وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ
2:45 سەبر ۋە ناماز ئارقىلىق ئاللاھتىن ياردەم سوراڭلار. (يەنى ئۆزۈڭلار ئارزۇلىغان دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بېشىڭلارغا كېلىدىغان تۈرلۈك ئىمتىھانلار\سىناقلار\مۇسىبەتلەردىن سالامەت ئۆتۈش ئۈچۈن سەبر ۋە نامازغا مۇراجىئەت قىلىڭلار.1) شەكسىزكى، ناماز خۇشۇ ساھىپلىرىدىن باشقىسىغا ئېغىر كېلىدۇ. (خۇشۇ ساھىبى بولمىغۇچى ناماز ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ2.)
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: سەبر — گۇناھلاردىن ساقلىنىشتۇر.3
ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق تەپسىرلىگەن: ئاخىرەتتىكى بەخت سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش غەيرىتىڭلار، پەرزلەرنى سەبر بىلەن داۋاملىق ئورۇنداش جەھەتتە ناماز ئارقىلىق ياردەم ئېلىڭلار، دېگەنلىكتۇر4.
ئىمام بەغەۋى مۇنداق دېگەن: مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: سەبر — روزىدۇر. بۇ سەۋەبلىك رامزان ئېيى سەبر ئېيى دەپ ئاتالغان. چۈنكى، روزا كىشىنى زۇھد ساھىبى قىلىدۇ. ناماز بولسا كىشىنىڭ ئاخىرەتكە بولغان رىغبىتىنى ئاشۇرىدۇ5.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«روزا — سەبرنىڭ يېرىمىدۇر.»6
ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: خۇشۇ — قەلبنىڭ ئاللاھقا تەسلىم بولۇشى، ئاللاھ بىلەن ھوزۇر تېپىپ تىنىچلىنىشى، ئاجىزانە ۋە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار دەپ بىلگەن ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر7. خۇشۇ ساھىبى — ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن قەلبى تەسكىن تاپىدىغان كىشىدۇر8.
مۇھەممەد ئىبنى مەرۋەزى رەھىمەھۇللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: «بەدىر كۈنى (يەنى ئەتە بەدر غازىتى بولىدۇ دېگەن كېچە) ئۆزىمىزگە نەزەر سالدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن باشقا ھەممەيلەن ئۇيقۇدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل ئىدى. رەسۇلۇللاھ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر مۇشۇنداق قىلدى.9»
ئىمام ئەھمەد ھۇزەيفە يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بېشىغا بىرەر ئېغىرچىلىق كەلسە نامازغا تۇراتتى.»10 [1-،3-4- تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-،7-تەپسىر سەئدى 5. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، زادۇل مەسىير 6. مۇسنەد ئەھمەد 4\260؛ مۇھەددىس ئابدۇررازاق مەھدى تەپسىر ئىبنى كەسىر تەھقىقىدە بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنى ئىشەنچىلىك دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ماجە باشقا سەنەد بىلەن مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى نەقىل قىلغان 8. تەپسىر بەغەۋى 9. مۇسنەد ئەھمەد 1\125؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 2257؛ ھەدىستىكى خارىسەدىن باشقا راۋىيلار بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىيلىرىدۇر. ھەدىس ھەسەندۇر.-تەپسىر ئىبنى كەسىر، ئابدۇررازاق مەھدى تەھقىقى 10. مۇسنەد ئەھمەد 5\388؛ ئىمام نەسەئى «ئەليەۋمۇ ۋەللەيل» ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى ھىببان سەھىھىدە نەقىل قىلىپ، سەھىھ دېگەن]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى