغاندۇر. قاراش ھارام بولغان بارچە ھاراملاردىن، شۇنداقلا قاراش\كۆرۈش سەۋەبلىك كىشىنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە قاراشتىن كۆزنى ساقلاش پەرزدۇر.

تابىئىن ئىمام شەئبى كىشىنىڭ ئۆز قىزىغا، ئانىسىغا ياكى ئاچا-سىڭلىسىغا ئۇزۇن-ئۇزۇن سەپسېلىپ داۋاملىق قارىشىنى مەكرۇھ دېگەن. شەئبى ياشىغان زامان بىز ياشاۋاتقان زاماندىن كۆپ خەيرلىك ئىدى. (شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ مۇشۇنداق دېگەن.) كىشىنىڭ نامەھرەم بىرىگە قاراشنى ئارزۇلىغان ھالدا قايتىلاپ قارىشى ھارام. (تەپسىر قۇرتۇبىدىن ئېلىنغان نەقىل تۈگىدى. قۇرتۇبىنىڭ بۇ ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆكۈملەر ھەققىدىكى بايانى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلىدۇ.)

بۈگۈنكى ناچار رېئاللىقىمىز ھەققىدە ئەسلەتمە

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تىلىدا ماختالغان سائادەت دەۋرىدىكى سەلەپ-سالىھىننىڭ ماختىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى، ئۇلار دىنغا مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە مۇئامىلە قىلاتتى، ھارامغا ياكى ھاياسىزلىققا چۈشۈپ قېلىشتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقلىنىشتا باشتىن ئاياق بوشاشماي چىڭ تۇراتتى. ئۇلار كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ياكى ئاچا-سىڭلىسىغا زەن سېلىپ قارىشىنىمۇ ئەنە شۇنداق يامان كۆرگەن.

كۈنىمىزدە بولسا، كىشىنىڭ ئۆزىگە مەھرەم ھېسابلنىدىغان ئاياللارغا قارىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، يات ئاياللارغا قاراشنىڭ ھاراملىقى جېكىلەنگەن تەقدىردە، بۇ توغرا سۆزنى ئېيتقۇچى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان، يامان لەقەملەر بىلەن ئاتىلىدىغان، ئاشقۇنلۇق بىلەن ۋە تۈرلۈك يامان ناملار بىلەن تۆھمەت قىلىنىدىغان ئەھۋال ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا يوق ئەمەس. مۇسۇلماننىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى تۆھمەت قىلغۇچىلارنىڭ تىلىدىن، مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماستىن، ھەقكە ئەمەل قىلىشتۇر ۋە ھەقنى بايان قىلىشتۇر. مەيلى كوچىدىكى، مەيلى تور، تېلفون، تېلۋوزۇر، كومپيۇتېرلاردىكى ئاياللارنىڭ رەسىم، ۋىديولىرىغا قاراشنىڭ ھاراملىقىغا زامانىمىزدىكى ئازغۇنلۇقتىن، بىدئەتچىلىكتىن خالىي بۈيۈك ئىسلام ئالىملىرى پەتىۋا بەرگەن بولۇپ، مەيلى ئايال، مەيلى ئەر ھەر بىر مۇسۇلمان تورلاردا ئۆزىنىڭ ياكى باشقا ھىجاپلىق ياكى ھىجاپسىز ئاياللارنىڭ رەسىم ۋىديولىرىنى كۆرۈشتىن ياكى تارقىتىشتىن ساقلىنىشى پەرزدۇر. چۈنكى، يات ئاياللارنىڭ رەسىم ۋىديولىرىغا قاراش مەزكۇر ئايەتتىكى ھارامغا قاراش چەكلىمىسىگە خىلاپ. ئاياللارنىڭ يات ئەرگە قارىشى ھەققىدىكى تەپسىرلەر ۋە ھۆكۈملەر كېيىنكى ئايەتنىڭ، يەنى سۈرە نۇرنىڭ 31-ئايىتىنىڭ تەپسىرىنىڭ بايانىدا باشقا تېمىدا كېلىدۇ. -تەرجىماندىن ]

ئىمام قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان:

  • ئالىملار بۇ ئايەتكە بىنائەن تىز بىلەن بەل ئارىسىدىكى ئەزالارنى رەخت بىلەن ياپماستىن ئاممىۋىي مۇنچىلارغا\ھاممامغا كىرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ ئىھراملىق ھالەتتە ھاممامغا كىرگەنلىكى سەھىھ نەقىل بىلەن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەرلەرنىڭ بۇ شەكىلدە بەدىنىنىڭ ئەۋرەت قىسىملىرىنى ياپقان ھالدا ئاممىۋىي مۇنچىلارغا كىرىشى دۇرۇس.
  • (ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن) دەيمەنكى: زامانىمىزدا ھاممامغا\ئاممىۋىي مۇنچىلارغا كىرىش پەزىلەتلىك ۋە دىندار كىشىلەرگە ھارامدۇر. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىلىمسىز جاھىل بولۇپ، ھاممامغا كىرگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك شەرئىي دەلىللەرگە رىئايە قىلمايدۇ، ئەۋرەتلىرى ئوچۇق قالدىمۇ قالمىدىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ… (ئىمام قۇرتۇبىنىڭ بۇ ئايەتكە قىلغان تەپسىرىدىن ئېلىنغان نەقىل مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ