كۆپ ئاياللىق بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە تۆت مۇھىم پەتىۋا | ئىمام ئىبنى باز

كۆپ ئاياللىق بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە تۆت پەتىۋا

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

بىرىنچى پەتىۋا:

كۆپ نىكاھلىق بولۇش ئەرلەر ئۈچۈن سۈننەتمۇ ياكى مۇباھمۇ\ رۇخسەت قىلىنغان ئىشمۇ؟

سوئال: كۆپ ئاياللىق بولۇش مۇباھمۇ ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ سۈننەتلىكى بايان قىلىنغانمۇ؟

جاۋاب: شەرئىي دەلىللەر كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ، كۆپ ئاياللىق بولۇش ئەڭ كەمىدە سۈننەتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا كۆپ ئاياللىق بولۇش ھەققىدە  {فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ} {نىكاھلىنىشىڭلار ھالال بولغان ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىڭلار} دېگەن. بۇ بۇيرۇقتۇر. لېكىن، بۇ بۇيرۇق ئاياللار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولۇشنى ۋە ئىستىقامەتنى (بۇ جەھەتتىكى جىمىي مەسىلىلەردە شەرىئەت بەلىگىلىگەن توغرا يول بويىچە ئىش كۆرۈشنى) شەرت قىلىدۇ.

ئەگەر كىشى پۇل-مېلىنىڭ ئازلىقى، ياكى ئۆزىدىكى ئۆزىگە ئايان بولغان ئاجىزلىقلار سەۋەبلىك ئاياللىرىغا ئادىل بولالماي قېلىشتىن ئەنسىرىسە، بۇنداق كىشى پەقەت بىرلا ئايال بىلەن كۇپايىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. [1

[ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى خوتۇننى ئالسا ئىگە بولالماي تاشلاپ قويۇشىدىن، باقالماسلىقىدىن ياكى باشتىكى خوتۇنىغا ئادالەتلىك بولۇپ، كېيىنكىلىرىگە ئادالەتلىك بولالماسلىقىدىن قورققان؛ ھەتتا بىر ئايالىغا ئادالەتلىك بولۇشنى، ھەققىنى ئادا قىلىشنى، ئەمما باشقا ئاياللىرىغا ئادالەتسىز بولۇشنى، ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقنى ئاللىقاچان كۆڭلىگە پۈككەن كىشى ئۈچۈن، كۆپ ئاياللىق بولۇش ئېغىر دەرىجىدىكى ھارامدۇر، گۇناھى كەبىرىدۇر. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپ ئاياللىق بولۇشتىكى ئادالەت ۋە ئىستىقامەت شەرتىگە پۈتۈنلەي قارمۇ قارشىدۇر. بۇنداق كىشى ئاياللىرىدىن قايسى بىرىگە سالغان خاپىلىق، زۇلۇم، ئادالەتسىزلىكلىرى سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى ئۆز ئەمىرىدىكى بىر ياكى بىر نەچچە ئايالنى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالىلارنى ھەتتا ئۆمۈرۋايەت بەخىتسىز قىلىۋېتىش جىنايىتىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقار؟ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَن كانت له امرأتانِ ، فمال إلى إِحْدَاهُما ، جاء يومَ القيامةِ وشِقُّهُ مائلٌ)) «كىمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككىسىدىن بىرىگە مايىل بولىۋالسا، قىيامەت كۈنى  (مەشھەرگاھ مەيدانىغا) بەدىنىنىڭ بىر تەرىپى پالەچ ھالدا كېلىدۇ.» hedisim.com (ھەدىسنى بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ سەنەدى سەھىھ؛ ئەبۇ داۋۇد 2133؛ نەسائى 3942؛ تىرمىزى 1141؛ ئىبنى ماجە 1969؛ ئەھمەد 7936، سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6515؛ بۇلۇغۇلمەرام 1037)]

(شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كۆپ ئاياللىق بولۇش — قادىر بولالىغان كىشى ئۈچۈن سۈننەتتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقىغا بىنائەن ۋاجىپ ئەمەستۇر. [2])

ئىككىنچى پەتىۋا

سوئال:

نىكاھتىكى ئەسلى قائىدە كۆپ ئاياللىق بولۇشىمۇ ياكى بىر ئاياللىق بولۇشمۇ؟

ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

نىكاھتىكى ئەسلى قائىدە كۆپ ئاياللىق بولۇشتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: ‎﴿فَانكِحُوا مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا﴾‏ {(ئۆيلىنىشىڭلار) سىلەرگە ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككى، ئۈچ ياكى تۆت ئايال بىلەن ئۆيلىنىڭلار. ئەگەر بىردىن كۆپ ئاياللار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولالماي قېلىشتىن قورقساڭلار، ئۇ ھالدا بىر ئايال بىلەن ۋە (ئەگەر بار بولسا) قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بۇنداق قىلىش (ئۆز ھىمايىسىدىكى گۈزەل جامالغا ۋە ئاتا-ئانىسى تەرەپتىن قالغان پۇل مالغا ئىگە بولغان يېتىم قىزغا باشقا ئاياللارغا بەرگەندەك ياخشى مەھر بېرىپ ئېلىشتىن قوققان كىشىنىڭ بىردىن تۆتكىچە ئايال ئېلىشى، ياكى كۆپ ئايالغا ئادالەتلىك بولالماسلىقتىن قورققان تەقدرىدە بىر ئايال بىلەن ۋە قول ئاستىدىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىشى) ئادالەتلىك بولالىشىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇندۇر.} (سۈرە نىسا، 3-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى؛ تەرجىمىدە قوللانغان مەنىلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئۈچۈن زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر قاتارلىق تەپسىرلەرگە قارالسۇن.) كۆپ ئاياللىق بولۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى كۆپ ئاياللىق بولۇشتا ئاياللارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش، ئەۋلاد كۆپەيتىش؛ ئەرلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئىپپىتىنى قوغداپ قېلىش قاتارلىق مەنپەئەتلەر مەۋجۇت. ئەر كىشى ئۆيلەنگەن ئايال سانى (تۆتتىن ئاشمىغان ھالدا) بىردىن كۆپ بولغانسېرى، ئەرلەرنىڭمۇ، (توي قىلماي بويتاق ياكى تۇل ئولتۇرغان) ئاياللارنىڭمۇ (ھارامدىن ساقلىنىپ) شۇنچە ئىپپەتلىك بولۇشىغا يول ئاچىدۇ.[3

ئۈچىنچى پەتىۋا

كۆپ ئاياللىق بولۇشنى رەت قىلغۇچىغا رەددىيە

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

نىكاھتىكى ئەسلى قائىدە كۆپ ئاياللىق بولۇشتۇر. بىر ئايال بىلەن كۇپايىلىنىش ئاجىز كېلىپ قالغان ئەر كىشى ئۈچۈندۇر. بىر ئاياللىق بولۇشنى داۋا قىلىدىغانلار، ھايۋانلارغا ئوخشاش خالىغان بىرى بىلەن جۈپلىشىپ زىنا قىلىۋېرىدىغان ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى — نامدا بىر ئايالنى تەشەببۇس قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئايالى ياكى يولدىشىن باشقا ئۇ ياكى بۇ كىشىلەر بىلەن ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇپ كېتىۋېرىدۇ، مەنىينى خالىغان بىرىگە تۆكۈپ، قورساقتىكى ھامىلىنى خالىغان يەردە چۈشۈرۈۋېتىپ، ھايۋانلارغا ئوخشاش بۇنىڭغا ھېچ پەرۋا قىلمايدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ھالدا كۆپ ئاياللىق بولغۇچى شەرىئەت ئۆزىگە ھالال قىلىپ بەرگەن شەكىلدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدەك ھايۋانلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ئۇزاق تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئىنسانلار ئارىسىدا ھايۋانلارغا ئەڭ كۆپ ئوخشىغۇچىلاردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن ‎﴿أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ ۚ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ ۖ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا﴾‏ {سەن ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ پايدىلىق ھۆكۈم ۋە سۆزلىرىنى) ئاڭلايدۇ ياكى ئاڭقىرالايدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ھەقىقەتتە ئۇلار ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، ھەتتا تۇتقان يول جەھەتتە ھايۋانلاردىنمۇ بەتەر گۇمراھتۇر.} (فۇرقان سۈىسى، 44-ئايەت) [4

تۆتىنچى پەتىۋا

كۆپ ئاياللىق بولۇش ھۆكمىنى يامان كۆرگۈچىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئىمام ئىبنى باز مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

كىمكى ئىسلامدا يولغا قويۇلغان كۆپ ئاياللىق بولۇشنى يامان كۆرۈپ، كۆپ ئاياللىق بولماسلىقنى ئەۋزەل دەپ قارىسا، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد كاپىردۇر. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ چىقارغان ھۆكۈمنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھ شەرىئەت قىلىپ بەلىگىلىگەن ئىشنى يامان كۆرگۈچىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: : ‎﴿ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ{ئۇلارنىڭ كاپىر بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمنى يامان كۆردى، ئاقىۋەتتە (ئىلگىرى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە قىلغان ياخشى ئەمەللىرى) بىكار بولۇپ كەتتى.} (سۈرە مۇھەممەد، 9-ئايەت)

ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمنى ئۆچ كۆرگەن كىشى كاپىر بولۇپ، قىلغان سالىھ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىدىكى كۆپ ئاياللىق بولۇش ھۆكمىنى يامان كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ يامان كۆرۈشىنىڭ ماھىيىتى ئىسلام شەرىئىتىنى بۇ جەھەتتە زۇلۇم قىلغان دەپ قارىغانلىققا، ياكى ئاللاھنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇش ھەققىدىكى ھۆكمى ناقىس، ۋەياكى ياخشى ئەمەس دەپ قارىغانلىققا تەڭ. كىمكى، ناماز ئوقۇماسلىق، روزا تۇتماسلىق، زاكات بەرمەسلىك، ياكى ھەج قىلماسلىق بۇ ئىبادەتلەرنى قىلغاندىن ئەلا دەپ قارىسا، بۇنداق كىشى كاپىردۇر. ياكى، ئاللاھ نازىل قىلمىغان ھۆكۈم بىلەن، يەنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ سىرتىدىكى ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلىشتا مەسىلە يوق، بۇنداق قىلىش دۇرۇس دەپ قارىسا، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكمى ئەۋزەل دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق كىشى كاپىردۇر؛ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلمىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىش دۇرۇس، ياكى ياخشى دەپ قارىغۇچى ھەم كاپىردۇر. بۇ خىل ئېتىقادلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ كاپىر مۇرتەد قىلىۋېتىدۇ.

خۇلاسىكالام، كىمكى (مەن مۇسۇلمان دەپ قويۇپ) ئاللاھ نازىل قىلىغان، ئاللاھ شەرىئەت قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشنى يامان كۆرسە ئۇ مۇرتەدتۇر. شۇنداقلا، كىمكى زىنا، ياكى ئوغرىلىق قاتارلىقلاردەك ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى ياخشى كۆرگەن، بۇنداق ئىشلاردىن رازى بولغان ھالدا ئوغرىلىق، ياكى زىنا (ۋەياكى قانداقلا بىر ئاللاھ ھارام قىلغان ئىش) ياخشى، ئۇنى قىلىش مۇناسىپ دەپ قارىسا، ئوخشاشلا مۇرتەد كاپىر بولىدۇ. ئاللاھتىن ئافىيەت تىلەيمىز. [5]

[ئالىملار ئېرىنىڭ باشقا ئاياللارغا نىكاھلىنىشىنى ئايال كىشىنىڭ يامان كۆرۈشىنى دۇرۇس دەپ قاراپ، بۇنى ھېچبىر ئالىم دىندىن چىقىرىدىغان كاپىرلىق دېمىگەن، بەلكى كۈندەشلىك بولۇشنى ياقتۇرماسلىق ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ يامان كۆرگىنى ئاللاھنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇش ھۆكمىنى يامان كۆرۈش ئەمەس، ئېرىنىڭ باشقا ئايال ئېلىۋېلىشىنى كۈندەشلىك يۈزىسىدىن يامان كۆرۈشتۇر، شۇڭا ئايال كىشى ئاللاھنىڭ تۆت ئاياللىق بولۇش ھۆكمىنى يامان كۆرمىگەن، ئەكسىچە قوبۇل قىلغان تەقدىردە كاپىر بولمايدۇ، ئېرىنىڭ باشقا ئايال ئېلىۋېلىشىغا ئاياللىق فىتىرىتى بويىچە ياقتۇرماي قېلىش ئايال كىشىنى گۇناھكارمۇ قىلمايدۇ. ئەمما، ئايال كىشى نىكاھتىن ئىلگىرى ئۈستىگە باشقا ئايال ئالماسلىقنى شەرت قوشمىغانلىكى تەقدىردە، ئېرىنىڭ باشقا ئايال ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇرۇشۇپ-سوقۇشسا، يولدىشىنىڭ ئۆز ئىپپىتىنى شەرئىي يوسۇندا تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئارزۇسىغا دۈشمەنلىك قىلسا، بۇ چاغدا گۇناھكار بولىدۇ دەپ قارىغان. شۇڭا، ئېرىنىڭ باشقا ئايال ئېلىشىنى ياقتۇرمىغۇچى ئايالغا «ئاللاھ نازىل قىلغاننى يامان كۆرگەن كاپىر» دەپ قالپاق كەيدۈرۈشتىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَّكُمْ}{سىلەر ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، جىھاد قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى.} (سۈرە بەقەرە، 216-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئاللاھ جىھادنى پەرز قىلىپ بەلگىلەپ، بەزى مۆمىنلەرنىڭ ئۇنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. جىھادنىڭ شەرىئەت قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكىگە چىن ئېتىقاد قىلسىمۇ، نەپسىگە ئېغىر كەلگەنلىك سەۋەبلىك جىھاد قىلىشنى يامان كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقى مۇشۇ ئايەتتىن بىلنىشىدۇ. شۇنىڭدەك، شەرىئەتنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇش ھۆكمىنى توغرا، ياخشى دەپ چىن ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۆز تەبىئىتى ۋە قەلبىگە ئېغىر كېلىش سەۋەبلىك يولدىشىنىڭ باشقا ئايال ئېلىشىنى ئۆچ كۆرگەن ئايالمۇ ئوخشاشلا كاپىر بولمايدۇ.]

[ھارامنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھارام ئىشنى قىلىش ئىككىسى ئىككى ئىش بولۇپ، شەرىئەتتە ھارام قىلىپ بەلگىلىنگەن، ھاراملىقىدا ئىجما بولغان ئىشنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى كاپىردۇر. شەيخنىڭ دەۋاتقىنى مۇشۇ مەسىلە. ئەمما، ھارام ئىشنى قىلغان مۇسۇلمان ئۇ ئىشنى ھالال دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس يا ئۇ ئىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ياكى ئۇ ھارام ئىشنى نەپىسىنىڭ ۋە شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ، ئاللاھقا ئاسىي بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. ھارام ئىشنى قىلغان مۇسۇلماننى «ئۇ ئىشنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغاچقا قىلدى» دەيدىغان شەيتانىي ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ دامىغا پەقەت دىنىنى بىلمىگەن، ئەقىلدىن مەھرۇم قالغان كىشىلەرلا چۈشۈپ كېتىدۇ.]

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

نەقىل مەنبەلىرى:

[1] https://binbaz.org.sa/fatwas/2885/هل-تعدد-الزوجات-مباح-فقط-ام-سنة

[2] المغني (9 / 340): تعدد الزوجات سنة للقادر عليه . وليس بواجب باتفاق العلماء.
[3] دروس شرح بلوغ المرام، كتاب البيوع لابن باز

[4] https://binbaz.org.sa/fatwas/2571/التعدد-هو-الاصل-في-الشريعة

[5] https://binbaz.org.sa/fatwas/4883/حكم-من-انكر-تعدد-الزوجات%C2%A0

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ