ئۆيگە ئۇۋىلىۋالغان چۈمۈلىلەرنى ھاشارەت دورىسى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

ئۆيگە ئۇۋىلىۋالغان چۈمۈلىلەرنى ھاشارەت دورىسى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشنىڭ ھۆكمى


ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»دە مۇنداق دېگەن:

ئىمام ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قېتىم چۈمۈملىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ «بۇ چۈمۈلە ئۇۋىسىغا كىم ئوت قويۇۋەتتى؟» دەپ سورىدى. بىز «بىز ئوت قويغان ئىدۇق» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ئوت بىلەن جازالاش ئوتنىڭ ئېگىسى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ياراشمايدۇ» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد 2300؛ رىيازۇس سالىھىن 1611)

بۇ ۋەجىدىن، ئۆيىگە چۈمۈلە كىرىۋالغان كىشى، چۈمۈلىنى ئوت قويۇپ ئۆلتۈرسە بولمايدۇ. ئەكسىچە، چۈمۈلىنى ئۆيدىن قوغلايدىغان باشقا ئۇسۇل قوللىنىدۇ. مەسىلەن، چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ ئالدىغا ئۇلارنى قاچۇرىدىغان بىر نەرسە قويۇپ قويسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن چۈمۈلىلەر ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئىككىنچىلەپ قايتا كەلمەيدۇ. ئەگەر، ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈمۈلىنى ئۆيدىن يوقۇتالمىسا، چۈمۈلىلەرنى زەھەرلىك ھاشارەت دورىلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن باشقا يول تاپالمىسا، ئۇ ھالدا زەھەرلىك ھاشارەت دورىلىرىنى چۈمۈلىلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئۆيدىكى ئەزىيەتنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇنى بىلىش لازىمكى، چۈمۈلە — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەن ھايۋانلار جۈملىسىدىندۇر. ئەمما، چۈمۈلە كىشىگە ئەزىيەت بېرىپ، ئۆلتۈرمىگۈچە ئۇنىڭ ئەزىيىتىدىن قۇتۇلغىلى بولمىسا، ئۇ ھالدا چۈمۈلىنى ئۆلتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى 5\242)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ