«ئۆلۈكلىرىڭلارغا سۈرە ياسىننى ئوقۇڭلار» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ، ئەمەل قىلىمىزمۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى، ئىمام ئىبنى ھەجەر
مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ((اقْرَءُوا يس عَلَى مَوْتَاكُمْ)) «ئۆلۈكلۈرۈڭلارغا سۈرە ياسىننى ئوقۇڭلار» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. بۇنى ئىمام ئەھمەد (19789) ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇد (3121) توپلىغان.
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇنى «ئەلئەزكار» ناملىق ھەدىسدە ئەمەل قىلىشقا يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىس دېگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ «تەلخيس» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ھافىز ئىبنى قەتتان ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا ئىللەت بار، زەئىپ ھەدىس دېگەن بولۇپ، بۇ ھەدىس مەۋقۇف ھەدىستۇر. ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئەبۇ ئوسمان ۋە ئۇنىڭ دادىسى كىملىكى نامەلۇم مەجھۇل كىشىلەردۇر. ئىمام ئىبنۇل ئەرەبىي ئىمام داراقۇتنىينىڭ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ، تېكىستى نامەلۇم زەئىپ ھەدىستۇر، بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس مەۋجۇت ئەمەس، دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. » التلخيص» (2/104) ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ھەدىسنى ئەمەل قىلىشقا يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىس دەپ باھالىغان. وضعفه الألباني في «إرواء الغليل» (688).
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قۇرئان ئوقۇش بىدئەتتۇر. ئۆلۈم تۆشىكىدىكى كىشىگە قۇرئان ئوقۇش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۆلۈم تۆشىكىدىكى كىشىگە سۈرە ياسىن ئوقۇش مۇستەھەبتۇر.» «الاختيارات» (ص 91) مۇسنەد ئەھمەدتە ئۇزەيف ئىبنى ھارىس ئەسسۇمالى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلۈم تۆشىكىدە سۈرە ياسىن ئوقۇتقانلىقى ھەققىدە بىر ھەدىس مەۋجۇت بولۇپ، ھافىز ئىبنى ھەجەر «ئەلىسابە» ناملىق ئەسىرىدە، ئۆلۈم تۆشىكىدىكى ساھابىنىڭ ئۆزىگە سۈرە ياسىن ئوقۇتقانلىقى توغرىسىدىكى مۇسنەد ئەھمەدتىكى ھەدىسنى ھەسەن ھەدىس دەپ باھالىغان. «الإصابة» (5/324)
سەلەپ ئىماملىرىدىن ئىمام مالىك بولسا ئۆلۈم تۆشىكىدىكى كىشى ئۈچۈن سۈرە ياسىن ئوقۇشنى بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنىڭ دەلىلگە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىس بولغانلىقى سەۋەبلىك، شۇنداقلا سۈننەت يۇرتى ھېسابلانغان مەدىنىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى يۈزىسىدىن يامان كۆرگەن. «شرح مختصر خليل» (2/137)
سۈرە ياسىننى ئۆلگەن كىشىگە ئوقۇش بىدئەت، ئەمما ئۆلۈم تۆشىكىدىكى كىشىگە ئوقۇش مۇستەھەپ دەپ قارىغانلار بولسا ئىمام ئەھمەد نەقىل قىلغان، ئۇزەيف ئىبنى ھارىس ئەسسۇمالىنىڭ ئۆزىگە سۈرە ياسىن ئوقۇتقانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسىنى ھەسەن سەھىھ ھەدىس دەپ قاراپ، شۇنداقلا سۈرە ياسىندىكى ( يا ليت قومي يعلمون بما غفر لي ربي ) «ۋاي ئېسىت! قەۋمىم رەببىمنىڭ مېنىي مەغفىرەت قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىىچۇ…» دېگەن ئايەتلەرنىڭ جېنى چىقىۋاتقان مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن خۇش بىشارەت ۋە ئاسانچىلىق بولىدۇ دەپ قاراپ، بۇنى مۇستەھەپ دېگەن.
ئەمما، يۇقىرىدا بايان قىلىنىغىدەك، ئۆلۈپ بولغان كىشىگە سۈرە ياسىن ئوقۇش ھەققىدە ھېچبىر سەھىھ دەلىل بولمىغانلىقتىن، بۇنداق قىلىش بىدئەتتۇر. بىدئەت — رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرىغان ياكى تەشەببۇس قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل بولمىغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان، دىنغا كېيىن قوشۇلۇپ قالغان، ئەسلىدە دىندا بولمىغان بارچە ئىشلار بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com [ سنن أبو داود السنة (4607) ، مسند أحمد بن حنبل (4/127) ، سنن الدارمي المقدمة (95). {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة.}] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com [ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.}] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com [ سنن أبو داود السنة (4607) ، مسند أحمد بن حنبل (4/127) ، سنن الدارمي المقدمة (95). {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة.}]
ئىمام ئىبنى باز «ئۆلۈكلىرىڭلارغا سۈرە ياسىن ئوقۇڭلار» دېگەن ھەدىسنىڭ سەنىدىدىكى راۋىيلارنى بايان قىلىپ، ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، بۇنداق زەئىپ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن كېسەل كارۋىتىدىكى كىشىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ كېسەلگە مەنپەئەت بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى بايان قىلغان، ئەمما، مەسىلىنى سۈرە ياسىنغا خاسلاشتۇرۇپ، سۈرە ياسىن ئوقۇپ بېرىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشقا قوشۇلمىغان. «فتاوى ابن باز» (13/93).
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى