سۈرە قىيامەتنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى

75-سۈرە قىيامەتنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى

سۈرە قىيامەت مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، جەمئىي 40 ئايەتتۇر

ئەسكەرتىش: ب- تەپسىر بەغەۋىنى، ك—تەپسىر ئىبنى كەسىرنى، ز – زادۇل مەسىيرنى، س — تەپسىر سەئىدىنى، مخ — مۇختەسەر فىتتەفسىرنى كۆرسىتىدۇ. 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

لَا أُقْسِمُ بِيَوْمِ الْقِيَامَةِ ﴿١﴾

قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەن،

وَلَا أُقْسِمُ بِالنَّفْسِ اللَّوَّامَةِ ﴿٢﴾

(قىيامەت كۈنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ1) ئۆزىنى ئەيىپلەپيدىغان (مەيلى ئىتائەتكار، مەيلى ئاسىي بارچە2) نەپىس بىلەن قەسەم قىلىمەن. [1.2.«ز»،«ب»]

أَيَحْسَبُ الْإِنسَانُ أَلَّن نَّجْمَعَ عِظَامَهُ ﴿٣﴾

(كاپىر1) ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تۇپراققا ئارىلىشىپ كەتكەن2) سۆڭەكلىرىنى (قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن3) جەملىيەلمەيدۇ (بىر-بىرى بىلەن دۇنيادىكىدەك بىرلەشتۈرەلمەيدۇ4) دەپ ئويلامدۇ؟ [1. «ز» 2.«ب» 3.«مخ» 4.«ب»]

بَلَى قَادِرِينَ عَلَى أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُ ﴿٤﴾

ئەكسىچە، (ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ سۆكەڭلىرىنى جەملەپ تىرىلدۈرىمىز.1) بىز ئىنساننىڭ (سۆكەڭلىرىنى جەملەشتىن ئېشىپ2) بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىغا قەدەر يېڭىدىن يارىتىشقا قادىرمىز. [1.«ز» 2.«ب»]

بَلْ يُرِيدُ الْإِنسَانُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُ ﴿٥﴾

لېكىن ئىنسان ئالدىدىكىنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى ۋە قىيامەتتىكى جازامۇكاپاتنى1) يالغانغا چىقارماقچى (يامانلىقلىرىدىن تەۋبە قىلماستىن گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى2>، ئۆلۈمىنى ئەقلىگىمۇ كەلتۈرمەستىن گۇناھتا داۋام قىلىدۇ، تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ، دۇنيادا قولغا كەلتۈرىدىغانلىرىنىڭ پىلانى بىلەن گۇناھ ۋە زۇلۇمغا مايىل3) بولىدۇ. [1.«ز» 2.«مخ»،«ب» 3.«ب»]

يَسْأَلُ أَيَّانَ يَوْمُ الْقِيَامَةِ ﴿٦﴾

(شەكلىنىش1 ياكى ئىشەنمەسلىك يۈزىسىدىن2) «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. [1.«مخ» 2.«ب»]

فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ ﴿٧﴾

(ئۆزى يالغان چىقارغان غەيب خەۋەرلىرىنى كۆرگەن1) كۆزلەر قورقۇنچقا چۈشكەن چاغدا2، [1.«مخ»،«ز» 2.«ب»،«ز»]

وَخَسَفَ الْقَمَرُ ﴿٨﴾

ئاينىڭ نۇرى يوقالغان چاغدا،

وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ﴿٩﴾

كۈن بىلەن ئاي جەم قىلىنغاندا، (قىيامەت كۈنى كۈن بىلەن ئاي بىر يەرگە يانمۇ-يان كەلتۈرۈلىدۇ.1) [1.«ز»،«ب»،«مخ»]

يَقُولُ الْإِنسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ ﴿١٠﴾

ئەنە شۇ كۈندە (گۇناھقا چۆمگەن1 ۋە كاپىر2) ئىنسان «قاچىدىغان يەر نەدە؟» دەپ كېتىدۇ. [1.«مخ» 2.«ب»]

كَلَّا لَا وَزَرَ ﴿١١﴾

ياق. قاچىدىغان جاي يوق1. [1.«ز»]

إِلَى رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمُسْتَقَرُّ ﴿١٢﴾

ئۇ كۈندە (بارچە ئىنسۇ-جىن ئۈچۈن1) بارىدىغان جاي2 رەببىڭنىڭ (يەنى ئاللاھنىڭ3) ھوزۇرىدۇر. [1.«س» 2.3.«ب»]

يُنَبَّأُ الْإِنسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ ﴿١٣﴾

ئۇ كۈندە ئىنسانغا قىلغان ۋە قالدۇرۇپ قويغان بارچە ئىشى خەۋەر قىلىنىدۇ. («قىلغان ئىشى» — ئىنساننىڭ دۇنيادا ئۆلگەنگە قەدەر قىلغان بارچە ياخشى ۋە يامان ئىشلىرىدۇر.1 «قالدۇرۇپ قويغان ئىشى» — ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن دۇنيادا قالدۇرۇپ قويغان ياخشىلىققا ۋەسىلە بولىدىغان ئىشلىرى ياكى يامانلىققا ۋەسىلە بولىدىغان ئىشلىرىدۇر.2) [1.2.«ب»،«ز»]

بَلِ الْإِنسَانُ عَلَى نَفْسِهِ بَصِيرَةٌ ﴿١٤﴾

ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھچىدۇر.1 (كاپىرنىڭ كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالىرى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.2) [1.2.«ب»،«ز»]

وَلَوْ أَلْقَى مَعَاذِيرَهُ ﴿١٥﴾

(ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن1، ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرىدىن تېنىۋېلىپ2) تۈرلۈك ئۆزۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ. (ئۆزۈرلىرى ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ.3 كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا قارشى گۇۋاھچى بولىدۇ.4) [1.«ز»،«مخ» 2.3.«مخ» 4.«س»

***

لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ ﴿١٦﴾

(جىبرىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋەھىي ئېلىپ كېلىپ مۇناسىۋەتلىك قۇرئان ئايەتلىرىنى رەسۇلۇللاھقا ئوقۇپ بېرىشكە باشلىغاندا، رەسۇلۇللاھ نازىل بولغان ئايەتلەرنى ئۆگىنىپ ئەقلىدە تۇتۇۋېلىش ھېرىسمەنلىكى سەۋەبلىك، جىبرىل نازىل بولغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ تۈگەتمەستىنلا، رەسۇلۇللاھ جىبرىل بىلەن بىرلىكتە ئۇ ئايەتلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇشقا باشلايتتى. ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە بۇيرۇپ مۇنۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلغان1.)

(ئى پەيغەمبەر) ساڭا نازىل بولغان ۋەھىينى تېز ئۆگىنىپ، يادلىۋېلىش ئۈچۈن تىلىڭنى مىدىرلاتما.2 [1.(س)،(ب)،(ز) 2.ت\ ئا.پرل]

إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ ﴿١٧﴾

چۈنكى، قۇرئاننى (قەلبىڭدە) جەم قىلىش ۋە (ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش) ئوقۇتۇش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. [1.(ز)]

فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ ﴿١٨﴾

جىبرىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىپ بولغاندا، ئاندىن سەن (جىبرىل ساڭا ئوقۇپ بەرگىنى بويىچە) ئوقۇ1. [1.(س)،(ز)]

ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ ﴿١٩﴾

ئاندىن قۇرئاننى ئوچۇقلاپ بېرىش (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈملەرنى، ھالال ۋە ھارامنى1، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى رەسۇلۇللاھقا چۈشەندۈرۈپ بېرىش2) بىزگە ئائىتتۇر. (جىبرىل پەرىشتە ۋەھىي ئېلىپ كەلگەندە <ئىلگىرى قىلغاندەك جىبرىلغا ئەگىشىپ ئوقۇشنىڭ ئەكسىچە> بېشىنى ئېگىدىغان، كەتكەندىن كېيىن جىبرىل ئۆزىگە ئۆگەتكىنى بويىچە ئوقۇيدىغان بولدى.3) [1.(ز) 2.(س) 3.(ز)،(ب)]

ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ھەم قۇرئاننى لەۋزىنى، ھەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى قوغداشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندۇر.-س رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ بۇ تەلىمىدىن كېيىن، جىبرىل پەرىشتە قۇرئاننى ئوقۇپ بەرگەندە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، جىبرىل ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزى ئوقۇدى. بۇ ئايەتلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىگە ۋەھىينىڭ لەۋزلىرىنى ئوقۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، مەنىلىرىنىمۇ بايان قىلىپ بەرگىنىنى كۆرسىتىدۇ. — تەپسىر سەئدى

ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى: بۇ ئايەتتە ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ ئەدەبى كۆرسىتىلمەكتىدۇر. ئوقۇغۇچى — ئۇستازى ئۆزى چۈشەندۈرۈۋاتقان مەسىلە ھەققىدىكى سۆزىنى تۈگەتمىگۈچى ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم. ئەكسىچە، ئۇستازى مەسىلىنى بايان قىلىپ تۈگەنتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ ھەقتە چۈشۈنەلمىگەن تەرەپنى سوراش يولىنى تۇتۇشى كېرەك.[تەپسىر سەئدى] 

كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ ﴿٢٠﴾

ئۇنداق ئەمەس (ئىش سىلەرنىڭ يېڭىدىن تىرىلىشنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغىنىڭلاردەك ئەمەس. سىلەرنىڭ قىيامەتتە قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىڭلارنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى شۇكى1) سىلەر (تېز قولغا كېلىدىغان2) تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيا ھاياتىنى-مخ ياخشى كۆرىسىلەر. (دۇنيادىكى لەززەتلەر ۋە نېمىلەتلەر تېزلا قولغا كېلىدىغان بولۇپ، ئىنسان تېز قولغا كېلىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشكە مايىلدۇر. ئاخىرەتتىكى نېمەتلەر بولسا دەرھال قولغا كەلمەستىن، كەلگۈسىدە <ئۆلگەندىن كېيىن> قولغا كېلىدۇ.3) [1.(مخ) 2.3.(س)]

وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ ﴿٢١﴾

ئاخىرەتكە (ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن سالىھ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا1) سەل قارايسىلەر. (ئاخىرەت ئۈچۈن ياشاشنى تەرك ئېتىسىلەر. ئاخىرەتنى تاشلاپ، دۇنيانى تاللايسىلەر.2) [1.2. (س)]

وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ ﴿٢٢﴾

ئۇ كۈندە (مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنىڭ تۇنجى كۈنى بولغان قىيامەت كۈنىدە) بىر قىسىم يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ. (بۇ ئاخىرەتنى دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇپ ياشىغان تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىدۇر.-س بۇلارنىڭ يۈزلىرى نۇرلۇق، گۈزەل ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن بولىدۇ.1) [1. (ب)]

إِلَى رَبِّهَا نَاظِرَةٌ ﴿٢٣﴾

(بۇ يۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى) ئاللاھنىڭ يۈزىنى (ھېچبىر توسۇق، پەردىسىز ھالدا، بىۋاستە ئوپئوچۇق1) كۆرىدۇ.2 (جەننەت ئەھلى مۆمىنلەر جەننەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان گۈزەل يۈزىنى ئۆز مەرتىۋىلىرىگە يارىشا شەكىلدە كۆرۈش نېمىتىگە نائىل بولىدۇ. بەزى مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان گۈزەل يۈزىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا كۆرىدۇ. بەزى مۆمىنلەر جۈمەدىن-جۈمەگىچە ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ يۈزىنى كۆرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە لەززەت ئېلىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ. ئاللاھنىڭ يۈزىنى ھەر كۆرگەنچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ پارلاق ۋە گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.3) [1.(ب) 2.(ز) 3.(س)]

 ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: مۆمىنلەرنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنى كۆرۈشى ھەقتۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر شۈبھە يوقتۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھ. مەن بۇلارنى «ئەلمۇغنى» ۋە «ئەلخەدائىق» ناملىق ئەسەرلىرىمدە بايان قىلدىم. — زادۇل مەسىير

وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ ﴿٢٤﴾

(قىيامەتتە) يەنە بىر تۈركۈم يۈزلەر تۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ. (بۇلار دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن تۇتقانلارنىڭ يۈزىدۇر. بۇلارنىڭ يۈزلىرى خارلىق ۋە غەمكىنلىك ئىچىدە تۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ.1) [1.(2)]

تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ ﴿٢٥﴾

(چۈنكى1) بېشىغا بەك ئېغىر بالا-قازا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. (چۈنكى، بۇلار دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر.2 بۇخىل بەدبەخت كىشىلەر سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ گۈزەل يۈزىنى كۆرۈشتىن مەھرۇمدۇر.3) [1.(س) 2.(ب) 3.(ز)]

***

كَلَّا إِذَا بَلَغَتِ التَّرَاقِيَ ﴿٢٦﴾

ياق.(كاپىر بۇلارغا ئىشەنمەيدۇ1) (كىشىگە ئۆلۈم كېلىپ2) جان (بەدەندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن) كېكىردەككە كەلگەن چاغدا، [1.(ز) 2.(ز)،(ب)]

وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ ﴿٢٧﴾

(ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن — شىپالىق ئۈچۈن ئوقۇپ1) «سۈپكەشلىگۈچى كىم؟» دېيىلىدۇ. (ئۆلۈم كەلگەن كىشىنىڭ ھەر قانداق ماددىي داۋالاش ئارقىلىق ساقىيىپ قالالايدىغانلىقىدىن ئۈمىد كېسىلىدۇ، كىشى پەقەت مەنىۋىي سەۋەبلەرگە مايىللىق بىلدۈرىدۇ. ئەمما، ئۆلۈمى بەلگىلەنگەن كىشىنى ئۆلۈمدىن ھېچنەرسە قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.2) [1.(ز) 2.(س)]

وَظَنَّ أَنَّهُ الْفِرَاقُ ﴿٢٨﴾

جېنى ئېلىنىش ئالدىدىكى كىشى (بەدىنىدىكى روھى كېكىردىكىگە كەپلەشكەن چاغدا1) بۇنىڭ (دۇنيادىن-ز،ب) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ يېتىدۇ. [1.(ب) 2.(ز)،(ب)]

وَالْتَفَّتِ السَّاقُ بِالسَّاقِ ﴿٢٩﴾

(ئۆلۈم ئازابى سەۋەبلىك1) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ. (مانا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئېغىرچىلىق بىلەن ئاخىرەتنىڭ ئېغىرچىلىقى بىر يەرگە كەلگەن بەكمۇ شىددەتلىك پەيتتۇر.2) [1.(ب) 2. (س،ز،ب،ك)]

إِلَى رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمَسَاقُ ﴿٣٠﴾

مانا بۇ كۈندە (ئۆلگەن كىشى1) ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. [1.(مخ)]

فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ ﴿٣١﴾

ئۇ (يەنى يۇقىرىقى ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىسلام دۈشمىنى كاپىر ئەبۇ جەھل1 ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىدىكىلەر؛ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدىرگە پۈتۈلگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىققا2، شۇنداقلا قۇرئانغا3 راست دەپ تەستىقلاپ) ئىمان ئېيتمىدى، (ئاللاھ ئۈچۈن4) نامازمۇ ئوقۇمىدى. [1.(ز،ب) 2.(س) 3.(ب) 4.(ب)]

وَلَكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّى ﴿٣٢﴾

ئەكسىچە، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقنى1) يالغانغا چىقاردى، (ئىماندىن2، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىدىن3) يۈز ئۆرۈدى. 

[1.(س) 2.(ب) 3.(س)]

ثُمَّ ذَهَبَ إِلَى أَهْلِهِ يَتَمَطَّى ﴿٣٣﴾

ئاندىن، كىبىر-تەمەننا بىلەن ماڭغىنىچە ئائىلىسىنىڭ\ تەرەپتارلىرىنىڭ يېنىغا كەتتى.

أَوْلَى لَكَ فَأَوْلَى ﴿٣٤﴾

(ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ دۇنيانى تاللايدىغان، ئىمان ئىسلامنى رەت قىلىپ، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن باش تارتىپ كۇفۇرغا باشچىلىك چۆككەن ئى كاپىر، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان) دەھشەتلىك ھالاكەت ساڭا يېقىنلاشتى.1 [1.(ب،م،مخ)]

ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَى ﴿٣٥﴾

يەنە ساڭا دەھشەتلىك ھالاكەت بەكمۇ يېقىنلاشتى.1 (بۇ ئاللاھنىڭ ئازغۇن كاپىرغا قىلغان ئېغىر تەھدىتىدۇر.2 ئاللاھ تەھدىتىنى مۇتلەق ئىشقا ئاشۇرغۇچىدۇر.) [1.(ب) 2.(ك،ب،س)]

أَيَحْسَبُ الْإِنسَانُ أَن يُتْرَكَ سُدًى ﴿٣٦﴾

ئىنسان (ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇيرۇق-چەكلىمە بەلگىلىمەستىن-س،ب، پادىچىسى يوق خالىغانچە ئوتلايدىغان تۆگىلەردەك-ب) ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلىدۇ (ئۆزىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن ھېساب ئېلنمايدۇ3) دەپ ئويلامدۇ؟ [1.(س،ب) 2.(ب) 3.(ب،ز،س)]

أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِّن مَّنِيٍّ يُمْنَى ﴿٣٧﴾

ئۇ (ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىغا تۆكۈلىدىغان1) بىر تامچە مەنىي ئەمەسمىدى؟ [1.(ب)]

ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ ﴿٣٨﴾

ئاندىن (ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىدا مەنىي ھالىتىدىن كېيىن1) ئۇيۇل قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ2) يارىتىپ، شەكىل ئاتا قىلدى. [1.(ز) 2.(ك،س)]

فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنثَى ﴿٣٩﴾

ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئەركەك ۋە چىشى (ئەۋلاتلاردىن1) ئىبارەت ئىككى جىنسنى ياراتتى. [1.(ب)]

أَلَيْسَ ذَلِكَ بِقَادِرٍ عَلَى أَن يُحْيِيَ الْمَوْتَى ﴿٤٠﴾

مانا مۇشۇلارنى قىلغان ئاللاھ (قىيامەت كۈنى چىرىغان ھالەتتە قەبرىلىرىدە ياتقان، سۆڭەكلىرى توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ