ھەج-تاۋاپ قىلماقچى بولغان خانىم-قىزلار ھەيزنى كېچىكتۈرىدىغان ئوكۇل ياكى دورا ئىستېمال قىلسا دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: خانىم قىزلار ھەيز كېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ئۇكۇل ئۇرغۇزسا ياكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دورا ئىستېمال قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەسكەرتىش: بۇنى ئويلاشقان ئاياللار ھەيز مۇددىتىنى پەقەت بىر نەچچە سائەت كېچىكتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلماقتا.
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
زۆرۈرىيەت ھالىتىدە بۇنداق قىلىش دۇرۇستۇر. ئەمما بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنىڭ شەرتى، بۇنداق قىلماقچى بولغان خانىم-قىزلار دوختۇرغا مەسىلھەت سېلىپ، دوختۇر ئۇنىڭغا بۇنداق قىلسىڭىز بولىدىكەن دېسە مۇشۇنداق قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بۇ خىل كېچىكتۈرۈش مەيلى بىر نەچچە سائەت بولسۇن، مەيلى بىر نەچچە كۈن بولسۇن، ئوخشاشلا دۇرۇس. «مجموع فتاوى ابن عثيمين» (22/ 392) .
* ھەرەم پەتىۋا ئورگىنى ئالىملىرىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش پەتىۋا بەرگەن.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تاراقاتتى