ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرەمدۇ؟

سوئال: كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرەمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: پەقەت مۆمىنلەرلا قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرىدۇ. (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرگەندىمۇ ئاللاھنى كۆرىدۇ.) قىيامەت كۈنى پەقەت مۆمىنلەرلا ئاللاھنى كۆرىدۇ.

سوئال سورىغۇچى: ئاللاھ كىشىلەر بىلەن ئارىدا تەرجىمان بولمىغان ھالدا سۆزلىشىدۇ، دېيىلگەنغۇ؟

ئىمام ئىبنى باز: ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {كَلَّا إِنَّهُمْ عَن رَّبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّمَحْجُوبُونَ} {ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) رەببىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان}[المطففين:15] ئاللاھ ئىنسانلارغا سۆز قىلىدۇ، لېكىن كاپىرلار ئاللاھنى كۆرمەيدۇ. {كَلَّا إِنَّهُمْ عَن رَّبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّمَحْجُوبُونَ  ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُوا الْجَحِيمِ} {ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار (يەنى كاپىرلار) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) رەببىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان. (15) ئاندىن ئۇلار دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر (16)}. ئاللاھتىن ئامان ئېسەنلىك سورايمىز. [مەنبە:فتاوى الجامع الكبير > حكم رؤية الخلائق لله تعالى يوم القيامة]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ