ئىمام ئەبۇ داۋۇد (أبو داود) (ت: 202 ۋ: 275)
ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھەدىسشۇناسلاردىن بىرى.
ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلغان: ئىمام ئەبۇ داۋۇد سىجىستانىي. سىجىستان ھازىرقى ئىراننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگىرىلىنىدىغان ئەڭ شەرقىي قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جاي كۈنىمىزدە ئىران، ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرىلىرى تۇتاشقان جايدۇر.
سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنى يېزىپ ئىمام ئەھمەدكە سۇنغان، ئىمام ئەھمەد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»قا ياخشى باھا بەرگەن ۋە ياقتۇرغان. ئىمام ئەبۇ داۋۇد ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە ئىماملىق ئورنىغا ساھىپ بولۇشتىن سىرت، ئۇ يەنە بۈيۈك فەقىھتۇر. كىتابى بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىلىم مەجلىسىدە بىر مۇددەت تەلىم ئالغان بولۇپ، ئۇ زاتتىن فىقھتىكى فۇرۇئلار ۋە پىرىنسىپلارغا ئالاقىدار چوڭقۇر مەسىىلەردە تەلىم ئالغان. ئىمام ئەبۇ داۋۇد سەلەفنىڭ مەزھىبىدە بولۇپ، سۈننەتكە ئەگەشكەن ۋە سۈننەتكە تەسلىم بولغان زات ئىدى. كالامچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ئەمىن قالغان ئىدى.
ئىمام خەتتابى مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ماڭا ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەمەمد ئەلمىسكى مۇنداق سۆزلەپ بەردى: ماڭا ئەبۇ دۋۇدنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ بەكر ئىبنى جابىر مۇنداق سۆزلەپ بەردى: مەن ئەبۇ داۋۇد بىلەن باغدادتا ئىدىم، شام نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ تۇرساق، پادىشاھنىڭ ۋەلىئەھدى، ئەمىير ئەبۇ ئەھمەد ئەلمۇۋەففەق يېتىپ كەلدى. ئەبۇ داۋۇد ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ «ئەمىيرنىڭ بۇ ۋاقىتتا بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىن ئىش نېمىكىن؟» دەپ سورىۋىدى، «ئۈچ ئىش سەۋەبلىك كەلدىم» دېدى. ئەبۇ داۋۇد «قايسى ئىشلاركىن؟» دېدى. ئەمىر: «ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ بەسىرەگە كېلىشى ئۈچۈن بەسىرەدە ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەرنى يۇرت قىلىسىز. بۇ ئارقىلىق، بەسىرە سىز سەۋەبلىك ئاۋاتلاشقۇسى. زەنجى پىتنىسى سەۋەبلىك بەسىرە خاراپ بولدى، كىشىلەر ئۇ يەرگە بارماس بولدى» دېدى. ئەبۇ داۋۇد «بۇ بىرىنچىسى، ئىككىنچىسىچۇ؟» دېدى. ئەمىر «بالىلىرىمغا <سۇنەن> ناملىق ئەسىرىڭىزنى رىۋايەت قىلىپ بېرىسىز» دېدى. ئەبۇ داۋۇد «خوش، ئۈچىنچىسىچۇ؟» دېۋىدى، ئەمىر «ئىلىم مەجلىسىڭىزدە بالىلىرىم يالغۇزلا ئولتۇرىدۇ، چۈنكى، خەلىپىلەرنىڭ بالا-چاقىلىرى ئاۋام بىلەن ئولتۇرمايدۇ» دېۋىدى، ئىمام ئەبۇ داۋۇد «ئەپسۇسكى بۇنىڭغا يول يوق. چۈنكى، كىشىلەر ئىلىم ئېلىشتا تەڭداشتۇر» دېدى. ئىمام ئەبۇ داۋۇد «مەن ئۇچراشقان ئەھلى ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ئەڭ تەقۋاسى ۋە ھەدىسنىڭ فىقھىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئىدى» دېگەن. (سير أعلام النبلاء 13\204-217)