تېلفۇن، ۋاتساپ فىقھىغا ئائىت بەزى پايدىلىق كۆرسەتمىلەر

تېلفۇن، ۋاتساپ فىقھىغا ئائىت بەزى پايدىلىق كۆرسەتمىلەر

مۇجتەھىد تورى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

كۈنىمىزدە ۋاپتسا ۋە تېلفۇن ئىشلىتىشتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بەزى ئېغىر ۋە يېنىك مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىسى مۇشۇ جەھەتتىكى بەزى پايدىلىق كۆرسەتمىلەردىن ئىبارەت.

[1] يېقىن-يورۇقلىرىڭىز ۋاتساپ دۇرۇمىغا، فىيسبۇك سەھىپىسىگە شەرىئەتكە ئۇيغۇن نەرسىلەرنى چىقارسا ياقتۇرۇش بېرىپ قويۇڭ. دائىم بۇنداق قىلالمىسىڭىزمۇ پات-پات مۇشۇنداق قىلىشقا تىرىشىڭ. بۇ ئەدەپ جۈملىسىدىندۇر. مۇشۇنداق قىلسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى خۇش بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە سىز توغرۇلۇق «پالانچى ماڭا ئەھمىيەت بېرىدىكەن، مېنى ياقتۇرىدىكەن» دېگەن گۈزەل چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئاشىدۇ. ئىسلام مېھىر-مۇھەببەتنى روياپقا چىقىرىدىغان سەۋەبلەرگە بۇيرۇپ؛ مېھىر-مۇبەببەتنى سۇسلاشتۇرۇپ، يوق قىلىدىغان، ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان سۆز، ھەرىكەت ۋە قىلمىشلاردىن چەكلەيدۇ.

يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە، سورۇنداش، سۆھبەتداش، يېقىن-يورۇق ياكى تونۇش-بىلىش دەپ قارىغان كىشىلىرىڭىز ۋاتساپ دۇرۇمىغا بىر نەرسە چىقارسا، سىز ئۇنىڭ ۋاتساپ دۇرۇمىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي، ئىزچىل رەۋىشتە كۆرۈپ قويۇپ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە «پالانچى مېنى ياقتۇرمايدىكەن» دېگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. ۋاتساپتىكى، تېلفۇندىكى مۇناسىۋەتلەر ئەسلىدە رېئاللىقتىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېخنولوگىيە ۋاسىتىلىرىگە ئېقىپ كىرگەن بىر پارچىسىدۇر. سىز سىرتتا كېتىۋاتسىڭىز، بىر يېقىنىڭىز باغچىدا بالىسىنى ئوينىۋاتقاتقان بولسا، سىز ئۇلارنىڭ يېنىدىن گەپ-سۆز قىلماستىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ۋاتساپتىكى، تېلفۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئەھۋاللارمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. سىز بۇ جەھەتتىكى سالام بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، باھا بېرىش، گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەش جەھەتلەردە سەل قارىغانسېرى، قارشى تەرەپمۇ سىزگە سەل قارايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە سەل قارىشى ئاقىۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە ئۆچ بولۇپ كېتىشىنى، ھەتتا ياتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسلام بۇنى چەكلەيدۇ. شۇڭا، ۋاتساپ دۇرۇمىغا يېقىن-يورۇق، تونۇش-بىلىشلىرىڭىز چىقارغان شەرىئەتكە ئۇيغۇن نەرسىلەرگە پات-پات ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرۇڭ. بۇنداق قىلىشتىكى نىيىتىڭىز مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزنى خۇش قىلىش، قوللاش، كۆڭلىنى ئۇتۇش بولغانلىكى تەقدىردە، بۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلار ئارا ياخشى كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغانلىقتىن، ئاللاھ بۇ ئەمىلىڭىزگە ياخشى ساۋاب بېرىدۇ.

يېقىن-يورۇقلىرىڭىز ۋاتساپ دۇرۇمىغا ۋە باشقا تۈرلۈك (فىيسبۇك، ئىنستاگرام، تۋىتىر قاتارلىق) كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىلىرىگە چىقارغان شەرىئەتكە ئۇيغۇن نەرسىلىرىگە ياخشى دۇئا، ياقتۇرۇش ۋە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ھە دېسىلا كۆرمەسكە سېلىپ كېتىۋەرسىڭىز، ناھايىتى ئېغىر ئەدەپسىزلىك يولىنى تۇتقان بولىسىز. سىزگە ھېچبىر قىيىنچىلىق كەلتۈرمەيدىغان «ئېسىل، قالتىس»، «ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن»، «ئاللاھ ئائىلەڭلەرنى بەخىتلىك قىلسۇن»، «ھەجەپ چىرايلىق يەركەن» دېگەندەك ئىپادىلەرنى مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزغا ئېيتىشتىن ئاجىز كەلسىڭىز، بۇنىڭدىن قىيىن ئىشلاردا مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرالماسلىقىڭىز تېخىمۇ مۇقەررەردۇر. ئاددىي، ئاسان ئىشنى قىلالمايدىغان ياكى قىلمايدىغان ئادەم؛ قىيىن، جاپالىق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، قىلالمايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئاددىي ئەدەپلەرگە رىئايە قىلمايدىغان ئادەم، بارغانچە ئەدەپكە رىئايە قىلماسلىققا كۆنۈپ، قارشى تەرەپكە ئەدەپ كۆرسەتمەسلىك ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سېپى ئۆزىدىن ئەدەپسىزلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. 

[2] يېقىن-يۇرقلىرىڭىز ۋاتساپتا بۈگۈنى گەپ قىلسا ئەتىسى جاۋاپ قايتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. بۇ قارشى تەرەپكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. بۇ خىل ھۆرمەتسىزلىك نەچچە رەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ خېلىلا سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى رېئال ھاياتتا ئوچۇق بايقاپ قالىسىز. ۋاتساپتا بۈگۈن گەپ قىلسا ئەتىسى ھە دەيدىغان، بەش ئېغىز گەپ قىلسا بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپ قاراپ تۇرىدىغان بۇنداق ھاماقەتلىك ۋە ئەدەپسىزلىكلەر سەۋەبلىك ئەتراپىڭىزدىكى قەدىرلىك ئىنسانلار سىزدىن ئۇزاقلىشىپ كېتىدۇ.

قارشى تەرەپ ۋاتساپتا گەپ قىلسا ياكى خەت يازسا، قارشى تەرەپتىن ئۇچۇر كەلگىنى سىزگە مەلۇم بولغان ھامان، دەرھال ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ جاۋاپ قايتۇرۇۋېتىشكە تىرىشىڭ. بۇنىڭغا نورمالدا بىر نەچچە مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ. ناۋادا، قارشى تەرەپتىن سىزگە ئۇچۇر كەلگەندە ئالدىراش بولسىڭىز، ئالدىراشچىلىق دېگەن ئادەتتە بەك بولسا بىر ئىككى سائەتتە سەل بېسىقىدۇ، شۇڭا بىر ئىككى سائەت ئىچىدە بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرۇۋېتىشكە تىرىشىڭ. ئەگەر داۋاملىق جاۋاب قايتۇرۇش ئەپسىز بولۇپ قالسا، بولۇپمۇ قارشى تەرەپ سىزگە نەچچە بۆلۈك ئۇزۇنراق گەپ قىلغان بولسا، قارشى تەرەپكە «ھېلىغىچە ياكى كەچ تەرەپتىن ئۇچۇرىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرىمەن، سەت بولدى» دېگەندەك ئىنكاس بىلدۈرۈپ قويۇڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ، ھۆرمەت، ئادىمگەرچىلىك جۈملىسىدىندۇر. بۈگۈنى گەپ قىلسا ئەتىسى ھەدەپ، چۈشتىن بۇرۇن گەپ قىلسا يېرىم كېچىدە جاۋاپ قايتۇرۇپ كېتىۋېرىشىڭىز قارشى تەرەپكە «ساڭا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن، ساڭا خوش ياققاندا جاۋاپ قايتۇرىمەن» دېگەن سېگنالنى بەرگىنىڭىزدۇر. سىز «ئەتىگىچە ياكى خوش ياققاندا جاۋاپ قايتۇرسام نېمە بولاتتى» دەپ ئويلايسىز، ئەمما، قارشى تەرەپ تېلفۇن، ۋاتساپ ئىشلەتكۈدەك ئەقىلگە ئىگە ئىنسان بولغانلىقتىن، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇرغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلالىشى تەبئىي. قارشى تەرەپكە سەزدۈرۈلگەن پەرۋاسىز مۇئامىلە ۋاقتى كەلسە بىر-بىرىنى چەكسىز ياخشى كۆرىشىدىغان ئەر خوتۇنلار ئارىسىنىمۇ ئايرىۋېتەلەيدۇ. ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ تونۇش بىلىش، يېقىن يورۇقلارغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىش ناچار ئەخلاق بولۇپ ئىسلام بۇنى چەكلەيدۇ. باشقىلارغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىش ھەتتا باشقا بارچە دىن ۋە ئېقىملاردىمۇ ئورتاق رەۋىشتە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان يامان قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.

بولۇپمۇ سىز قارشى تەرەپ بىلەن مەلۇم ياكى چوڭقۇر يېقىنلىققا ئىگە بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بولغان يېقىنلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئەمەلىيەتتە بولغىنىدەك، ۋاتساپتىمۇ، تېلپۇندىمۇ ئۇنىڭغا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىشىڭىز مۇشۇ يېقىنلىقنى قەدىرلەشنىڭ ئەڭ رېئال ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر.

[3] يېقىن-يۇرۇق، تونۇش بىلىشلىرىڭىز سىزنىڭ ۋاتسىپىڭىزغا دىنىي مەزمۇن ئەۋەتسە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، قارشى تەرەپتىن مىننەتتار بولۇڭ. ھەرگىزمۇ «ماڭا نېمىشقا دىنىي نەرسە ئەۋەتىدۇ، ئەجابا مەن بىلمەيدىغاندەك» دېگەن شەيتانىي ئويدا بولماڭ. شۇنى ياخشى بىلىڭكى، مۇسۇلمان ۋاتساپتا پەقەت ئۆزى بەك ياكى نىسبەتەن ياخشى كۆرىدىغان تونۇش-بىلىشلىرىگىلا ياخشى نەرسىلەرنى ئەۋەتىدۇ. ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئادەمگە ۋاتساپتا نەرسە يوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، گېزى كەلسە ئۇنىڭ نومۇرىنى ئۆزىنىڭ تېلفۇن نومۇرى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ سىزگە ۋاتساپتا دىنىي مەزمۇن يوللىشى ئۇنىڭ سىزنى قەدىرلىگەنلىكى، ياخشى كۆرگەنلىكى، سىزگە كۆيۈنگەنلىكىدۇر. بۇنداق قىلمىشلارنى قەدىرلەڭ.

ۋاتساپتا قارشى تەرەپكە مەيلى دىنىي مەيلى دۇنياۋىي بىر نەرسە ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال ياكى كېيىن ئەڭ كەمىدە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئاللاھنىڭ سالىمىنى ئاۋازلىق دەڭ ياكى يېزىقچە يېزىپ ئەۋەتىڭ. ئاراڭلار زىيادە يېقىن بولمىغان ئەھۋالدا ھېچبىر سالام-ساھەتسىزلا بىر نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ كېتىشىڭىز بىر نۇقتىدىن ئۆيگە ئىشىكنى چەكمەي كىرگەن كىشىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. سالام مېھىر مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ، ۋاتساپتىمۇ سالامغا ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىڭ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەڭ ئاجىزىڭلار دۇئادا ئاجىز كەلگۈچىلىرىڭلاردۇر، ئەڭ بېخىلىڭلار سالامغا بېخىللىق قىلغۇچىلاردۇر.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر)

[4] قارشى تەرەپ ۋاتساپتا سىزگە ئۇزۇن-ئۇزۇن گەپلەرنى قىلسا، ئېيتقانلىرى دىنغا مۇخالىپ، غەيۋەت شىكايەت، ياكى ئەخلاقسىز سۆزلەر بولمىغانلىكى تەقدىردە، سىزمۇ شۇنىڭغا يارىشا ئۆز پىكىر چۈشەنچىڭىزنى ئىپادىلەپ، نەچچە بۆلۈك مۇۋاپىق سۆزلەرنى قىلىڭ. ھەر بىرى بىرەر مىنۇتلۇق بەش پارچە ئاۋازلىق ئىنكاسقا يىگىرمە ئوتتۇز سېكونتلۇق گەپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ قويۇپ بولدى قىلىشىڭىز ئېنىقلا قارشى تەرەپكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىڭىزنى، ئانچە ئىلىك ئېلىپ كەتمەيۋاتقانلىقىڭىزنى ئاشكارا ئىپادىسى. ئەگەر ياق ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز، شۇ سۆزنى قىلغۇچى بىر داڭلىق كىشى بولسا، ياكى باشلىق بولسا، ياكى نوپۇزلۇق باي بولسا، سىز يەنىلا بەش ئون مىنۇتلۇق گەپكە يىگىرمە ئوتتۇز سىكنوتلۇق گەپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ قويامتىڭىز يوق؟ ئەلۋەتتە بۇنداق كىشىلەر گەپ قىلغاندا ئەڭ كەم بىر نەچچە مىنۇت رەھمەت ھەشقاللا ئېيتقان، گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىگەن، ھەتتا قارشى تەرەپكە بەلەن خۇشامەتلەرنى قىلغان بولاتتىڭىز….

[5] ئەگەر سىز قارشى تەرەپ بىلەن بەك يېقىن دوست بولۇپ، ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارغا ۋاتساپ، تور، تېلفۇندا يۇقىرىقىدەك پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان، بىر يەرگە كەلگەندە ۋاتساپتا دېيىلگەنلەر ھەققىدە قانغۇچە پىكىرلىشىپ، مۇڭدىشالايدىغان كىشىلەردىن بولساڭلارمۇ، يەنە ئوخشاشلا، ۋاتساپ، تور تېلپۇنى ئاشۇ ئەڭ يېقىنىڭىزغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشنى تاشلاڭ. چۈنكى، بۇ ئەڭ كەمىدە ئەدەپكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىپ، داۋاملىشىپ ئاخىرىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلماس يېقىن بىلنەشكەن كىشىلەرمۇ بارا-بارا ياتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى چوڭ ھەسىرەت ۋە زىياندۇر.

[6] قارشى تەرەپ سىزگە تېلفۇن قىلغان بولۇپ، ئاڭلىماسلىق ياكى جىددىي ئالدىراشچىلىق سەۋەبلىك قارشى تەرەپتىن كەلگەن تېلفۇننى ئالالمىغان بولسىڭىز، چوقۇم سىزگە قولاي بولغاندا ئۇنىڭغا تېل قايتۇرۇڭ ۋە ئۆزرە بايان قىلىڭ. خىيالىڭىزدا يوق كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىشى قارشى تەرەپنى مۇھىم بىلمىگىنىڭىزدىن دېرەك بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تەكرارلانسا بۇ سىزنىڭ ئايرىلماس قۇسۇرىڭىزغا ئايىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، نەتىجىدە ئىنسانلار سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ھېچبىر ئىنسان ئۆزىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئىنساننى، ئۆزىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان، قەدىرلىمەيدىغان ئىنساننى ياخشى كۆرمەيدۇ. قارشى تەرەپنىڭ سىزگە ئاشۇنداق پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشىنى ئۆزىڭىز خالامسىز؟ ھەدىستە «باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ياخشى كۆرسەڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىل» دېيىلگەن.

[7] قارشى تەرەپكە تېلفۇن قىلغان ياكى ۋاتساپتا گەپ قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغىنىڭىز «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلىپ، ئەڭ گۈزەل شەكىلدە قارشى تەرەپتىن، ئائىلىسىدىن ئەھۋال سوراش بىلەن باشلانسۇن. سالامنى چالا-پۇلا قىلىپلا، «ئەسلى مەقسەت»كە ئۆتۈپ كېتىشىڭىز ئەدەپكە ئۇيغۇن ئەمەس، بۇنداق قىلىش قارشى تەرەپكىمۇ ياقمايدۇ. قارشى تەرەپ سىزگە مۇشۇنداق قىلسا سىزگىمۇ ياقمايدۇ. شۇڭا، تېلفۇن ۋە ۋاتساپتا گەپ قىلغاندا سالامغا ۋە قىزغىن ئەھۋال سوراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

[8] تېلفۇن ۋە ۋاتساپتا قارشى تەرەپكە ئامال بار قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىڭ، يىلىمان مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىشىڭىز بولسا، ئاغرىنىشىڭىز گۈزەل رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزرىسىنى ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ. ئاغرىنىشنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئاقىۋەتتە مۇئامىلىدىمۇ يىلىمان بولىۋېلىش مۇسۇلمانلىق ئەدەپ-قائىدىگە ئەسلا توغرا كەلمەيدۇ.

بىزدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلەرگە رىئايە قىلىشتا ئىزچىل بولماسلىقى — يېقىن يورۇق، دوست-بۇرادەر، تونۇش-بىلىشلەرنىڭ بارغانچە يىراقلىشىپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرەلمەس بولۇپ قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.

تېلفۇن ئىشلەتكەن ئىكەنمىز، تېلفۇندىن بىر كۈنمۇ ئايرىلالمىغان ئىكەنمىز دېمەك تېلفۇن بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مۇھىم نەرسىمىزگە مۇھىم ئادەملىرىمىزدىن، يېقىن ئادەملىرىمىزدىن ياكى تونۇش بىلىشلەردىن گەپ، سۆز، ئۇچۇر، ئىنكاسلار كەلسە، ئۇنىڭغىمۇ لايىقىدا، ئەدەپكە ئۇيغۇن شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش ھەر-بىر ئەقىل ۋە ئەدەب ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكدۇر.

تېلفۇندا يۇقىرىقى ئەدەپلەرگە ئالاھىدا رىئايە قىلىش سىزگە نۇرغۇن ساۋاپلارنى ئاتا قىلىدۇ. سىزنى نۇرغۇن ئېسىل دوستلارغا ئىگە قىلىدۇ. يېقىنلىرىڭىزنى سىزگە تېخىمۇ يېقىن قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسى بۇزغۇنچىلىق، كۆڭۈل ئاغرىقى، ئۆچمەنلىك ۋە ئاغرىق ئاداۋەتتۇر.

ئىسلامدا ھەر نەرسىنىڭ فىقھى بار. تېلفون، ئىنتېرنېت فىقھىمۇ ھەم شۇنداق. نېمە بىلەن شۇغۇللانساق شۇنىڭ فىقھىنى بىلىشىمىز زۆرۈردۇر. زامانىمىزنىڭ ئالىملىرى ھەتتا «تېلفون فىقھى» ھەققىدە ئەسەر يازغان بولۇپ، مەشھۇر ئىسلام ئالىمى بەكرى ئەبۇ زەيد رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىدىندۇر.

ئاللاھ ھەممەيلەننى يۇقىرىقىدەك ئەدەپلەرگە ۋە ئادىمىگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى مۇسۇلمانلاردىن قىلغاي.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ