جۈمە كۈنىنى ئىبادەتكە ئايرىش دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «زاد المعاد» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

ماۋزۇ: جۈمە كۈنىنى ئىبادەت ئۈچۈن ئايرىش

جۈمە كۈنىنى ئىبادەت ئۈچۈن ئايرىش مۇستەھەپتۇر. (بىر ئىش «مۇستەھەپ» دېيىلسە — ئۇ ئىشنى قىلىنسا ساۋاب بېرىلىدىغان، قىلىنمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىش، دېگەنلىك بولىدۇ.) جۈمە كۈنىدە — پەرز ۋە مۇستەھەپ ھېسابلانغان تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۇ ئىبادەتلەرنى باشقا كۈنلەردە قىلىشقا قارىغاندا ئۈستۈن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەر قايسى دىن ساھىپلىرىغا دۇنياۋىي مەشغۇلىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇپ، دىنىي ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىغان بىر كۈن تەيىن قىلغان. جۈمە كۈنى (مۇسۇلمانلار ئۈچۈن) دەل مۇشۇنداق ئىبادەت كۈنىدۇر. كۈنلەر ئىچىدىكى جۈمە كۈنى ئايلار ئىچىدىكى رامزان ئېيىغا ئوخشايدۇ. جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت — رامزان ئېيىدىكى قەدىر كېچىسىگە ئوخشايدۇ. بۇ ۋەجىدىن، جۈمە كۈنى قۇسۇرسىز ۋە نۇقسانسىز بولغان مۆمىننىڭ باشقا كۈنلىرىمۇ (ئومۇمەن) قۇسۇرسىز ۋە نۇقسانسىز بولىدۇ. رامزاننى قۇسۇر، نۇقساسىز ئۆتكۈزگۈچىنىڭ باشقا ئايلاردىكى ھالىتىمۇ (ئومۇمەن) قۇسۇر، نۇقساسىز بولىدۇ. ھەج ئىبادىتىنى قۇسۇر، نۇقساسىز تاماملىغۇچىنىڭ ئۆمرىدىكى باشقا كۈنلىرىمۇ (ئومۇمەن) قۇسۇر، نۇقسانسىز بولىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، جۈمە كۈنى ھەپتىنىڭ، رامزان يىلنىڭ، ھەج بىر ئۆمۈرنىڭ ئۆلچىمىدۇر. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. (ئىمام ئىبنى قەييىم: زاد المعاد 1\325)

ئەللامە سالىھ فەۋزان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
جۈمە كۈنىگە خاس قىلىپ، يالغۇز جۈمە كۈنى روزا تۇتۇش ھارام. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى چەكلىگەن. ئەمما، جۈمە كۈنىگە قوشۇپ باشقا كۈنىمۇ روزا تۇتۇش (مەسىلەن، پەيشەنبە ۋە جۈمە، ياكى جۈمە ۋە شەنبە كۈنى روزا تۇتۇش) دۇرۇس.[ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ]

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ