قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
2:32 پەرىشتىلەر «سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. بىزلەر سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە ئەمەسمىز. شەك-شۈبىھسىزكى، سەن ئەلىيم ۋە ھەكىيمدۇرسەن» دېيىشتى.
ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئەلىيم — ئىلىمى بارچە مەۋجۇداتنى قورشاپ تۇرغۇچى، ھېچقانداق ئىش ياكى نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمىغۇچى ئاللاھ دېگەن مەنىدە. ھەكىيم — مۇكەممەل ھېكىمەت ئىگىسى، ھېچنەرسىنى ھېكمەتسىز ياراتمايدىغان، ھېچ ئىشنى ھېكمەتكە زىت رەۋىشتە بۇيرىمايدىغان ئاللاھ دېگەن مەنىدە. ھېكمەت — ھەر ئىشنى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان \ يارىشىدىغان يەرگە قويۇش، دېمەكتۇر.1
پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمىتىنى ئىقرار قىلغىنىدەك، ئاللاھ بىلدۈرمىسە، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى؛ ئاللاھنىڭ بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىگە كاتتا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.2 [1-،2-تەپسىر سەئدى]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى