تېلۋوزۇر كۆرسەم گۇناھ بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

تېلۋوزۇر كۆرسەم گۇناھ بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ تېلۋۇزۇر كۆرۈش ھەققىدە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

تېلىۋېزور  مۇسۇلماللارنىڭ دىن  ۋە ئەخلاقىغا زىيان سالىدىغان خەتەرلىك مەھسۇلاتتۇر. ئۇنىڭ بۇ زىيىنى كىنوخانا، تىياتىرخانىلارنىڭ دىن ۋە ئەخلاققا سالىدىغان زىيىنىغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ. 

بۇ جەھەتتە قىلىنغان تەتىقاتلاردىن،  شۇنداقلا ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدىن مەلۇمكى، تېلىۋېزوردىكى مەزمۇنلار ئىسلامى ئەقىدىگە، ئىسلامىي ئەخلاققا ۋە جەمىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك ۋە زىيانلىقتۇر. چۈنكى، تېلۋوزۇردا ناچار ئەخلاق؛ چاكىنا، ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەر؛ يېرىم يالىڭاچ ئەرلەر ۋە ئاياللار؛ ئەخلاقسىز سۆز-بايانلار ۋە كۇفرىي پىكىر، چۈشەنچە، تەشەببۇسلار مەۋجۇت. تېلۋۇزۇردا مەۋجۇت بولغان بۇ خىل باتىل مەنزىرە ۋە مەزمۇنلار — مۇسۇلماننىڭ تېلۋوزۇردا چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قاملاشمىغان، ئەخلاقسىز، ھەتتا كۇفرىي ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ۋە كىيىنىش شەكلىنى تەقلىد قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ؛ تېلۋوزۇر كۆرۈشكە بېرىلگەن كىشى ئىسلامىي ئەدەپ-ئەخلاقلارغا ۋە ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىنىشكە سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ. تېلۋۇزۇر قاناللىرىنىڭ ساھىبلىرى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ماختىلىۋاتقان، ئۆرنەك كۆرسىتىلىپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان كىشىلەر كۆپۈنچە ھاللاردا ئىسلامغا زىت، ھەتتا قارشى پىكىر ۋە ئىش ھەرىكەتلەردە بولىدىغان كىشىلەر بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تېلۋۇزۇردا ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلىپ تەشۋىق قىلىنىشى سەۋەبلىك ئالدىنىدۇ، ئۆرنەك شەخسنى تەقلىد قىلىپ، دوراشقا ئىنتىلىدۇ، ئۆرنەك شەخىسنىڭ دىنغا تامامەن زىت سۆز ۋە قىلمىشلىرى تېلۋۇزۇرغا بېرىلگەن مۇسۇلماننىڭ نەزىرىدە بارغانچە توغرا كۆرۈلۈپ قېلىشقا باشلايدۇ. تېلۋۇزۇردىكى ناخشا-مۇزىكا، ئەخلاقسىز ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ چاكىنا قىلىقلىرى مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى بۇزۇپ، ئاقىۋەتتە ئۇ — ئۈستۈن ئەخلاقنى ۋە سالىھ ئەمەلنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسلام دەۋەتچىلىرىنى، ئىسلامنى ئۆگىتىدىغان ئۆلىمالارنى ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ قەھرىمانلىرىنى تۆۋەن كۆرۈشكە باشلايدۇ. تېلۋېزىيە قاناللىرى ئىسلام قەھرىمانلىرىنى، ئىسلامنىڭ بۈيۈك شەخىسلىرىنى بىر تەرەپتىن ماختاۋاتقاندەك قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا چاكىنا ئەخلاق ۋە خاراكتېرلارنى چاپلاش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ ئوبرازىنى تۆۋەنلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. تېلۋۇزۇردا قويۇلىدىغان كىنو، فىلىم، كۆرۈنۈشلەر كىشىگە باشقىلارنى قانداق ئالداش، قانداق ئوغرىلىق قىلىش، قانداق ھىيلە-نەيرەڭلەرنى تۈزۈش ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. تېلۋوزۇر بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشى سەھىھ سۈننەتكە ئۇيغۇن پاك ئىسلام مەدەنىيىتىنى تۆۋەن كۆرۈپ، غەرب ۋە شەرق كاپىرلىرىنىڭ شەيتانىي مەدەنىيەتلىرىنى چوڭ بىلىدىغان ياكى توغرا كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تېلۋوزۇرغا بېرىلگەن كىشىنىڭ خاراكتېرى چاكىنىلىشىپ، پىكىرى پۈچەكلىشىدۇ. ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، ئىمانى سۇسلىشىدۇ. تېلۋۇزۇر بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشى پايدىلىق دىنىي ۋە دۇنياۋىي ئىلىملەرگە ئاجرىتىشى كېرەك بولغان قىممەتلىك ۋاقتىنى تېلۋۇزۇردىكى چاكىنا كۆرۈنۈش، مەزمۇنلارغا سەرپ قىلىپ تۈگىتىدۇ. تېلۋۇزۇر بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىنىڭ ئائىلە ۋە بالىلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ئازىيىدۇ. تېلۋۇزۇر كۆرگەن كىشى تېلۋۇزۇرنىڭ دائىمىي ۋارىيانتلىرىدىن بولغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاشتىن، يېرىم يالىڭاچ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا قاراشتىن ساقلىنالمايدۇ. تېلۋوزۇر كۆرىدىغان كىشىنىڭ قۇرئان بىلەن بولغان ئالاقىسى سۇسلىشىپ، ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادىتى ئازىيىپ كېتىدۇ. نامازلىرىنى ھوزۇر بىلەن ئوقۇيالمايدۇ. ھەتتا بەزى ھاللاردا ياكى كۆپىنچە ھاللاردا نامازلىرىنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. تېلۋوزۇر كۆرىدىغان كىشىنىڭ كۆز زىناسى ۋە قەلب زىناسىغا مۇپتىلا بولۇشى مۇقەررەردۇر. تېلۋوزۇر كۆرىدىغان كىشىنىڭ قەلبى بارغانچە تەقۋادىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئادىمىيلىكى تۆۋەنلەپ، ئەخلاقى چاكىنىلىشىپ كېتىدۇ. تېلۋۇزۇرغا خۇمار بولغان كىشىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى زايە بولۇپ، ھاياتى نابۇت بولىدۇ. تېلۋوزۇر كۆرگەن كىشى كۆز، قۇلاق ۋە قەلب زىناسىغا كۆپلەپ مۇپتىلا بولىدۇ.

شۇنىڭدا ھېچبىر شەك-شۈبھە يوقكى، مۇشۇنچىۋالا ھاراملارنى، مۇنكەرلەرنى ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، بۇنچىۋالا يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن ئۇزاق تۇرۇش ۋاجىپتۇر. بىزگە چۈشكىنى، بۇ خىل ھاراملارغا ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئىشىكنى ئالدىن تاقىۋېتىشتۇر. ناۋادا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدىن بەزىسى يۇقىرىقى بايانلارنى ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ قارشىسىنى تەشەببۇس قىلسا، بىز ئۇنداق كىشىلەرنى ئەيىپلىمەيمىز. چۈنكى، تېلۋۇزۇرنى (ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى) چەكلەش — ئاللاھقا ساداقەتمەن بولۇش ۋە مۇسۇلمانلارغا ساداقەتمەن بولۇش جۈملىسىدىندۇر. [ئىمام ئىبنى بازنىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (إنَّكُمْ لَتعمَلُونَ أعْمالًا هي أدَقُّ في أعيُنِكُمْ مِنَ الشَّعْرِ، كُنّا نَعُدُّها عَلى عَهْدِ رَسُول الله – ﷺ – مِنَ المُوبِقاتِ) «سىلەر كۆزۈڭلاردا قىلدىنمۇ ئىنچىكە كۆرىدىغان (يەنى، سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ بىلنەشمەيدىغان) شۇنداق ئەمەللەرنى قىلىسىلەركى،  بىز بۇ ئەمەللەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا كىشىنى ھالاك قىلىدىغان (گۇناھلار جۈملىسىدىن) دەپ بىلەتتۇق.» mujtehid.com (بۇخارى 6492؛ رىيازۇس سالىھىن 63)

 

بەزى دىنسۆيەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تېلۋۇزۇردىكى مەزمۇنلارنى تاللاپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تاللاپ كۆرسە ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىدۇ. ئەمما، تېلۋوزۇر قاناللىرىنى تاللاش جەريانىدا  ئېكراندا ھارام كۆرۈنۈشلەرنىڭ، يېرىم يالىڭاچ ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ كۆرۈنۈشى، قۇلاققا ئەخلاقسىز سۆز جۈملىلەر ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كىرىشى مۇقەررەر بولغانلىقتىن، «كۆپى ھارام بولغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام» بولغانلىقتىن، تاللاپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭمۇ تېلۋۇزۇرنى تاللاپ كۆرۈش جەريانىدا گۇناھلاردىن ساقلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىسلامدا كىشىگە پەرز بولغىنى، جىمىي گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا كۈچەش؛ گۇناھقا باشلايدىغان جىمىي يوللاردىن، ۋاسىتىلەردىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر.

ئىسلام فىقھى ئېھتىيات ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان، ئىسلام شەرىئىتى كىشىنىڭ  قەلب ۋە بەدەن ئەزالىرىنى گۇناھتىن ساقلىشىنى پەرز قىلغان. گۇناھتىن ئۇزاق تۇرماسلىق، گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەردىن ساقلانماسلىق كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇقەررەردۇر.

ئۆيىدە تېلۋۇزۇر بار كىشىلەر ئادەتتە كۈنىگە ئەڭ ئاز بىر نەچچە سائەت تېلۋۇزۇر كۆرىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار تېلۋۇزۇردىن ئۇزاق تۇرۇپ، تېلۋۇزۇر كۆرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىنى پايدىلىق شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان بولسا، مۇسۇلمانلار دىيارلىرى ھازىرقىدىن كۆپ دەرىجىدە گۈللەنگەن، سالىھ كىشىلەر كۆپەيگەن، بەرىكەت كۆپەيگەن، مۇسۇلمان ئەللىرىدە جىنايەت ۋە بالا-قازالار كۆرۈنەرلىك دەرىجدە ئازايغان بولاتتى.

ئەگەر مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى تېلۋۇزۇر كۆرۈشكە ئەمەس، ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، قۇرئاننى ئەڭ كەمىدە ئايدا بىر قېتىم تاماملىغان، نەتىجىدە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن كۆپلەپ ساۋاب ھازىرلىغان، ئاللاھقا تېخىمۇ بەك يېقىنلىشالىغان بولاتتى.

ئەگەر مۇسۇلمانلار تېلۋۇزۇر كۆرۈشكە كەتكەن ۋاقتىنى پايدىلىق كىتاب-ماتېرىياللارنى ئوقۇشقا، ھالال ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئىگىلەشكە سەرپ قىلغان بولسا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە كەسىپ ئىگىلىرى كۆپىيىپ، ئىشسىزلىق، نامراتلىق، قالاقلىق قاتارلىق ناچار ئىجتىمائىي ھادىسىلەر زور دەرىجىدە ئازايغان بولاتتى.

تېلۋۇزۇر كۆرۈشنىڭ يامان تەرىپىنى كۆپ تەكىتلەپ كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىدىغىنى يالغۇز  ئىسلام ئۆلىمالىرى بولماستىن، غەرب ۋە شەرقتىكى ئەقلى ئويغاق زىيالىيلار، پروفسور ۋە دوكتورلار ئارىسىدىمۇ تېلۋۇزۇر ۋە ئىنتېرنېتتا كۆڭۈل خوشى قىلىشنىڭ — كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىپ، كىشىلىك تەرەققىياتقا، مېڭە تەرەققىياتىغا ۋە پسخولوگىيىلىك ساغلاملىققا ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆپلىگەن بىلىم  ۋە پىكىر ئىگىلىرى مەۋجۇتتۇر.

تېلۋۇزۇر كۆرمەسلىك تەشەببۇسىنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك — بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇمايدىغان، ھەتتا بىر ۋاخمۇ ناماز ئوقۇمايدىغان، ئىسلام شەرىئىتىگە قەتئىي رەۋىشتە ئەمەل قىلىپ، جىمىي ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرۇشنىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىلەردۇر؛ بۇنىڭدىن سىرت، تېلۋۇزۇرنىڭ زىيىنىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىن چەكلەيدىغانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر پايدىلىق دۇنياۋىي ئىلىملەردە يۇقىرى سەۋىيە ھاسىل قىلىش، پىكىر تەپەككۇردا چوڭقۇرلاشتىن ئۇزاق، يىيىش ۋە كىيىش ئۈچۈن ياشايدىغان غايىسىز كىشىلەر بولۇپ؛ تېلۋۇزۇر كۆرۈشنىڭ غايەت زور زىيىنى توغرىسىدىكى يۇقىرىقى بايانلارغا ئېتىقاد بىلەن ئەمەلنى بىرلەشتۈرگەن، پاك ئىسلام شەرىئىتىنى تولۇق قوبۇل قىلىدىغان ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلمان ئۆكتە قوپمايدۇ. ھەتتا، مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، ئەقىل تەپەككۇردا چوڭقۇرلاپ، شىرىن كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بايقاپ يېتەلەيدىغان، چوڭقۇر ئويلىيالايدىغان كاپىرلارمۇ تېلۋۇزۇر كۆرۈشنىڭ زىيىنىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىدۇ.

 

تېلۋۇزۇر كۆرمەسلىكتە ھېچبىر زىيان يوق، ئەكسىچە كۆپلەپ پايدا-مەنپەئەت باردۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى تېلۋۇزۇرنىڭ ۋە شۇنىڭ ئورۇنباسارى بولغان كۆڭۈل ئېچىش دېتاللىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالسۇن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ