ئاللاھتىن ئۇزاقلىشىش ئارقىلىق گۈزەل ھايات ئىزدەشتىن ئاگاھلاندۇرۇش

قۇرئان سۈننەتكە چىڭ يېپىشىپ، ئاللاھقا ياخشى قۇلچىلىق قىلىپ، پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنسىڭىز، ئاللاھ سىزگە ھەر قانداق ئېغىر شارائىتتىمۇ دىل ھوزۇرى ئاتا قىلىدۇ، قەلبىڭىزگە ئىچ-ئىچىدىن خۇشاللىق سالىدۇ، ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك ھېس قىلىسىز. دۇنيادىكى پادىشاھلار، باي مىليونېرلار، ئەمىلى چوڭ ھوقۇقدارلار ئۆمۈر بويى ئالالمىغان ھوزۇرنى ئىككى رەكئەت نامىزىڭىز ياكى بىر نەچچە ۋاراق قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق ئالالايسىز. بۇ راست، قەتئىي شۈبھە يوق. ئەمما، كۆپۈنچە ئىنسانلار دۇنيادا بەخت، ياخشى كۈن، گۈزەل ھاياتنى ئاللاھقا ئۇزاقلىشىش ئارقىلىق ئىزدەش يولىنى تۇتقان بولۇپ، بۇنداقلار ئۆزى ئىزدىگەن بەخىتكە ئەسلا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەڭ كۈچلۈك پادىشاھلىق ماقامىغا ئولتۇرسىمۇ ئېرىشكەنلىرىدىن ھېچبىر زامان ھوزۇر ھېس قىلالمايدۇ، ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلالمايدۇ، ئاللاھتىن بارغانچە يىراقلاشقانلىقى، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى كۆپلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك قەلبى سىقىلىپ، توختىماستىن ئارامسىزلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە ئاددىي كەپىدە ياشايدىغان بىر ئوتۇنچىغا ھەۋەس قىلغۇدەك ھالغا چۈشىدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:

{مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ} {ئەرلەردىن ياكى قىز-ئاياللاردىن كىمكى مۆمىن بولغان ھالدا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش يولىنى تۇتسا، بىز ئۇنىڭغا (دۇنيادا) گۈزەل ھايات ئاتا قىلىمىز، (ئاخرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل مۇكاپات بېرىمىز.} — نەھل سۈرىسى، 97-ئايەت
باشقىلار بەخىتنى ئاللاھقا ئۇزاقلىشىش ئارقىلىق ئىزدىسە، سىز بەخىتنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئىزدەڭ. مانا بۇ ھەقىقىي ئەقىللىق كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ