ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ھەيىز بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: بىر ئايال ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىھرامغا كىردى، مەككىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ھەيز بولۇپ قالدى. ئايالنىڭ مەھرىمى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر. ئايالنىڭ مەككىدە ھېچبىر مەھرىمى يوق بولغانلىقتىن مەھرىمى بىلەن قايتمىسا بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۆمرە ھەجگە ئېھرام باغلاپ بولغاندىن كېيىن ھەيز بولۇپ قالغان ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: بۇ ئايال ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا (يۇتىغا\تۇرالغۇسىغا قايتىپ كېتىش ئۈچۈن) مەھرىمى بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقىپ ھەج ئىبادىتىنى توختىتىدۇ. ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن تەكرار مەككىگە قايتىپ ئۆمرە ھەججىنى ئادا قىلىدۇ. چۈنكى، سەئۇدىي ئەرەبسىتان ياشايدىغانلار ئۈچۈن مەككىگە قايتىش قولاي، ئالاھىدە ھېرىپ چارچاش بولمايدۇ، ۋىزا\ پاسپورتقىمۇ ئېھتىياجى بولمايدۇ. ئەمما، ھەج قىلغۇچى خانىم-قىزلاردىن قايسى بىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىرتىدىن كەلگەن ۋە مەككىگە قايتا كېلىشى تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەيز ئورنىغا پاختىغا ئوخشاش بىر نەرسنى مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىدۇ ۋە سەفا مەرۋىنى سەيىنى قىلىدۇ. ئۆمرە ھەجدىن كېيىن چېچىنى قىسقارتىدۇ. مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئۆمرە ھەج قىلىپ، ئۆمرە ھەججىنى تاماملىغان بولىدۇ. چۈنكى، باشقا دۆلەتتىن ھەج ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن خانىم-قىزلار (ھەيز سەۋەبلىك ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئەمەس،) ھەيزدار ھالىتىدە تاۋاف قىلىشقا مەجبۇر. بۇ ھۆكۈم «زۆرۈرىيەت — دىندا چەكلەنگەن ئىشنى مۇباھ قىلىدۇ» دېگەن شەرئىي قائىدىگە ئاساسلانغاندۇر. (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۈسەيمىن، ھەيىز ۋە نىفاس توغرۇلۇق ئاتمىش سۇئالغا جاۋاپ، 49-پەتىۋا)