ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ زىكىر توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أفضل الذكر لا إله إلا الله، وأفضل الدعاء الحمد لله)): «زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى <لا ئىلاھە ئىللەللاھ>، دۇئانىڭ ئەڭ ئەۋزىلى <ئەلھەمدۇلىللاھ> تۇر.» hedisim.com (ئىبنى ھەجەر-تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\435، ھەسەن؛ ئەلبانى-سەھىھ تىرمىزى 3383، ھەسەن؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3080، ھەسەن)
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىنى زىكىر قىلىدىغان كىشى بىلەن رەببىنى زىكىر قىلمايدىغان كىشىنىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 5928؛ رىيازۇس سالىھىن 1434)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «ئىچىدە ئاللاھ زىكىر قىلىنىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ زىكىر قىلىنمايدىغان ئۆينىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» mujtehid.com (مۇسلىم 1299؛ رىيازۇس سالىھىن 1434)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلىشىڭغا ياردەمچى بولىدىغانلاردىن باشقىسى بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپما.» mujtehid.com (ئەبۇ داۋۇد، زۇھد 1\126)
تابىئىنلاردىن ئەمر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلىدىغان ساۋاب پەردىسى ئېچىلىپ، قايسى ئەمەلگە قانچىلىك ساۋاب بېرىلگەنلىكى كىشىلەرگە ئاشكارا بولغاندا، مەشھەرگاھ مەيدانىدىكى كىشىلەر ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بېرىلگەن ساۋابتىنمۇ ئۈستۈن ساۋابنى كۆرمەيدۇ. بۇ چاغدا مەشھەرگاھ مەيدانىدىكى بىر تۈركۈم كىىشلەر (پۇشايمان ئىلىكىدە) «بىز ئۈچۈن زىكىردىنمۇ ئاسان ئەمەل يوق ئىدىغۇ؟» دېيىشىپ كېتىدۇ. | mujtehid.com الوابل الصيب من الكلم الطيب (ص: 78)
تابىئىن ئالىم ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ مۇنداق دېگەن: «(ئىسلامدا) ئېلىم-سېتىمنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى، نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى، قانداق روزا تۇتۇلىدىغانلىقى، نىكاھلىنىش-ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق تالاق قىلىنىدىغانلىقى، قانداق ھەج قىلىنىدىغانلىقى ۋە باشقا ھالال-ھارام مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ (ئۆگىتىلىپ، ئۆگىنىلىدىغان) سورۇنلار زىكىر سورۇنلىرىدۇر.» | mujtehid.com (ئىمام نەۋەۋى، ئەلئەزكار، 22)
تابىئىن ئالىم ئەئمەشتىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا يېپىشىڭلار، چۈنكى، ئاللاھنىڭ زىكرى شىپادۇر. ئىنسانلارنى زىكىر قىلىشتىن قېچىڭلار، چۈنكى ئۇ كېسەللىكتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد، زۇھد كىتابى 642)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ زىكىر قىلشتا ئىزچىل بولسا، ياخشىلىقلار ئۇنىڭغا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەگىشىدۇ.كىمكى ئاللاھتىن مەغفىرەت سوراشتا ئىزچىل بولسا، بارچە ئىشىكلەر ۋە يوللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. (دەرتلەر داۋاسى، 188) mujtehid.com
ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر بەندە رەببىگە ئۇنى زىكىر قىلىشنى ياقتۇرماسلىق ۋە رەببىنى زىكىر قىلغانلارنى ياقتۇرماسلىقتىنمۇ شىددەتلىك ئىش بىلەن دۈشمەن بولالمايدۇ.» mujtehid.com (حلية الأولياء 6\72)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: «تىلىڭنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئازاد قىلغىن. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىڭ يەتمىسە، ئۇ ھالدا، ھېچبولمىغاندىمۇ تىلىڭنى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى \ يامان سۆزىنى قىلىشتىن بولسىمۇ ساقلاپ قالغىن.» mujtehid.com (اللطائف، 173)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جەننەتتىكى قەسىرلەر زىكىر ئاساسىدا قوپۇرىلىدۇ. سەن زىكىرنى توختاتقان چاغدا پەرىشتىلەرمۇ قەسىر سېلىشنى توختىتىدۇ. | mujtehid.com [الوابل الصيب من الكلم الطيب ، 159]
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: زىكىر قەلب بىلەنمۇ، تىل بىلەنمۇ بولىدۇ. زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھەم تىل، ھەم قەلب تەڭ ھازىر بولغىنىدۇر. ئەگەر زىكىرنى قەلب ياكى تىلدىن بىرىدە جارىي قىلغان تەقدىردە، (قەلب ھازىر بولمىغان ھالدا تىل بىلەنلا قىلىنغان زىكىردىن تىلنى مىدىراتماستىن تۇرۇپ) قەلب بىلەن زىكىر قىلىش ئەۋزەلدۇر. (ئەلئەزكار) mujtehid.com
ئاسىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ۋائىل بىرەر ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولماي تۇرۇپ قالغان چاغلاردا تەسبىھ ئېيتاتتى. بىرەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ زىكرىنى سەزگەنلىكىنى بىلسە، ئالدىغا پۈتۈن دۇنيانى قويسىمۇ زىكىرىنى داۋاملاشتۇرمايتتى. mujtehid.com (سىفاتۇس سەفۋا: 683) تەسبىھ — «سۇبھاناللاھ» دېيىشتۇر.
ھەرەم مۇدەررىسلىرىدىن شەيخ ئابدۇسالام شۇۋەيئىر ئىمام ئىبنى بازنىڭ زىكىرى ھەققىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ زىكىر ئەھلىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرىدىن ئىدى. ئاللاھنى ھەم ئاشكارا، ھەم يوشۇرۇن شەكىلدە زىكىر قىلاتتى. زىكىرنى كۆپ قىلغانلىقتىن، تىلى زىكىرگە كۆنۈپ كەتكەنلىكتىن، تىلى بىكار قىلسىلا تەبئىي ھالدا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ كېتەتتى. شەيخ زىكرىنى ئىنسانلاردىن شۇنچە يوشۇرۇشقا تىرىشتىسمۇ، شەيخنىڭ ئاغزى دەرس سۆزلەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، پەتىۋا بېرىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش قاتارلىق سالىھ ئەمەللەردىن بىكار قالغان ھەر قانداق چاغدا ئۇنىڭ تىلى تەبئىي ھالدا زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتەتتى. شەيخنىڭ ئائىلىسى، ئوقۇغۇچىلىرى، دوست-يارەنلىرى شەيخنىڭ زىكرىنى پات-پات سېزىپ قالاتتى. شەيخ ئىبنى باز ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىۋاتقان ۋاقتىدا باشقىلار پەتىۋا سورىسا، پەتىۋاغا قۇلاق سالغاچ تىلى يەنە زىكىرگە كېتىپ قالاتتى. شەيخ ئۆز تىلىنى ئاللاھنى زىكىر ئېيتىشتىن باشقىسىغا كۆندۈرمىگەن ئىدى، ھەتتا تاماق يەۋېتىپتۇ ئېغزىغا بىرىنچى كاپام تاماقنى سېلىش بىلەن كېينكى كاپام تاماقنى سېلىش ئارىسىدا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى. شەيخ ئويغاقلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلماي بىكار تۇرۇپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق.
شەيخنىڭ شۇنداق بىر ھالىتى بار ئىدىكى، شەيخنى بۇ ھالەتتە كۆرگىنىمىزدە بىز ئۇنىڭ بىر چوڭقۇر ئىلمىي مەسىلىنى كاللىسىدا تەپەككۇر قىلىپ مۇھاكىمە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياكى بىر شەرئىي مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلىۋاتقانلىقىنى جەزم قىلىشاتتۇق. شەيخنىڭ بۇ ھالىتى — بېشىنى ئەگكەن ھالدا بېشىغا سالغان ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى چىشى بىلەن مەھكەم چىشلىۋالغان ھالەت ئىدى. زىكىر ئەھلى ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا تىلى ۋە قەلبى ئۆزى قىلىۋاتقان زىكىر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىش. شەيخ زىكىر قىلسا تىلى ۋە قەلبىنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى تىل ۋە قەلب بىلەن قىلىنىدىغان زىكىردىن توسۇپ قېلىپ، دىنىي مەسىلە ھەققىدە تەپەككۇر ياكى ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم چىشلىۋالاتتى. شەيخ بۇ ئەھۋاللارنى بىزگە ياكى ھېچبىر كىشىگە ئەسلا ئېيتمايتتى. ئۇ شەرئىي مەسىلە ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىشقا قەلبىنى ۋە كاللىسىنى مەشغۇل قىلالىشى ئۈچۈن، تىلىنى زىكىردىن توختىتىشى كېرەك ئىدى. تىلى زىكىردىن توختىسا قەلبىمۇ زىكىردىن توختايتتى، پەقەت مۇشۇ ھالەتتىلا شەيخ شەرئىي مەسىلىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئىجتىھاد قىلالايتتى. شۇ ۋەجىدىن، شەيخ تىلىنى ۋە قەلبىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن، ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم چىشلىۋالاتتى. بىز قاچانلىكى شەيخنى ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم چىشلىۋالغان ھالەتتە كۆرسەك، شەيخنى شەرئىي مەسىلىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئىجتىھاد قىلىۋاتقانلىقىغا جەزم قىلاتتۇق. ئاللاھ شەيخىمىز ئىبنى بازغا رەھمەت قىلسۇن. mujtehid.com (شەيخ ئابدۇسالام شۇۋەيئىر دەرسلىرىدىن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق بىر بەندە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە ھەر ئاخشىمىسى < بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ > دەپ ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇ كىشىگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.» mujtehid.com (ئەبۇ داۋۇد 5088؛ تىرمىزى 3388؛ ئىمام ئىبنۇل قەييىم «زادۇل مەئاد»تا (2\338) سەھىھ دېگەن، ئەلبانى «سەھىھ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) زىكىرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
شەيخ ئابدۇررازاق ئەلبەدر ھەفىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمان ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئوقۇشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ئۇلۇغ زىكىرلەر جۈملىسىدىندۇر. بۇنى ئوقۇش ئارقىلىق كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تۇيۇقسىز كېلىدىغان بالا-مۇسىبەتنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ رەسۇلۇللاھتىن (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) كەلگەن سەھىھ خەۋەردۇر، راست سۆزدۇر. بىز بۇنىڭ ھەقلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىقمۇ تونۇپ يەتكەنمىز. مەن مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن بېرى مەزكۇر زىكىرنى ئوقۇشنى داۋام قىلدىم ۋە ھېچقانداق نەرسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ باقمىدىم، تاكى بۇ زىكىرنى ئوقۇشنى تەرك ئېتىشىم مۇستەسنا. بىر كېچىسى مېنى مەدىنىدە چايان چېقىۋالدى. شۇ چاغدا مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇغانمىتىم يوق، دەپ ئويلىنىپ بېقىۋىدىم، ئاشۇ كېچىسى مەن مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقانلىقمنى بىلدىم. mujtehid.com [كتاب فقه الأدعية والأذكار 3\12؛الفتوحات الربانية لابن علان (3/100)]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
mujtehid.com | hedisim.com