سوئال: ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ئېلىۋېتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدىكى مويلارنى ئېلىشى دۇرۇس. بىراق، قاشنىڭ تۈكلىرىنى ئېلىش (قاش تېرىش) ۋە چاچ چۈشۈرۈش بۇنىڭ سىرتىدا. ئايال كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشى ياكى قېشىدىن ھەر قانداق بىر تۈكنى ئېلىشى (يەنى قاش تېرىشى) ـــ مەيلى چۈشۈرۈۋەتسۇن ياكى باشقا شەكىلدە ئالسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس. (فەتۋا لەجنەتۇد دائىمە 5-194)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى