عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ سَبْعَةٌ يُظِلُّهُمُ اللَّهُ فِي ظِلِّهِ يَوْمَ لاَ ظِلَّ إِلاَّ ظِلُّهُ الإِمَامُ الْعَادِلُ، وَشَابٌّ نَشَأَ فِي عِبَادَةِ رَبِّهِ، وَرَجُلٌ قَلْبُهُ مُعَلَّقٌ فِي الْمَسَاجِدِ، وَرَجُلاَنِ تَحَابَّا فِي اللَّهِ اجْتَمَعَا عَلَيْهِ وَتَفَرَّقَا عَلَيْهِ، وَرَجُلٌ طَلَبَتْهُ امْرَأَةٌ ذَاتُ مَنْصِبٍ وَجَمَالٍ فَقَالَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ. وَرَجُلٌ تَصَدَّقَ أَخْفَى حَتَّى لاَ تَعْلَمَ شِمَالُهُ مَا تُنْفِقُ يَمِينُهُ، وَرَجُلٌ ذَكَرَ اللَّهَ خَالِيًا فَفَاضَتْ عَيْنَاهُ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەتتە خىل كىشى باركى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە (ئۆزى ياراتقان*) سايىسى بىلەن سايىدىتىدۇ. ئۇلار ئادالەتلىك (مۇسۇلمان) ھۆكۈمدار، ياشلىقىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ئۆتكۈزگەن (تەقۋادار) ياش؛ قەلبى مەسجىدلەرگە باغلانغان كىشى؛ ئاللاھ ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن، ئاللاھ ئۈچۈن جەم بولۇپ، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغان كىشى؛ نەسەب-مەرتىۋىسى ئۈستۈن، ھۆسنى گۈزەل ئايال (زىنا ئۈچۈن*) ئۆزىگە چاقىرسا <مەن ئاللاھتىن قورقىمەن> دەپ ھارام ئىشتىن يانغان كىشى؛ سول قولىدا بەرگىنىنى ئوڭ قولى تۇيىمىغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە قىلىش يولىنى تۇتقان كىشى؛ كىشىلەر يوق يەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ (ئاللاھقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى سەۋەبلىك) كۆزلىرى ياشقا تولىدىغان كىشى.» (سەھىھۇل بۇخارى 660) mujtehid.com
* «ئۆزى ياراتقان سايە بىلەن» دېگەن مەزمۇندا تىرناق ئىچىدىگە ئېلىنغان ئىزاھات ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى شەرھىدۇر. (رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
«ئادىل» ئاتالغۇسى، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى ئورۇنداشتا ئاشۇرىۋېتىش ياكى كېمەيتىۋېتىشتىن خالىي ھالدا ھەر ھۆكۈمنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئۆز ئورنىغا قويۇپ يۈرگۈزگەن كىشىدۇر. ئادالەتلىك بولۇشنىڭ پايدىسى ھەممە كىشىگە يېتىدىغانلىقى ئۈچۈن (ھۆكۈمدار مۇسۇلمان ئادالەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ئادالىتىدىن مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ كاپىرغىچە، جانلىق ھايۋاناتتىن تارتىپ جانسىز نەرسىلەرگىچە پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقى، زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقى ئۈچۈن)، ھەدىستە ھۆكۈمدارنىڭ ئادىل بولۇشى ھەممىدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان. (فەتھۇل بارى)
سەلەپ ئالىمىرىدىن بەزىلىرى «ئەگەر مېنىڭ بىرلا دۇئانى قىلىش پۇرسىتىم قالغان تەقدىردە، ھۆكۈمدارنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن (يەنى ئادالەتلىك، تەقۋادار بولۇشى ئۈچۈن) دۇئا قىلغان بولاتتىم» دېيىشكەن. (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان)
كىشىنىڭ جىمىي ئىشلاردا ئادىل بولۇشى پەرزدۇر. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
«قەلبى مەسجىدلەرگە باغلانغان كىشى»
مەسجىدلەر ناماز ئوقۇلۇپ، سەجدە قىلىنىدىغان جايلاردۇر. بۇنداق كىشىڭ قەلبى دائىما ناماز ئوقۇشقا مايىل بولىدۇ، بىر پەرز نامازنى ئوقۇپ بولسا، يەنە بىر پەرز نامازنى ئارزۇلايدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)
ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير ھەدىستىكى بۇ جۈملىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇنداق كىشى مەسجىدتە بىر ۋاخ پەرز نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئائىلىسىگە قايتىپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرغان پەيتلىرىدىمۇ قەلبىدە كېيىنكى نامازغا بولغان ئىشتىياق ئوخچۇپ تۇرىدۇ، نامازغا ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. كېيىنكى نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇۋېلىش ئۇنىڭغا ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيىلىدۇ. ئۇنىڭ نامازغا بولغان ئىنتىزارلىقى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ماقاملىقىنىڭ ئۆزىنى زىيارەتكە كېلىشىدىنمۇ بەك سۆيۈملۈكتۇر. (يەنى ئۇ ھەممە پەرز نامازلىرىنى مەسجىدتە ئوقۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جىمى كۈچىنى ۋە ئىمكانىنى ئىشقا سالىدۇ.) [معنى (ورجل قلبه معلّق في المساجد)]
- ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئايال (مەسىلەن، پادىشاھنىڭ، ۋەزىرنىڭ، چوڭ باشلىقنىڭ قىزى ياكى ئايالى دېگەندەك چوڭ چوڭ ئىشلارغا چىشى پاتىدىغان، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەر زىنھار ھەل قىلالمايدىغان، قىيىن دەپ قارالغان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان دەرىجىدە) ئۈستۈن مەرتىۋىگە ۋە بايلىققا ئىگە، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھايىتى گۈزەل ھۆسۈنلۈك ئايالدۇر. (فەتھۇل بارى)
- «مەن ئاللاھتىن قورقىمەن» — ئىمام قۇرتۇبى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بۇ سۆز ئاللاھتىن قورقۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى، تەقۋاسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە ھاياسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى سەۋەبلىك سۆزلەنگەن سۆزدۇر. (فەتھۇل بارى)
- «ئاللاھنى زىكىر قىلىپ» — مەيلى تىلى بىلەن، ياكى پەقەتلا قەلبى بىلەن زىكىر قىلىپ، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇل بارى)
- «كۆزلىرى ياشقا تولىدىغان» — يەنى كۆزىدىن ياش ئاقىدىغان، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇل بارى)
- ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان يەتتە تۈرلۈك كىشى ئىچىدە «ئادىل ھۆكۈمدار» بىلەن «قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى» دىن باشقا بەش تۈرلۈك كىشى ئايال كىشىگىمۇ ئورتاقتۇر. ئەمما، ئائىلىدە بالا-چاقىسى ئارىسىدا (ئائىلىۋى مەسىلىلەردە) ئادالەتلىك بولغۇچى ئايال — ئادالەتلىك ھۆكۈمدار دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. (فەتھۇل بارى) (چۈنكى، ئايال ئائىلىۋى ئىشلاردىن مەسئۇل بولۇپ، ئائىلىدە ئەر يوق چاغدا ئائىلىنى ئايال كىشى باشقۇرىدۇ، يەنى ئائىلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئائىلىنىڭ ھۆكۈمدارى بولىدۇ. بالا-چاقىلىرى ئارىسىدا مەيلى ئۆگەي، مەيلى ئۆز بولسۇن، ياكى ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقان كىچىك بالىلار بولسۇن، ئۇلارغا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ئادالەتلىك بولسا، ھەدىستە بايان قىلىنغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.)
- «قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى» ئايال كىشىنىمۇ تەڭ ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، ئەرلەرگىلا خاس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇشى مەسجىدتە ئوقۇشىدىن ئەۋزەل. (فەتھۇل بارى)
- «نەسەپلىك ۋە گۈزەل جاماللىق ئايال ئۆزىگە چاقىرسا» — بۇ ھۆكۈمدە ئايال كىشىمۇ ئورتاقتۇر. ئەگەر ئايال كىشىنى يۇقىرىقى سۈپەتتىكى بىر نامەھرەم ئەر ئۆزىگە چاقىرسا، ئايال (پۇرسەت كەڭرى تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقۇشى، تەقۋاسى ۋە ھاياسى سەۋەبلىك) ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقىنى رەت قىلسا، ھەدىستىكىدەك ئاللاھ ياراتقان سايىدە سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. (فەتھۇل بارى)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى