ئاياللارنىڭ شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولى قانداق بولىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: ئۆيلىرىدە ئولتۇرىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىشى قايسى شەكىلدە مۇمكىن بولىدۇ؟ كىتابلارنى ئوقۇش، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى \ ئىنتېرنېت ۋاسىتى ئارقىلىق ئالىملارنىڭ دەرس-لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
شۇنداق، لېنتىلاردىن \ ئىنتېرنېتتىن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ دىنىي دەرسلىرىنى، ئىلمىي لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش، قۇرئان راديوسىدا تارقىتىلىدىغان نۇرۇن ئەلەددەرب پروگراممىسىنى ئاڭلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش جۈملىسىدىندۇر. پايدىلىق دىنىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش، ئالىملاردىن تېلفۇن ياكى مەكتۇپ يېزىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق سوئال سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرئىي ئىلىم يولى جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:{فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ}{ئەگەر بىلمىسەڭلار ئەھلى ئىمىلەردىن سوراڭلار.} (نەھل سۈرىسى 43-ئايەت) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم شەرئىي ئىلىم ئېلىش يولىنى تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.»
ئالىملاردىن تېلفون ياكى مەكتۇپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ياكى يۈزمۇ يۈز ھالدا سوئال سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم تەلەپ قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، پايدىلىق شەرئىي كىتابلارنى ئوقۇشمۇ ئىلىم تەلەپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاش، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇش ئەڭ ئۈستۈن ئىلىم تەلەپ قىلىش يوللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، قۇرئان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، قۇرئان ئىلىم جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈن دەلىلدۇر، قۇرئان ئەڭ ئۈستۈن يولباشلىغۇچى. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ قۇرئاننى مەنىلىرىگە كۆڭۈل قويغان ھالدا كۆپ قىرائەت قىلىشى، قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىشى (مۆتىۋەر قۇرئان تەپسىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشى)، مەنە ۋە تەپسىرلىرىنى بىلەلمىگەن قۇرئان ئايەتلىرى ھەققىدە سالاھىيەتلىك ئالىملاردىن سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم يولىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
قۇرئان رادىيوسى قانىلى ئىلىم ھاسىل قىلىشتىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋاسىتىلەردىن بولۇپ، مەن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىدىغان، نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى ۋە باشقا نۇرغۇن شەرئىي ئىلىمگە ئالاقىدار مەزمۇنلار تارقىتىلىدىغان قۇرئان راديوسى قانىلىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. (مەنبە: ئىمام ئىبنى باز: نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
- ئەسكەرتىش: تور بېتىمىزدە شەيخ تەۋسىيە قىلغان نۇرۇن ئەلەد دەرب دىنىي پروگراممىسىدا بېرىلگەن نۇرغۇنلىغان پەتىۋالار تور بېتىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئىشەنچىلىك دىنىي توربەتلەردىكى دىنىي مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئىلىم ۋە ھىدايىتىنى ئاشۇرۇشمۇ ئوخشاشلا شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىش جۈملىسىدىندۇر.