ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىغۇچى «ئۆلتۈرىلىدۇ» دېگەن، ۋە «تۈرمىگە قامىلىدۇ» دېگەن ئالىملار
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
بىر بۆلۈك سەلەپ ئىماملىرى نامازنى ھورۇنلۇق سەۋەبلىك ئوقۇمىغۇچىنى دىندىن چىققان مۇرتەد كاپىر دەپ ھۆكۈم بەرگەن. (سەلەف — ساھابە، تابىئىن، ئىزباسار تابىئىن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمان ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەھىھ ھەدىستە بۇ ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنى ئەڭ ياخشى مۇسۇلمانلار دەپ ماختىغان.-ت) ساھابە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇ ھەقتە ھۆكۈم نەقىل قىلىنغان. ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىمۇ نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغۇچىنىڭ، خوش ياقسا ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدۇر. ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل ھۆكۈم نەقىل قىلىنغان. شافىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم ئۆلىمامۇ مۇشۇ ھۆكۈمدىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئىمام نەۋەۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، كۇفە فەقىھلىرىدىن بىر جامائەت ۋە ئىمام شافىينىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇزەنى — ئاللاھ ھەر ئىككەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن — نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن جىسمانىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن تاكى بەش ۋاخ نامازنى كامىل ئوقۇيدىغان ھالەتكە كەلگەنگە قەدەر تۈرمىگە قامىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئىمام نەۋەۋى يەنە مۇنداق دېگەن:
ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىدىن تەۋبە قىلىپ، ناماز ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تۆۋبە قىلىپ، نامازلىرىنى ئوقۇسا بۇ ياخشى. ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، توي قىلغان زىناخورنىڭ ئۆلتۈرۈلىگنىدەك، ناماز ئوقۇمىغۇچىمۇ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئەمما، ناماز ئوقۇمىغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى قىلىچ بىلەن بولىدۇ. [ئىمام نەۋەۋىنىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بۇ مەسىلە يوشۇرۇلمىسۇن
دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنى كاپىر ئەمەس، دېگەن ئالىملارمۇ، ئۇنىڭ جىسمانىي جازاغا تارتىلىپ، تاكى بەش نامازنى كامىل ئوقۇيدىغان بولغانغا قەدەر تۈرمىگە قامىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم بەرگەن.
«ناماز ئوقۇسا كاپىر بولمايدۇ» دەپ قارايدىغان كىشىلەر «ناماز ئوقۇمىسا كاپىر بولمايدۇ» دەپ قويۇش ئارقىلىق، ناماز ئوقۇمىغۇچىلارنى تېخىمۇ غەپلەتتە قويۇشقا سەۋەبچى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ناماز ئوقۇمۇغىچىنى پالانچى پوكۇنچى ئالىملار كاپىر ئەمەس دەپ، ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى دەلىل كەلتۈرگەندەك، شۇ قاتاردا ئالىملارنىڭ «ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر ئەمەس، ئەمما، جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئاللاھقا بولغان ئاسىيلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن ھۆكمىنىمۇ تەڭ كەلتۈرۈشى كېرەك بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «كىشىى بىلەن مۇشرىكلىق ۋە كاپىرلىق ئارىسىدا نامازنى تەرك ئېتىش بار» (مۇسلىم) ھەدىسى تالاش تارتىشسىز سەھىھ ھەدىستۇر. مۇشۇ ھەدىس ۋە مۇشۇ تىپتىكى باشقا دەلىللەرگە بىنائەن، بىر بۆلۈك ئالىم ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىغۇچىنى كاپىر دېگەن. ئالىملار ئارىسىدىكى توغرا قاراش ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدۇر.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ئەمەس، دەلىلگە تايانغان ئاساستا «كىشى ناماز ئوقۇمىغانلىقى سەۋەبلىك كاپىر بولمايدۇ» دېگەن ئاجىز قاراشتا بولۇپ قالغان ئالىملارنى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلغاي) ۋە بۇ قاراشنى تۇتقان مۇسۇلمانلارنى ئازغۇنغا، پاسىققا چىقىرىشقا ۋەياكى ئۆچ كۆرۈپ ئاداۋەتلىشىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىگە كۈچلۈك بولغان دەلىللەر ئاساسىدا ناماز ئوقۇمىغۇچى كاپىر بولمايدۇ دەپ قارايدىغان قېرىنداشلار «ناماز ئوقۇمىغۇچى كاپىر بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلارنى ئاشقۇنغا، جاھىلغا چىقىرىشى ياكى پىچىقى ئىتتىك، ئۆپكىسى يوق دەپ سۈپەتلىشى تېخىمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپ سەلەپ ئالىملىرى دەۋرىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولۇپ، گەرچە توغرىسى ناماز ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى بولسىمۇ، لېكىن، سەلەپ ئالىملىرى ئىختىلاپلاشقان مەسىلىدە بىر تەرەپنى ئەيىپلەش ئادالەتنىڭ، سەلەپ-سالىھىنغا بولغان مۇھەببەتنىڭ ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ كەمچىلىكىدىندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «قازى\مۇپتى\ھاكىم بىر مەسىلىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، چىقارغان ھۆكمى ھەقكە ئۇيغۇن بولسا ئىككى ئەجىرگە، ھۆكۈمدە خاتا كېتىپ قالغان بولسا بىر ئەجىرگە ئېرىشىدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىسى ھەر دائىم ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەك.
خۇلاسە، ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى «ناماز ئوقۇمىغۇچى كاپىر بولمايدۇ» دېگەن ئالىملارنىڭمۇ ھۆكمى بولۇپ، بۇ ھەرگىز «ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر» دېگەن ئالىملارغا خاس ھۆكۈم ئەمەس. ئۇنداق بولغان ئىكەن، نامازنى خۇش ياقسا ئوقۇپ خۇش ياقسا ئوقۇمايدىغان، ياكى پەقەتلا ئوقۇمايدىغان، ياكى جۈمە نامىزىغىلا بېرىپ قويىدىغان كىشىلەر جىمى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئاسىيلىق، جىنايەت ۋە كۇفۇر ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ، دەرھال تەۋبە قىلىشىنى، ھەقكە قايتىپ، بەش ۋاخ نامىزىنى تېزدىن باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.