ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر» ناملىق رىسالىسى ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا كۆپ تارقالغان، ئالىملار تەرىپىدىن كۆپ شەرھلەنگەن، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولغان ئېسىل ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەرنى باكلاۋېرلىق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىنى مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتدا ئالغان ئۆزبېك مۇدەررىسىلىرىدىن دوكتور يۈسۈپ دەۋران ئالدىنقى يىللاردا چۈشىنىشلىك دەرسلىك قىلىپ يۇتيۇب قانىلى ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئىدى.
ئۆزبېك تىلى ئۇيغۇر تىلىغا ئەڭ يېقىن بولغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزبېك تىلىدىكى دىنىي دەرسلەرنى بىمالال چۈشەنەلەيدىغانلىقىدەك ئەۋززەللىك تۈپەيلىدىن، دوكتور يۈسۈپ دەۋراننىڭ بۇ دەرسلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. ئىمام ئىبنى بازنىڭ بۇ رىسالىسى دوكتور يۈسۈپ دەۋران تەرىپىدىن 29 دەرسكە بۆلىنىپ بايان قىلىنغان بولۇپ، تۆۋەندە دەرسنىڭ ئۆزبېكچە ۋىديولۇق ئۇلىنىشىنى شەيخ يۈسۈپ دەۋراننىڭ يۇتيۇپ قانىلىدىكى (Muhsin Tv) مۇنۇ ئادرېستىن ئاڭلىيالايسىز:
دەرسنى شەيخ يۈسۈپ دەۋراننىڭ يۇتيۇب قانىلىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چېكىڭ