ھەدىس | غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بَدَأَ الإِسْلامُ غَرِيبًا ، وَسَيَعُودُ كَمَا بَدَأَ غَرِيبًا ، فَطُوبَى لِلْغُرَبَاءِ)) «ئىسلام غېرىپ ھالەتتە باشلاندى، (كەلگۈسىدە) باشلانغان چېغىدىكىدەك غېرىپلىق ھالىتىگە قايتىدۇ، غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن.» hedisim.com (مۇسلىم 145) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىسلەر يۇقىرىقى ھەدىستىن كۆزدە تۇتۇلغان غېرىپلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ

ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى. ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)

ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيەدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن) عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.

 

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنِ التَمَسَ رِضَاءَ اللهِ بِسَخَطِ النَّاسِ كَفَاهُ اللَّهُ مُؤْنَةَ النَّاسِ ، وَمَنِ التَمَسَ رِضَاءَ النَّاسِ بِسَخَطِ اللهِ وَكَلَهُ اللَّهُ إِلَى النَّاسِ) «كىمكى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە ئاللاھنى رازى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە كىشىلەردىن ئۇنى ساقلايدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بەدىلىگە كىشىلەرنى رازى قىلماقچى بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2414؛ ئەلبانى سىلسىلە ئەسسەھىھ-2311-دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئ 6097؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 276؛ ئىبنى مۇفلىھ-ئەلئەدەب ئەششەرئىيە 1\164؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن) بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئىبنى ھىببان ۋە ئىمام سۇيۇتى نەقىل قىلغان بولۇپ، ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس، دېگەن، ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىردە سەھىھ دېگەن.

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ