«زۇھد» دېگەن نېمە؟ دۇنيالىق ھۈنەر-كەسىپ قىلىش زۇھدقا زىتمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

«زۇھد» دېگەن نېمە؟ دۇنيالىق ھۈنەر-كەسىپ قىلىش زۇھدقا زىتمۇ؟

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

زۇھد — دۇنياغا باغلىنىپ قالماسلىق، دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆرمەسلىكتۇر. زۇھد — دۇنيالىق رىزققا ئېرىشىش سەۋەبلىرىدىن يۈز ئۆرۈش دېگەنلىك ئەمەس. [زۇھد ھاجىتىڭ يوق نەرسىنى تەرك ئېتىشىڭدۇر. لېكىن، ھاجىتى بولغان نەرسىنى تەرك ئېتىش زۇھد ھېسابلانمايدۇ.-ئەللامە سالىھ فەۋزان | زۇھد — ئاخىرەتتە پايدىسى يوق ئىشنى تەرك ئېتىشتۇر.— ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن ت]  ئەر كىشى دۇنيالىق رىزق ئۈچۈن سەۋەب قىلىشى، ئىشلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ قولىغا قاراشتىن بىھاجەت بولۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىشقا يېپىش، ئاللاھتىن ياردەم تىلە.» بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لأنْ يَحْتَطِبَ أحَدُكُمْ حُزْمَةً عَلى ظَهْرِهِ، خَيْرٌ لَهُ مِن أنْ يَسْألَ أحدًا، فَيُعْطِيَهُ أوْ يَمْنَعَهُ)«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ دۈمبىسىگە بىر يۈدۈم ئوتۇننى توشۇپ كېلىپ، ئۇنى سېتىشى — بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغان — باشقىلاردىن سوراپ-تىلىشىدىن ياخشىدۇر.» (بۇخارى 1470؛ مۇسلىم 1042؛ رىيازۇس سالىھىن 540) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە ئەر كىشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ تاپقان كىرىمىنى ئەڭ ھالال كىرىم دېگەن.

ئەر كىشى رىزق تەلەپ قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن، ئائىلە-بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن ۋە ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئىشلىشى لازىم. ئېلىم-سېتىم، زىرائەتچىلىك، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك دېگەنگە ئوخشاش، ۋە باشقا ئۆزى قادىر بولالايدىغان ھالال ھۈنەر كەسىپلەرنى قىلىش ئارقىلىق رىزىق تەلەپ قىلىشى كېرەك. لېكىن، كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى دۇنيا غېمى ئەمەس ئاخىرەت غېمى بولۇشى كېرەك. دۇنيالىق كەسىپ، تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ پەرز قىلغانلارنى ئورۇندىشى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغانلارنى تەرك ئېتىشى، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشى لازىم. ئۇ قىلىۋاتقان دۇنيالىق ھۈنەر-كەسىپ ئۇنى ئاخىرەت ئۈچۈن سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتىن مەھرۇم قويماسلىقى كېرەك. [ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى]

سەلەف ئالىملىرىدىن ئەبۇ سۇلايمان دارانىي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىبادەت — پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن نان ئوشتۇپ، خىزمەت قىلىشى ئەمەس. ئىبادەتنى — يەيدىغان نېنىڭنى ھالال كۈچۈڭ بىلەن تېپىپ يېيىشتىن باشلا. يېمەك-ئىچمىكىڭنى (ۋە ئېھتىياجىڭنى) ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ھەل قىل، ئاندىن ئىبادەت قىل. ئىشىكىڭنىڭ چېكىلىپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن دۇنيالىق پۇل-مال، لازىمەتلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىنى تاما قىلىدىغان قەلبتە ياخشىلىق يوق.» mujtehid.com (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\382)

سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر نەپلە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولساڭ، باشتا ئۆيۈڭدە يېمەك-ئىچمەك بارمۇ-يوق، بۇنىڭغا قارا. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بارسا، ئۇ چاغدا نەپلە ئىبادىتىڭنى قىل. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بولمىسا، ئۇ ھالدا باشتا يېمەك-ئىچمەكنى ھەل قىل، ئاندىن نەپلە ئىبادەت قىل.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

ئىبراھىم ئەلخەۋۋاس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئۈچ ئەدەبى بار: (1) كارۋانغا يېنىدا ئوزۇق-تۈلۈك بار ھالەتتە قېتىلىش. (2) كېمىگە ئوزۇق-تۈلۈكى بار ھالەتتە چىقىش. (3) ئۆيىدە يېمەك-ئىچمەكنى بار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇرۇش.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

ئىمام بەيھەقى مۇنداق دېگەن: (من زهد منهم في الدنيا ورغب في الآخرة، اكتفى بأقلّ ما يكون قوتا، وتصدّق بالباقي، كما كان القراء من أصحاب النبي ﷺ يصنعونه، أو اقتصر على اكتساب أقلّ ما يكون قوتا ثمّ اشتغل بعد ذلك في العبادة والله أعلم) «كىشى دۇنياغا نىسبەتەن زاھىت بولۇپ، ئاخىرەتكە رىغبەت كۆرسەتسە، ئازغا قانائەت قىلىپ، كۆپىنى سەدىقە قىلسا، يەتكۈدەك خەج-خىراجەتىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىپ، باشقا ۋاقتىنى ئىبادەتكە ئايرىسا، ياكى (ھالال كۈچى بىلەن ئىشلەش بىلەن بىرگە) ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش يولىنى تۇتۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ۋاقتىنى ئاللاھقا ئىبادەتكە ئايرىسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇرئان ھاپىزى ساھابىلىرىدەك يول تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

 مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ «نېمە ئادەملەر سىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «بىز مۇتەۋەككىلۇنلارمىز (يەنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز)» دېيىشتى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلارغا «ھالبۇكى سىلەر مۇتتەككىلۇنلارسىلەر. (كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل-مالغا تەلمۈرۈپ تاما قىلغۇچىلارسىلەر.) ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى سىلەرگە دەپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار — داننى زېمىنغا كۆمۈپ بولۇپ، ئاندىن (ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتە) رەببىگە ئىشەنگەن كىشىلەردۇر» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\258)

 

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ