ئەر كىشى شىپالىق بولۇشىنى كۆزلەپ قولىغا ۋە پۇتىغا خېنە قويسا بولامدۇ؟
سوئال: ئەر كىشى پۇتىغا ۋە قولىغا خېنە قويسا دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگەن ئورگان: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
جاۋاب: ئەر كىشى داۋالىنىش\ شىپا ئىزدەش يۈزىسىدىن پۇتىغا ياكى قولىغا خېنە قويسا دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، ئەر كىشىنىڭ گۈزەللىشىش ياكى ئاياللارغا ئوخشىۋېلىش يۈزىسىدىن پۇتىغا ياكى قولىغا خېنە قويۇشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ((لعن رسول الله صلى الله عليه وسلم المتشبهين من الرجال بالنساء والمتشبهات من النساء بالرجال)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.» (بۇخارى 5885)
[اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء 3598-نومۇرلۇق پەتۋا \ پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ، ئابدۇررازاق ئەفىفىي رەھىمەھۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى قۇئۇد رەھىمەھۇللاھ]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى