زىكىر تەسبىھنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى

زىكىر تەسبىھنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ؟

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللا «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى» دە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقىدۇر، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر» دېگەن ھەدىسىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:

ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى «سۇبھاناللاھ» دەپ زىكىر ئېيتىشتىن، «ئەلھۇمدۇلىللاھ» دەپ زىكىر ئېيتىشتىن، ۋە «لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ زىكىر ئېيتىشنىڭ ساۋابىدىن ئۈستۈندۇر. چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش پەرز كۇپايىدۇر. بەزىدە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش كىشى ئۈچۈن پەرز ئەين بولىدۇ. زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش بولسا نەپلە \ مۇستەھەپ ئەمەلدۇر. [مۇستەھەب — قىلىنسا ساۋاب بېرىلىدىغان، قىلىنمىسا جازاغا تارتىلمايدىغان بارچە ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇستەھەبنىڭ مەنىسى نەپلە مەنىسى بىلەن ئوخشاش.] بىلىنگىنىدەك، پەرزنى ئورۇنداشنىڭ ئەجرى نەپلىنى ئورۇنداشنىڭ ئەجرىدىن ئۈستۈندۇر. چۈنكى، ئەزىز ۋە جەلىل بولغان ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«بەندەم ماڭا مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەلدىن بەكراق يېقىنلىشالايدىغان باشقا ئەمەل يوق.»  بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان. (يەنى كىشىنى ئاللاھقا ھەممىدىن بەك يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەت ۋە ئەمەللەردۇر. كىشى پەرزلەرنى تەرك ئېتىپ، نەپلە ئىبادەتلەر ۋە نەپلە ئىشلار ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشالمايدۇ. پەرزلەرنى كامىل ئورۇنداپ، شۇنىڭغا قوشۇپ نەپلە ئىبادەتلەرنىمۇ قوغلىشىپ قىلغان ۋە بۇنىڭدا ئىزچىل بولغان كىشى ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ.) شافىي مەزھىپىمىز ئالىملىرىدىن ئىمامۇل ھەرەمەين (جۇۋەينى) بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەرز ئەمەلنىڭ ساۋابى نەپلە ئەمەلنىڭ ساۋابىدىن يەتمىش ھەسسە ئۈستۈندۇر. [ئىمام نەۋەۋىنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.]

ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ھەققىدىكى بەزى دەلىللەر ۋە ھۆكۈملەر

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ ﴾

[3:104] ﴿(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياخشىلىققا  (ئىسلامغا) چاقىرىپ، (قۇرئان ۋە سۈننەتتە بۇيرۇلغان) خەيرلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان، (قۇرئان ۋە سۈننەتتە چەكلەنگەن، لەنەتلەنگەن ۋە دوزاخ بىلەن خەۋەر بېرىلگەن) يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بولسۇن. ئەنە شۇلار (دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ) مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكۈچى كىشىلەردۇر.﴾

* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من رأى منكم منكراً فليغيره بيده فإن لم يستطع فبلسانه ، فإن لم يستطع فبقلبه وذلك أضعف الإيمان)) «سىلەردىن كىم دىندا چەكلەنگەن بىر ناتوغرا ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە، ئۇنى سۆز بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىمۇ قىلالمىسا، ئۇ يامان ئىشقا دىلىدا نارازىلىق بىلدۈرسۇن. يامان ئىشقا دىلىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتىدۇر.» (سەھىھ مۇسلىم، 59-ھەدىس)

* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر، بۇنداق بولمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.»  (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 7070)

* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الناس إذا رأوا المنكر فلم يغيروه أوشك أن يعمهم الله بعقابه))«ئەگەر كىشىلەر يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىسا، ئاللاھ پات ئارىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4338، تىرمىزى 2167، ئىبنى ماجە 4005؛ مۇسنەد ئەھمەد، مۇھەددس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)

ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يامانلىقنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.» (أن الآيات والأخبار تدل على أن كل مَن رأى منكراً فسكت عنه : عصى)(مۇختەسەر مىنھاج قاسىدىن،124)

سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىشى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇشقا قادىر بولالىغان ۋە بۇنى قىلىش سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ئىجماقا كېلىنگەن ئىشتۇر. ناۋادا، كىشى يامانلىقتىن توسۇش سەۋەبلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا شۇ يامانلىقنى قەلبىدە ئىنكار قىلىشى، يامانلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىشى ۋە يامانلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىشى لازىم بولىدۇ.»(تەپسىر قۇرتۇبى، 6-جىلد، 253)

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«يامانلىقنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن شۇ يامانلىقنى توسىدىغان باشقا بىرى بولمىغان ۋە ئۇ يامانلىقنى ئىنكار قىلىشقا قۇربى يەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى پەرز ئەين بولىدۇ.» (وقد يكون الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر فرضَ عينٍ ، وذلك في حق من يرى المنكر وليس هناك من ينكره وهو قادر على إنكاره)-(ئىمام ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 3\212)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ