سۈرە زۇمەرنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى
سۈرە زۇمەر مەككىدە نازىل بولغان، 75 ئايەت
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
تَنزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
1. بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئەزىز (ھېچكىم زىيان سالالمايدىغان، ھەممىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگۈچى1) ۋە ھەكىيم (سۆزلىرىدە، پېئىللىرىدا ۋە شەرىئىتىدە چەكسىز ھېكمەت بىلەن ئىش كۆرگۈچى2) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. (1.2. تفسير ابن كثير)
إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ
2. (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا كىتابنى ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ۋە ئادالەتنى ئەمر قىلىدىغان كىتاب قىلىپ1) نازىل قىلدۇق. سەن دىنىڭنى پەقەتلا ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا (ھەر قانداق شەكىلدە ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمەستىن2) ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن. (1. تفسير الميسر 2. تفسير ابن كثير)
أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ ۚ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَىٰ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ
3. بىلىڭلاركى، خالىس دىن پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. (يەنى شىركتىن پاك بولغان كامىل ئىتائەت پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ.1) ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ۋەلىيلەرنى (مەدەتكار) قىلۋالغانلار «بىز پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈنلا بۇلارغا ئىبادەت قىلىمىز» دېيىشتى. (ئاقىۋەتتە بۇ ئېتىقادى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈپ كاپىر بولدى.2) ئاللاھ (قىيامەت كۈنى ئۆزىگە تەۋھىد ۋە ئىخلاس ئاساسىدا ئىبادەت قىلىدىغان مۆمىنلەر بىلەن ئاللاھقا باشقىسىنى شىرك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكلار ئارىسىدا3) ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا (ئىبادەت مەسلىسىدە4) ھۆكۈم چىقىرىدۇ (ۋە ھەركىمگە تېگىشلىك مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى بېرىدۇ.5) ئاللاھ (ئۆزىگە شىرك قوشقان، نالايىق سۈپەتلەرنى چاپلىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان6) يالغانچىلارنى، (ھەق كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرۈيدىغان7) كاپىرلارنى ھىدايەت قىلمايدۇ. (يەنى توغرا يولنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.8) (1.2.3.4.5.6.7.8. تفسير الميسر)
لَّوْ أَرَادَ اللَّهُ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا لَّاصْطَفَىٰ مِمَّا يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
4. (كاپىرلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ ئاللاھقا تۆھمەت چاپلايدۇ.) ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتىدىغان بولسا، مەخلۇقاتتىن خالىغىنى تاللىغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ بالا تۇتۇشتىن پاكتۇر. ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر؛ (ئاللاھنىڭ شىرىكىمۇ يوقتۇر، ئايالىمۇ يوقتۇر، بالىسىمۇ يوقتۇر. كائىناتنى ئۆزى يالغۇز يارىىتىپ، ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلغۇچىدۇر.) قاھھاردۇر (جىمىي كائىناتنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقۇچىدۇر.1) (1.تفسير السعدي، تفسير الميسر)
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
5. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ قۇياش بىلەن ئاينى (مەخلۇقاتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن زامانغا (يەنى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر) قەدەر (ئۆز ئوربېتىسىدا) ئۈزىدۇ. بىلىڭلاركى، (بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يارىتىپ، ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان) ئاللاھ ئەزىزدۇر (بەندىلىرى ئۈستىدە ھاكىمدۇر، ھېچنەرسە ئۇنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويالمايدىغان، يېڭىلمەيدىغان، جىمىي مەخلۇقاتنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرگۈچى يېڭىلمەس پادىشاھتۇر1)؛ غاففاردۇر (تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۆنەلگەن بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەرتلىك بىلەن مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.2) (1.2.تفسير الميسر)
خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِّن بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
6. (ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار ئاللاھ) سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەمنىڭ نەسلىدىن) ياراتتى، (ئاللاھ ئادەمنى يارىتىپ بولۇپ، ئادەمدىن) ئۇنىڭ ئايالىنى (يەنى ھەۋۋا ئاناڭلارنى) ياراتتى. ئاللاھ (سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) سەككىز خىل چارۋا مالنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا پەيدا قىلىپ، ئۈچ قەۋەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە پەيدىنپەي ياراتتى. مانا بۇلارنى قىلغان زات — سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر. (ئاسمان-زېمىندىكى \ كائىناتنىڭ ھەممە يېرىدىكى يېگانە) ھۆكۈمدارلىق ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھەق ئىلاھ يوقتۇر. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، سىلەر قانداقمۇ (مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاللاھقا خالىسانە ئىبادەت قىلىشنى تاشلاپ، كائىناتنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدا، يارىتىشتا، رىزىق بېرىشتە، بەندىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشتا ھېچنېمىگە چىشى پاتمايدىغان باتىل ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا1) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ (1. تفسير السعدي)
«سەككىز خىل چارۋا مال» — تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق تۆت تۈرلۈك چارۋا مالنىڭ ئەركەك-چىشىسىنى كۆرسىتىدۇ. (تفسير الميسر)
إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ ۖ وَإِن تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ ۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
7. ئەگەر سىلەر (ئاللاھقا تەۋھىد ئاساسىدا، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشتىن؛ رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ۋە ئۇ ماڭغان ئىسلام يولىدا مېڭىشتىن باش تارتىپ) كاپىر بولساڭلار (كاپىر بولۇشۇڭلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى) ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر (تەۋھىد ئاساسىدا، پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىگە تولۇق ئۇيغۇن ھالدا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىبادەتلەر ئارقىلىق) ئاللاھقا شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار (مەيلى دۇنيادا، مەيلى ئاخىرەتتە) باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ. (ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلدۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن) بارىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە (دۇنيادا) قىلغان قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەر بېرىدۇ (ۋە جازاسىنى ياكى مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.) شەكسىزكى، ئاللاھ قەلبتىكىلەرنى (يەنى كىشىنىڭ قەلبىدىكى نىيەت، مەقسەتلىرىنى؛ قەلبلەردىكى ياخشىلىقنى ياكى يامانلىقنى) مۇكەممەل رەۋىشتە بىلگۈچىدۇر.
وَإِذَا مَسَّ الْإِنسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِّنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِن قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَندَادًا لِّيُضِلَّ عَن سَبِيلِهِ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ
8. (مۇشرىك) ئىنساننىڭ بېشىغا بىرەر قىيىنچىلىق1 كەلسە، (شىركتىن قايتىپ2) رەببىگە بويۇن ئەگكەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ)، ئۇنىڭغا (ئۇنىڭ قىينچىلىقىنى ياكى مۇسىبىتىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق3) نېمەت بەرسە، ئۇ ئىلگىرى ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە (باشقىلارنى4) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شىرك كەلتۈرىدۇ. (يەنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى خاتىرجەم، راھەتتىكى پەيتىدە ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈپ، ئاللاھنىڭ شىرىكى بارلىقىنى داۋا قىلىدۇ.5 ئى پەيغەمبەر!6 بۇنداقلارغا) ئېيتقىنكى: «كۇفرىڭ بىلەن بىر مەزگىل (يەنى ئەجلىڭ كەلگەنگە قەدەر7) ياشىۋالغىن. سەن شەك-شۈبىھسىزكى دوزاخ ئەھلىدىنسەن.» (1.2.3.زاد المسير 4. تفسير الميسر 5.7. تفسير ابن كثير 6. تفسير الميسر)
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
9. (ئاللاھنىڭ ھەق يولىدىن يۈز ئۆرىگەن بۇنداق كاپىر ياخشىمۇ) ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن1 قورققان، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كېچىلەردە سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى شام، خۇپتەن نامازلىرىنى ۋە تەھەججۇت نامىزىنى ئوقۇش بىلەن2) مەشغۇل بولغان (مۆمىن) كىشى (ياخشىمۇ)؟ (ئى پەيغەمبەر!) «(رەببىنى ۋە ئۇنىڭ ھەق دىنىنى3) بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن. پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ (ۋە ئالغان ئىلاھىي ۋەز-نەسىھىتىگە بىنائەن ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى تۇتىدۇ.) (1.3.تفسير الميسر 2. زاد المسير) [زۇمەر سۈرىسى 8-،9-ئايەتلەر] قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ
10. (ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ مۇنۇ ۋەھىيسىدىن مۆمىنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئاللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى) ئېيتقىن: «ئى مۆمىن قۇللىرىم! رەببىڭلارغا (ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق1) تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بۇ دۇنيادا ئېھسان بىلەن (يەنى رەببىگە ئىتائەت قىلغان، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمەنلىرىنى ئورۇندىغان ھالدا) ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلارغا (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە2) گۈزەللىك باردۇر. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرىدۇر. (شۇنداق ئىكەن، ئەگەر قايسى بىر يۇرتتا ئاللاھقا گۈزەل شەكىلدە ئىبادەت قىشىڭلار توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، دىنىڭلارغا كامىل ئەمەل قىلالىشىڭلارغا ئۇيغۇن بولغان باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىڭلار.3 بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتكە، گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرۇشقا، شۇنداقلا ئىبادەتلەرنىڭ جاپاسىغا4) سەبىر قىلغۇچىلارغا (جەننەتتە5) ھەددى-ھېسابسىز مۇكاپات بېرىلىدۇ. (1.تفسير الميسر 2. تفسير ابن كثير 3.4. تفسير السعدي 5. تفسير ابن كثير)
قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ
11. (ئى پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا شۇنداق) دېگىنكى: مەن ئاللاھقا دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا (يەنى شىركتىن ئۇزاق ھالدا) ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم.
وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ الْمُسْلِمِينَ
12. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم.
قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
13. ئېيتقىنكى: ئەگەر مەن رەببىمنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا (بويسۇنماسلىق ئارقىلىق، ئۇنىڭغا) ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچراشتىن قورقىمەن.
قُلِ اللَّهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَّهُ دِينِي
14. ئېيتقىنكى: مەن دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن.
فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُم مِّن دُونِهِ ۗ قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
15. (ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى) ئاللاھتىن باشقا خالىغان نەرسەڭلەرگە ئىبادەت قىلىڭلار. (يەنە) ئېيتقىنكى: قىيامەت كۈنىدىكى ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغانلاردۇر. (يەنى دۇنيادىكى چاغدا كۇفۇر، شىرك ۋە گۇناھ بىلەن ھەم ئۆزى مەشغۇل بولۇپ، ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەنە شۇ ئازغۇنلۇققا باشلاپ زىيان سالغانلاردۇر.1) بىلىڭلاركى، مانا بۇ (يەنى كۇفۇر يولىغا مېڭىپ ھەم ئۆزىگە، ھەم ئائىلىسىگە زىيان سېلىش) ئوپئوچۇق زىياندۇر. (1. تفسير المسير)
لَهُم مِّن فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِّنَ النَّارِ وَمِن تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ اللَّهُ بِهِ عِبَادَهُ ۚ يَا عِبَادِ فَاتَّقُونِ
16. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت بار. ئاللاھ (بەندىلىرىنى ئۆزىگە قارشى چىقىشتىن، شىرىكلەردىن ۋە دوزاخقا كىرگۈزىدىغان ھاراملاردىن ساقلانسۇن دەپ1) مۇشۇنىڭ بىلەن (يەنى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان دوزاخ ئوتى بىلەن) قورقىتىدۇ. ئى بەندىلىرىم، (ئەمرىمگە ئىتائەت قىلىش، چەكلىمىلىرىمدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق) مەندىن قورقۇڭلار. (1.تفسير الميسر)
وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَن يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ
17. تاغۇتقا ئىبادەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشقا قايتقانلارغا1 خۇشخەۋەر باردۇر. (مانا مۇشۇنداق بەندىلىرىمگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن. (1. تفسير البغوي، زاد المسير)
* تاغۇت — ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ھەر قانداق نەرسە ياكى شەخىستۇر. (تفسير السعدي)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ يەردە تاغۇتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئۈچ خىل تەپسىر بار. (1) تاغۇت — شەيتانلاردۇر. بۇنى مۇجاھىد دېگەن. (2) تاغۇت — كاھىنلاردۇر؛ پالچى، رەمباللاردۇر. بۇنى ئىبنى سەئىد دېگەن. (3) تاغۇت — بۇتلاردۇر. بۇنى مۇقاتىل دېگەن. (زاد المسير) ئىمام بەغەۋى ئۆز تەپسىرىدە، بۇ ئايەتتىكى تاغۇتنى «بۇت» دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير البغوي)
الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
18. ئۇلار سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدۇ. (سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر، يەنى قۇرئاندۇر. ئاندىن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىدۇر.1 يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاننى ئوقۇپ، ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئەگىشىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئوقۇپ، ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئەگىشىدۇ.2) ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئەقىل ئىگىلىرىدۇر. (1. تفسير الميسر 2. تفسير البغوي)
أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ الْعَذَابِ أَفَأَنتَ تُنقِذُ مَن فِي النَّارِ
19. (ئى پەيغەمبەر!) ئازاب ھۆكمىگە ھەقلىق بولغان، (بۇ سەۋەبلىك) دوزاختا بولىدىغان (يەنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان1) كىشىنى (دوزاختىن) سەن قۇتقۇزامسەن؟ (ياق، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ.2) (1.تفسير البغوي، زاد المسير 2. زاد المسير)
ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: ئايەتنىڭ مەنىسى — ئاللاھ بەدبەختلىكنى تەقدىر قىلغان كىشىنى سەن ئازغۇنلۇقتىن ۋە ھالاك بولۇشتىن قۇتقۇزالامسەن؟ (تفسير ابن كثير)
لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِّن فَوْقِهَا غُرَفٌ مَّبْنِيَّةٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَعْدَ اللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ الْمِيعَادَ
20. لېكىن، رەببىگە تەقۋدارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئۈستى-ئۈستىلەپ بىنا قىلىنغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر باردۇر. بۇ ئاللاھنىڭ (تەقۋادارلارغا بەرگەن) ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ بەرگەن ۋەدىسىدىن ھەرگىز يېنىۋالمايدۇ.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُّخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
21. ئاللاھنىڭ ئاسماندىن يامغۇرنى ياغدۇرۇپ ئۇنى يەردىكى سۇ مەنبەلىرىگە يەرلەشتۈرگەن، ئاندىن ئاشۇ سۇدىن خىلمۇ-خىل رەڭدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن زات ئىكەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقىل ساھىبلىرى ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر.
أَفَمَن شَرَحَ اللَّهُ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٍ مِّن رَّبِّهِ ۚ فَوَيْلٌ لِّلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُم مِّن ذِكْرِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
22. ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچقان، بۇ ۋەجىدىن رەببىدىن كەلگەن بىر نۇر (يەنى ھىدايەت1) ئۈستىدە بولغان (رەببىگە ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى قىلىپ، مۇشۇ يولدا قەتئىي ماڭغان2) كىشى (قەلبى مۆھۈرلەنگەن، ھىدايەتتىن ئۇزاق قالغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟3) ئاللاھنىڭ زىكىرىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى سەۋەبلىك4 قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي. بۇنداقلار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر. (1.3. زاد المسير 2. تفسير السعدي 4. تفسير الميسر)
«ئاللاھنىڭ زىكىرىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى سەۋەبلىك4 قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!» بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇنداقلارنىڭ قەلىبلىرى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ئارقىلىق يۇمشىمايدۇ. بۇنداقلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ۋە ۋەز-نەسىھەت ئالمايدۇ؛ ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن قەلبلىرى ھوزۇر تاپمايدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرى رەببىدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا نەرسىلەرگە ياكى شەخىسلەرگە يۆنەلگەندۇر. مانا بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن ئاخىرەتتە بەكمۇ دەھشەتلىك جازا بار، بۇنداقلارنى بەك چوڭ يامانلىق كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇنداقلارنىڭ ھالىغا ۋاي. (تفسير السعدي)
اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُّتَشَابِهًا مَّثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
23. ئاللاھ سۆزنىڭ ئەڭ گۈزىلىنى (يەنى قۇرئاننى ئايەتلىرىنىڭ گۈزەللىكىدە1) بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان2 ۋە (قىسسىلىرى، ھۆكۈملىرى، ۋەدىلىرى ۋە تەھدىتلىرى3) تەكرارلىنىدىغان كىتاپ قىلىپ نازىل قىلدى. بۇ كىتابتىن (يەنى كىتابتىكى قىيامەت، دوزاخ ۋە دوزاخ ئەھلى توغرىسىدىكى، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلار توغرىسىدىكى قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەر ۋە بايانلار سەۋەبلىك4) رەببىدىن قورقىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى تىكەنلىشىدۇ. ئاندىن (ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىدىغان ئايەتلىرى سەۋەبلىك5) تېرىلىرى ۋە قەلىبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن يۇمشايدۇ. بۇ (يەنى تەقۋادارلارنىڭ قۇرئاننى ئوقۇش، ئاڭلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش سەۋەبلىك قەلىب ۋە بەدەن جەھەتتە تەسىرلىنىشى6) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بولۇپ، ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدىكى نىيىتى دۇرۇست، ياخشى نىيەت كىشىلەرنى7) ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلالىغۇچى يوقتۇر. (1.2.3.4.5.6.7. تفسير السعدي)
أَفَمَن يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَكْسِبُونَ
24. (كۇفۇر ۋە ئازغۇنلۇقى سەۋەبلىك دوزاخقا تاشلانغانلىقى سەۋەبلىك1) قىيامەت كۈنىدىكى يامان جازادىن يۈزى بىلەن ساقلىنىشقا تىركىشىدىغان كىشى (نىڭ ھالى ياخشىمۇ ياكى ھىدايەت ۋە تەقۋا ئەھلى بولغانلىقى سەۋەبلىك جەننەت نېمىتىگە ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك بەختلىك ھاياتقان ئېرىشكەن كىشىنىڭ ھالى ياخشىمۇ؟ دوزاختا دەھشەتلىك جازالارغا ئۇچرايدىغان) زالىملارغا (يەنى كۇفۇر ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا2) «قىلغان قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ. (1.تفسير الميسر 2. تفسير السعدي)
كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
25. بۇلاردىن (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرىكىلەرمۇ (ئاللاھ ئۆزىگە نازىل قىلغان شەرىئەتنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى) يالغانغا چىقاردى. ئاقىۋەتتە، ئاللاھنىڭ جازاسى ئۇلارغا ئۆزلىرى تۇيمايدىغان جەھەتتىن كەلدى. (ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلدى.)
فَأَذَاقَهُمُ اللَّهُ الْخِزْيَ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
26. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيادا خارلىقنى تېتتى. ئاخىرەتتە (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) جازا تېخىمۇ چوڭدۇر. كاشكى ئۇلار (ھەقنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئەبەدىلئەبەد ئازابقا قالىدىغانلىقىنى) بىلسە ئىدى.
وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِن كُلِّ مَثَلٍ لَّعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
27. شەكسىزكى، بىز ئىنسانلارنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بۇ قۇرئاندا تۈرلۈك مىساللارنى كەلتۈردۇق.
قُرْآنًا عَرَبِيًّا غَيْرَ ذِي عِوَجٍ لَّعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
28. (بۇ )ئۇلارنىڭ تەقۋادارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن قۇرئاننى ئەرەپ تىلىدا، ھەر تۈرلۈك زىتلىق ۋە كەمچىلىكتىن1 ئۇزاق رەۋىشتە نازىل قىلدۇق. (1.تفسير السعدي)
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَّجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِّرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
29. ئاللاھ ئۆز-ئارا نىزا ئىچىدە بولغان بىر نەچچە شىرىكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر كىشى بىلەن (يەنى نەچچىلىگەن باتىل ئىلاھقا ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىك بىلەن1) پەقەت بىرلا خوجايىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەنە بىر كىشىنى (يەنى تەۋھىد ئەھلى مۆمىننى2) مىسال قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى (بۇ ھەقىقەتنى) بىلمەيدۇ. (1.2. زاد المسير، تفسير السعدي)
إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُم مَّيِّتُونَ
30. (ئى پەيغەمبەر!) چوقۇمكى سەنمۇ ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ.
ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عِندَ رَبِّكُمْ تَخْتَصِمُونَ
31. ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى رەببىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا داۋالىشىسىلەر.
* ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلار زۇلۇم قىلغانلار ئۈستىدىن ئاللاھقا داۋا قىلىدۇ. (زاد المسير)
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئۇقبە ئىبنى ئامر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر-بىرى بىلەن داۋالىشىدىغان تۇنجى داۋاگەر قوشنىلاردۇر.» (ئەھمەد، تەبرانى) سەھىھ جامىئۇسسەغىردە نەقىل قىلىنغان مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەردىن بىرىدە، قوشنىنىڭ يەنە بىر قوشنىنى ئاللاھقا داۋا قىلىپ «بۇ قوشنام مېنىڭ يۈزۈمگە ئىشىك ياپقان ئىدى» دەپ ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە، كىشى ئۆزىنى ناھەقچىلىككە ئۇچرىدىم، ئازار يېدىم دەپ قارىغان ئەڭ كىچىك ئىشتىمۇ قارشى تەرەپنى ئاللاھقا ئەرز قىلىدۇ. — فۇرقان دەۋەت مەركىزى
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَذَبَ عَلَى اللَّهِ وَكَذَّبَ بِالصِّدْقِ إِذْ جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْكَافِرِينَ
32. ئاللاھ ھەققىدە يالغان سۆزلەيدىغان، ئۆزىگە ھەق كەلگەندە يالغانغا چىقىرىدىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىم بار؟ (بۇنداق1) كاپىرلا ئۈچۈن جەھەننەمدە يەر يوقمۇ؟ (1. تفسير الميسر)
«ئاللاھ ھەققىدە يالغان سۆلەيدىغان» — يەنى ئاللاھنىڭ شىرىكى بار، ياكى بالىسى بار دەپ ئاللاھقا نالايىق سۈپەتلەرنى ئاللاھقا چاپلايدىغان؛ ۋەياكى ئۆزىگە ۋەھىي كەلمىگەن تۇرۇقلۇق «ماڭا ئاللاھتىن ۋەھىي كەلدى» دەپ يالغان سۆزلەپ، ئۆزى توقۇۋالغان يالغانلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدىغان كىشىدىنمۇ بەك زالىم كىشى يوقتۇر. (تفسير السعدي، تفسير الميسر)
وَالَّذِي جَاءَ بِالصِّدْقِ وَصَدَّقَ بِهِ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
33. توغرىنى ئېلىپ كەلگۈچىگە ۋە ئۇنى (ھەق دەپ) تەستىقلىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر.
* بۇلار ھەم پەيغەمبەرلەردۇر، ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرى ھەققىدە توغرا سۆز قىلغان ۋە ئەمەللىرىدە دۇرۇست بولغان كىشىلەردۇر. (تفسير السعدي)
لَهُم مَّا يَشَاءُونَ عِندَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
34. ئۇلارغا رەببىنىڭ ھوزۇرىدا ئۆزىلىرى ئارزۇلىغان ھەممە (لەززەتلەر ۋە نازۇ-نېمەتلەر1) باردۇر. مانا بۇ مۇھسىنلارغا (يەنى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك <ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن> ئىبادەت قىلىدىغان ۋە مۇشۇ ئاڭ بىلەن ياشايدىغان؛ دۇنيادا ئاللاھنى كۆرەلمىسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنىغا قەتئىي ئىشىنگەن ئاساستا تەقۋا ۋە دۇرۇست ھالەتتە ياشاپ، ھاياتىنى ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىلەرگە2) بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر. (1. تفسير الميسر 2. تفسير السعدي)
لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
35. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان يامان گۇناھلىرىنى ياپىدۇ، قىلغان سالىھ ئەمەللىرىگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە مۇكاپات بېرىدۇ.
* يەنى، مۇھسىنلارنىڭ ئىھسانى ۋە تەقۋاسى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كىچىك ۋە چوڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. (تفسير السعدي)
أَلَيْسَ اللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّذِينَ مِن دُونِهِ ۚ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
36. ئاللاھ (مۇشرىكلارنىڭ تەھدىدى، توزاقلىرى ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى) بەندىسىگە (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە1) يەتمەمدۇ؟ (ئاللاھ ھەم دىنى، ھەم دۇنياۋى جەھەتلەردە ئۇنىڭغا يېتىدۇ، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە قارشى ئۇنى قوغدايدۇ. ئى پەيغەمبەر!2) ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن (يەنى بۇتلارنىڭ سېنىڭ بېشىڭغا يامانلىق كەلتۈرۈدىغانلىقى بىلەن3) قورقۇتماقچى بولۇشىدۇ. (ئۇلار ئازغۇنلۇقى سەۋەبلىك مۇشۇنداق قىلىشماقتا.4) ئاللاھ كىمنى (ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق) ئازدۇرسا، ئۇنى توغرا يولغا باشلىغۇچى بولمايدۇ. (1.2.3.4 تفسير السعدي، زاد المسير)
- * قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئى مۇھەممەد! سەن دائىملا تەڭرىلىرىمىزنى ئەيىپلەۋاتىسەن. بۇ سەۋەبلىك بېشىڭغا يامانلىق كېلىشىدىن قورق!» دېيىشتى. بۇ سەۋەبلىك يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. (زاد المسير)
وَمَن يَهْدِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِن مُّضِلٍّ ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِعَزِيزٍ ذِي انتِقَامٍ
37. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇنى ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئىنتىقام ئالغۇچى، ئەزىز (جىمىي مەخلۇقاتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى1) ئەمەسمۇ؟ (1. فسير السعدي)
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
38. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلاردىن (يەنى ئاللاھتىن باشقسىغا ئىبادەت قىلىدىغان ئازغۇن مۇشرىكلاردىن1) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، دەپ سورىساڭ چوقۇمكى «ئاللاھ ياراتتى» دېيىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: ئەمىسە ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىر زىياننى ئىرادە قىلسا، سىلەرنىڭ ئاللاھنى تاشلاپ مەدەت تىلەيدىغان مەدەتكارلىرىڭلار (باتىل ئىلاھلىرىڭلار) ئاللاھتىن كېلىدىن زىياننى توسۇپ قالالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا بىر رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇپ قالالامدۇ؟ ئېيتقىنكى: ماڭا ئاللاھ يېتىدۇ، تەۋەككۇل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن. (يەنى ئۈمىدنى ئاللاھتىن كۈتۈپ، ئاللاھقىلا ئىشەنسۇن، ئاللاھقىلا تايانسۇن.1) (1.تفسير البغوي)
قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
39. (ئى پەيغەمبەر! تەرسالىق بىلەن ھەقنى ئىنكار قىلىۋاتقان قەۋمىڭگە1) ئېيتقىنكى: ئى قەۋمىم! ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مەنمۇ ئۆز يولۇم بويىچە ئەمەل قىلىمەن. ھالبۇكى، پات يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر… (1.تفسىر الميسر)
مَن يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُّقِيمٌ
40. (دۇنيادا1) خار قىلغۇچى جازانىڭ كىمگە كېلىدىغىنىنى، (ئاخىرەتتە2) مەڭگۈلۈك جازانىڭ كىمگە چۈشىدىغىنىنى. (1.2. تفسير السعدي)
إِنَّا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍ
41. شەكسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنسانلار ئۈچۈن توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى1 ھەق كىتاب قىلىپ نازىل قىلدۇق. كىم ھىدايەت تاپسا ئۆز پايدىسى ئۈچۈندۇر. كىم ئازسا، ئۇنىڭ ئېزىشى ئۆز زىيىنىغا بولىدۇ. سەن ئۇلارنى كۆزەتكۈچى (ۋە قىلمىشلىرىغا جازا-مۇكاپات بەرگۈچى1) ئەمەسسەن. (ھالبۇكى، سەن ھەقنى يەتكۈزگۈچىسەن.2) (1.2. تفسير الميسر)
اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا ۖ فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَىٰ عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَىٰ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
42. ئاللاھ ئەجلى توشقانلارنىڭ روھىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغىنىدا ئالىدۇ، (ئۇيقۇدىكىلەر) ھەققىدە ئۆلۈم ھۆكۈمى بەرگەنلەرنىڭ روھلىرىنى تۇتۇپ قالىدۇ، باشقىلىرىنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجلىنى تاماملىغانغا قەدەر1 ئۇخلىغان كىشىنىڭ بەدىنىگە) قايتۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەتلەر بار. (1. تفسير السعدي)
أَمِ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا لَا يَمْلِكُونَ شَيْئًا وَلَا يَعْقِلُونَ
43. ياكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلىرىنى (تاش، ياغاچ، ھەيكەل، بۇت قاتارلىقلارنى1) شاپائەتچىلەر قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: ئۇلار ھېچقانداق نەرسىگە ئىگە بولمىغان، شۇنداقلا ئەقىل ئىشلىتەلمەيدىغان تۇرسىمۇ (باتىل ئىلاھلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامدۇ؟) (1. تفسير السعدي)
قُل لِّلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَّهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
44. ئېيتقىنكى، شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. (ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم باشقا بىراۋنى شاپائەت قىلالمايدۇ.1) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭدۇر. ئاندىن سىلەر ئۇنىڭغا قايتۇرۇلىسىلەر (ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلاردىن سوئال-سوراققا تارتىلىپ، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ياكى مۇكاپاتىغا ئېرىشىسىلەر.) (1.تفسير البغوي)
وَإِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَحْدَهُ اشْمَأَزَّتْ قُلُوبُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ ۖ وَإِذَا ذُكِرَ الَّذِينَ مِن دُونِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1:
45. (ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىنىش ئارقىلىق2) يالغۇز ئاللاھ زىكىر قىلىنغىنىدا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى كىبىرگە تولىدۇ3. ئاللاھتىن باشقىسى (يەنى بۇتلار، ياكى ئۇلار ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈۋېلىشقان باشقا مەۋجۇتلۇقلار4) زىكىر قىلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ. (1.2. تفسير السعدي 3.تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، تفسير عبد الرزاق 4. تفسير ابن كثير، تفسير السعدي)
قُلِ اللَّهُمَّ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ أَنتَ تَحْكُمُ بَيْنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
46. ئېيتقىنكى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، ئاشكارا ۋە مەخپىي ئىشلارنى ۋە نەرسىلەرنى بىلگۈچى ئى ئاللاھ! (قىيامەت كۈنى سەن مۇۋەھھىد1) بەندىلىرىڭ (بۇتلارغا، باتىل ئىلاھلارغا چوقۇنغۇچى مۇشرىكلار بىلەن2) ئىختىلاپلاشقان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم بېرىسەن. (1.2.تفسير السعدي)
وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِن سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَبَدَا لَهُم مِّنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ
47. ئەگەر يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە بىر باراۋىرىگە قوشۇپ زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەتلىك جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن (زالىملار) ئۇنى (يەنى قول ئىلىكىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە بەرگەن بولاتتى. چۈنكى، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان جازالارنى ھازىر قىلىدۇ.
* بۇ ئايەتتىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار — ئاللاھقا بۇتلارغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغىنىنى ئۈمىد قىلىشقان مۇشرىكلاردۇر. (تفسير البغوي)
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
48. ئۇلار قىلغان يامان قىلمىشلىرى (سەۋەبلىك ئۇلار ئەسلا ئارزۇ قىلمايدىغان ئىشلار قىيامەت كۈنى1) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولىدۇ، ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسە (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا2) ئۇلارنى قورشايدۇ. (1.2.تفسير السعدي)
فَإِذَا مَسَّ الْإِنسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِّنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
49. ئىنساننىڭ بېشىغا قىيىنچىلىق كەلسە (بۇ قىينچىلىقتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قويۇشى ئۈچۈن يالۋۇرۇپ1) بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن، بىز ئۇنىڭغا (دۇئا-تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ) ئۆز دەرگاھىمىزدىن بىر نېمەت بەرگىنىمىزدە، «بۇ ماڭا پەقەت مەندىكى بىر بىلىم سەۋەبلىك (يەنى نېمەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن2) بېرىلدى» دەپ داۋا قىلىدۇ. ئۇنداق ئەمەس، بۇ بىر سىناقتۇر. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆپى بۇنى (يەنى بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ. (1.2. تفسير السعدي)
قَدْ قَالَهَا الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا يَكْسِبُونَ
50. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ مۇشۇنداق دېگەن ئىدى. (ئاللاھنىڭ جازاسى كەلگەندە بولسا1) قولغا كەلتۈرگەنلىرى (مال-دۇنيالىرى ياكى ئەۋلادلىرى2) ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا كەلتۈرەلمىگەن ئىدى. (1.2.تفسير الميسر)
فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا ۚ وَالَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ هَٰؤُلَاءِ سَيُصِيبُهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَمَا هُم بِمُعْجِزِينَ
51. ئاقىۋەتتە، ئۇلار قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ ۋابالى ئۆزلىرىگە قايتتى. (ئىي پەيغەمبەر1) بۇلار ئارىسىدىكى (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ ئارىسىدىكى2) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ ۋابالىمۇ ئۆزلىرىگە قايتىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنى) ئاجىز قالدۇرۇپ قويالمايدۇ. (1.2. تفسير الميسر)
أَوَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلار پۇل-مالغا ئالدانغانلىقى ۋە جاھىللىقى يۈزىسىدىن، (49-ئايەتتە بايان قىلىنغىنىدەك) ئۆزلىرى ئېرىشكەن پۇل-مالنى — ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ ھالىنىڭ گۈزەللىكىگە (يەنى ئىقتىدارلىق، ئىش ئۇقىدىغان ئىكەنلىكىگە) دەلىل بولىدىغانلىقىنى داۋا قىلىشقان. ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن رىزىقىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ باتىل داۋاسىغا دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1:
52. ئاللاھنىڭ ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزىقىنى كەڭ قىلىپ، ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزىقىنى تار قىلىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ. بۇنىڭدا (يەنى رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار بولۇشىدا3) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەتلەر باردۇر.
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەيلى سالىھ كىشىلەر بولسۇن، مەيلى سالىھ بولمىغانلار بولسۇن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەيلى سالىھ كىشىلەر بولسۇن، مەيلى سالىھ بولمىغان بولسۇن، ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. ئاللاھ بارچە جانلىقلارغا رىزق بېرىدۇ. بىراق، ئىمان ۋە سالىھ ئەمەل ئاتا قىلىنغان ئىنسانلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي ياخشى ھېسابلانغان خاس نېمەتلەرگە نائىل بولىدۇ.2 (1.2.3. تفسير السعدي)
«بۇنىڭدا (يەنى رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار بولۇشىدا3) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن دەلىللەر باردۇر» — چۈنكى، ئىمان ئېيتقان كىشىلەر رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار بولۇشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلاھىي ھېكىمىتىگە ۋە رەھمىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ھالىنى بەك ياخشى بىلىدىغانلىقىغا (بۇ ۋەجىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىپ، ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدىغانلىقىغا) ئىشىنىدۇ. (تفسير السعدي)
قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
53. (ئى پەيغەمبەر! گۇناھلارغا چۆمگەن كىشىلەرگە مېنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىمنى) ئېيتقىنكى: (گۇناھلارنى ۋە ئاللاھنىڭ غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق1) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئىي بەندىلىرىم، (گۇناھلارنى كۆپ قىلىپ، يولدىن چىققان ئىنسان بولدۇم دەپ2) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭلار. ئاللاھ بارچە گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (سەمىمىي تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى) بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچى، بەكمۇ مېھرىباندۇر. (1.2. تفسير السعدي)
وَأَنِيبُوا إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ
54. (تۈرلۈك يامانلىقلاردىن قول ئۈزمەي، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش يولىنى تۇتقان ئى بەندىلەر! گۇناھ، ئازغۇنلۇق ۋە شىرىك يولىنى تۇتقانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئاللاھ تەرىپىدىن) سىلەرگە ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى (قەلبىڭلار بىلەن1) رەببىڭلارغا يۈزلىنىپ، (ئەزالىرىڭلار بىلەن2) ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، (بىزنىڭ جازايىمىز سىلەرگە كەلگەندە) سىلەرگە ياردەم قىلىنمايدۇ. (1.2. تفسير السعدي)
وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
55. سىلەر سەزمەستىن سىلەرگە تۇيۇقسىز ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى (ئىلىكىڭلاردىكى بوش ۋاقىت، ساغلام تەن قاتارلىق نېمەتلەرنى غەنىيمەت بىلىپ1) رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چۈشۈرۈلگەننىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىڭلار.
«سىلەرگە چۈشۈرۈلگەننىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىڭلار» — ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھتىن قورقۇش، ھۆرمەت بىلەن ئاللاھقا بويۇن ئېگىش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، سەمىمىي رەۋىشتە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق ئۈمىد قىلىش، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، يۇقىرىقىلارغا زىت بولغانلارنى تەرك ئېتىش قاتارلىق سىلەر بۇيرۇلغان باتىنى ئەمەللەرنى ئورۇنداڭلار؛ شۇنداقلا، ناماز، روزا، زاكات، ھەج، سەدىقە، تۈرلۈك ياخشى ئەمەلەر قاتارلىق سىلەر بۇيرۇلغان ئاشكارا ئەمەللەرنى ئورۇنداڭلار، دېمەكتۇر. مانا بۇ رەببىمىزدىن بىزگە چۈشۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بۇ جەھەتلەردە رەببىنىڭ ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلغان كىشى (ئالدىنقى ئايەتتە ئېيتىلغان) ئاللاھقا يۈزلەنگەن ۋە ئاللاھقا تەسلىم بولغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. (تفسير السعدي) تەپسىرشۇناسلار نازىل قىلىنغاننىڭ ئەڭ گۈزىلىنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتقان. (تفسير البغوي، تفسير ابن كثير)
أَن تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَىٰ عَلَىٰ مَا فَرَّطتُ فِي جَنبِ اللَّهِ وَإِن كُنتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
56. (ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلغان، ھەقكە مۇستەھكەم ئەگەشكۈچىلەرنى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاستا ھالدا مەسخىرە قىلىدىغان) كىشى: «ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىم ئۈچۈن ۋاي ئېسىت! مەن راستتىنلا (زالىملارغا ئاللاھنىڭ جازاسى كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى1، ياكى ھەق ئەھلىنىڭ ئىش-ئەھۋاللىرىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» (دەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.) (1. تفسير السعدي)
أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
57. ياكى «ئەگەر ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا، چوقۇمكى تەقۋادارلاردىن بولار ئىدىم» (ئاقىۋەتتە تەقۋادارلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلغان بولاتتىم1) دەيدىغان (كۈندىن قورقۇڭلار.) (1. تفسير السعدي)
أَوْ تَقُولَ حِينَ تَرَى الْعَذَابَ لَوْ أَنَّ لِي كَرَّةً فَأَكُونَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
58. ياكى ئاللاھنىڭ جازاسىنى كۆرگەندە «كاشكى (ئىلگىرىكى كۈنلىرىمگە) قايتىشقا ئىمكانىم بولغان بولسىچۇ، ئۇ ھالدا مۇھسىنلاردىن بولار ئىدىم» دەيدىغان (كۈندىن قورقۇڭلار.)
بَلَىٰ قَدْ جَاءَتْكَ آيَاتِي فَكَذَّبْتَ بِهَا وَاسْتَكْبَرْتَ وَكُنتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
59. ئۇنداق ئەمەس. ساڭا ئايەتلىرىم كەلگەن ئىدى. سەن بولساڭ (ئايەتلىرىمگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋە ئايەتلىرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سالىھ ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا1) ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلغان ۋە (ماڭا تائەت-ئىبادەت بىلەن تەسلىم بولۇشتىن باش تارتىپ، ماڭا قۇلچىلىق قىلىشقا) كىبىرلىنگەن ئىدىڭ، ئاقىۋەتتە كاپىر بولۇپ كەتكەن ئىدىڭ. (ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، دۇنياغا قايتۇرۇلۇشنى ئۈمىد قىلىشنىڭ قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن!2) (1.2. تفسير السعدي)
وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ تَرَى الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَى اللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسْوَدَّةٌ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْمُتَكَبِّرِينَ
60. قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا ھالدا كۆرىسەن. (ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئېلىپ كەلگەن ھەقكە بويۇن ئېگىشتىن، ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتىن، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقان1) مۇتەكەببىرلەرگە جەھەننەمدە ئورۇن يوقمۇ؟ (1. تفسير السعدي)
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «ئاللاھقا يالغان چاپىلغانلار» — ئاللاھنىڭ بالىسى بار، ئاللاھنىڭ ئايالى بار دەپ دەۋا قىلىشنى؛ شۇنداقلا ئاللاھ ھەققىدە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ياراشمايدىغان ئېتىقادلاردا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىش، ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتمىغان سۆزلەرنى ئېيتتى دەپ، ئۇ زاتنىڭ نامىدا يالغان ھەدىس توقۇش قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھقا يالغان چاپلاش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ( تفسير السعدي)
وَيُنَجِّي اللَّهُ الَّذِينَ اتَّقَوْا بِمَفَازَتِهِمْ لَا يَمَسُّهُمُ السُّوءُ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
61. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئۈمىد قىلغانلىرىغا ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ. تەقۋادارلارغا ھېچبىر يامانلىق يەتمەيدۇ، ئۇلار غەم-ئەندىشە تارتمايدۇ.
اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
62. ئاللاھ ھەممەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە ۋەكىلدۇر.
لَّهُ مَقَالِيدُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
63. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ھۆكۈمرانلىقىنىڭ1) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىدۇر. ئاللاھنىڭ (مۇتلەق ھەقىقەتنى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان2) ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. (1.2. تفسير السعدي)
قُلْ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَأْمُرُونِّي أَعْبُدُ أَيُّهَا الْجَاهِلُونَ
64. (ئى پەيغەمبەر! سېنى ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغىن جاھىللارغا1) «ئى جاھىللار! سىلەر مېنى ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇۋاتامسىلەر؟» دېگىن. (1. تفسير السعدي)
وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
65. (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى سەندىن ئىلگىرىكى بارچە پەيغەمبەرلەرگە1) «ئەگەر ئاللاھقا شىرك كەلتۈرسەڭ (بارچە ياخشى) ئەمەللىرىڭ يوق بولۇپ كېتىدۇ، ئاقىۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن (يەنى دىنىڭنى ۋە ئاخىرىتىڭنى قولدىن بەرگۈچىلەردىن، نەتىجىدە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ شىددەتلىك جازاسىغا ئۇچرىغۇچىلاردىن2) بولىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى. (1.2. تفسير السعدي)
بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُن مِّنَ الشَّاكِرِينَ
66. ئەكسىچە، (ھېچنەرسىنى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمەستىن خالىس ھالدا1) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن. (1. تفسير السعدي)
وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
67. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار1) ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇلۇغلىمىدى. (ئەكسىچە، سۈپەت ۋە پېئىللىرىدا قۇسۇرلۇق بولغان مەۋجۇتلۇقلارنى ئاللاھقا شىرك كەلتۈردى.2) ھالبۇكى، قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ئالقىنىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا تۈرمەللەنگەن ھالدا بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شىرك قوشقان نەرسىلرىدىن پاكتۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. (1.2. تفسير السعدي)
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَصَعِقَ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَمَن فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَن شَاءَ اللَّهُ ۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخْرَىٰ فَإِذَا هُمْ قِيَامٌ يَنظُرُونَ
68. سۈرگە (بىرىنچى قېتىم) پۈۋلىنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھ (ئۆلمەسلىكىنى) خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. ئاندىن، سۈرگە ئىككىنچى قېتىم (ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ئۈچۈن1) پۈۋلىنىدۇ. ئۇلار (يەنى قەبرىلىرىدىكى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ) قوپۇپ (ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۈتۈپ2) قاراپ تۇرىدۇ. (1.2. تفسير السعدي)
وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُم بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
69. (قىيامەت كۈنى قۇياش قاتارلىق نۇر چاچقۇچىلارنىڭ نۇرى بولمىغانلىقتىن قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن1) زېمىن رەببىڭنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. ئەمەل دەپتەرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ (ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئوقۇلىدۇ.2)، پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەشىدلەر (مەشھەرگاھ مەيدانىغا) ھازىر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. (1.2. تفسير السعدي)
وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّا عَمِلَتْ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَا يَفْعَلُونَ
70. ھەركىمگە قىلغان قىلمىشىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى كەم قىلىپ قويۇلماستىن بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.
وَسِيقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِ رَبِّكُمْ وَيُنذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَلَٰكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ الْعَذَابِ عَلَى الْكَافِرِينَ
71. كاپىرلار تۈركۈم-تۈركۈم ھالدا (دەھشەتلىك جازالار ۋە مەڭگۈلۈك غەم-ئەندىشىلەر ماكانى بولغان، زىندانلارنىڭ ئەڭ ناچىرى بولغان1) جەھەننەمگە (زابانىي پەرىشتىلەرنىڭ جاننى قاقشىتىۋېتىدىغان قامچىلىرى بىلەن ئۇرۇلغان ھالدا2) ھەيدىلىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمگە مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارغا (تەنە قىلىش يۈزىسىدىن3) «سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، سىلەرنى مانا مۇشۇ كۈنگە ئۇچرىشىشىڭلاردىن ئاگاھلاندۇرىدىغان رەسۇللار كەلمىگەنمىتى؟» دەيدۇ. جەھەننەمگە كىرگۈچىلەر (جاۋابەن):«كەلگەن ئىدى. ئەمما، (بىز ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلغان كاپىرلاردىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن4) ئازاب ۋەدىسى كاپىرلارغا ھەق بولدى» دېيىشىدۇ. (1.2.3.4. تفسير السعدي)
قِيلَ ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
72. ئۇلارغا (دوزاخ ئەھلىگە مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) «جەھەننەمدە ئەبەدىلئەبەد ياشاش ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار. (پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغان) مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان» دېيىلىدۇ.
وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ
73. رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن پەرزلەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئورۇنداپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرغانلار) توپ-توپ ھالدا جەننەتكە ماڭغۇزىلىدۇ. تەقۋادارلار ئاقىۋەتتە جەننەتكە يېتىپ كەلگىنىدە، جەننەتنىڭ ئىشىكى ئۇلارغا ئېچىلىدۇ. جەننەتكە مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارغا (ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىش، خۇش خەۋەر بېرىش يۈزىسىدىن) «سالام سىلەرگە! پاك ھالەتتە كەلدىڭلار، (بۇنىڭ يۈزىسىدىن1) جەننەتتە مەڭگۈ ياشايدىغانلاردىن بولغان ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ. (1. تفسير السعدي)
«پاك ھالەتتە كەلدىڭلار» — ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھنى بىلىش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان ھالدا يالغۇزلا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق قەلىبلىرىڭلار پاك ئىدى. تىللىرىڭلار ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن، ئەزالىرىڭلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن پاك ئىدى. (سىلەر مانا مۇشۇ خىل پاك ھالەتتە جەننەتكە كەلدىڭلار.) (1. تفسير السعدي)
وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي صَدَقَنَا وَعْدَهُ وَأَوْرَثَنَا الْأَرْضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ الْجَنَّةِ حَيْثُ نَشَاءُ ۖ فَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
74. (تەقۋادارلار جەننەتكە كىرىپ، جەننەتتىكى سارايلىرىغا يەرلەشكىنىدە، رەببىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئېھسان ۋە رەھمىتىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشۈپ) «بىزگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىغان، خالىغان يېرىدە قونۇشىمىز ئۈچۈن جەننەت يۇرتىنى بىزگە مىراس قىلىپ بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا بولسۇن. (ئاللاھنىڭ جامالىنى ۋە مۇكاپاتىنى كۆزلەپ ئىخلاسمەنلىك بىلەن سالىھ) ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن گۈزەل!» دېيىشىدۇ.
«بىزگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىغان» — يەنى «ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنى جەننىتىمگە كىرگۈزىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىغان، مەنىسىدىدۇر. (تفسير السعدي)
وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُم بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
75. (قىيامەت كۈنى) پەرىشتىلەرنى رەببىگە تەسبىھ ۋە ھەمدە ئېيتقان، ئەرشنىڭ ئەتراپىنى ئورىغان ھالدا كۆرىسەن. كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن» دېيىلىدۇ.