يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
2:40 (ئاللاھ نۆۋەتتىكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا قىلغان نېمەتلىرىنى ئۇلارغا ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ1:) «ئى بەنى ئىسرائىل! (يەنى، ئى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى2!) سىلەر مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى (يەنى سىلەرنى فىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتقازغانلىقىمنى، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ۋە كىتابلار ئەۋەتكەنلىكىمنى، سىلەرنى ئۆز زامانىسىدىكى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلىپ سىلەرنى ھۆكۈمدار قىلغانلىقىمنى…3) ئەسلەڭلار، ماڭا قىلغان ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار (يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەكلىكى توغرىسىدا سىلەردىن ئالغان ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭلار4)، شۇنداق قىلساڭلار مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىمەن (يەنى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئەگەشسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلى ئۈستۈڭلارنى بېسىۋالغان يۈكلەرنى يوق قىلىمەن، سىلەردىن رازى بولىمەن ۋە سىلەرنى جەتتەكە كىرگۈزىمەن5). پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار. (ئاللاھتىن قورققان كىشى بۇ قورقۇشى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ چارىسىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى6.) ئىسرائىل — ئىبراھىمنىڭ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ياقۇپتۇر. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى: بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سىرت، ياقۇپ ئەلەيھىسالامدىن باشقا ئىككى ئىسمى بار پەيغەمبەر يوق. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىسىملىرى بەك كۆپ.7 [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر سەئدى 3-،4-، 5- تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. تەپسىر سەئدى 7. تەپسىر قۇرتۇبى]