ئىمام فاتىھەنى تۈگەتكەندە، جامائەت «ئامىن» دېسە بولمامدۇ؟
سەلەفنىڭ مۇجتەھىد ئىماملىرىدىن ئىمام سۇفيان سەۋرى ئامىننى مەخپىي دەيدۇ دېگەن. ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ئەھلى ھەدىس ئالىملارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىمام ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى جامائەت «ئامىن» نى ئۈنلۈك دەيدۇ، دېگەن. (محمد بن نصر المروزي: اختلاف الفقهاء 105)