سەلەپ-سالىھىننىڭ ھالال ھۈنەر كەسىپكە بۇيرۇشى، دىنىي ئىلىم ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كىشىلەرگە يۈك بولۇۋېلىشىنى قاتتىق چەكلىشى

سەلەپ سالىھىننىڭ دىننى دۇنيا تېپىشقا ۋاسىتە قىلىشنى قاتتىق ئەيىپلىشى، ھالالدىن ئىشلەپ تېپىپ يېيىشكە تەرغىپ قىلىشى

 

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەركەكلەرنىڭ يولىنى لازىم تۇتۇپ، كىرىمىڭنى ھالال يولدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىش بىلەن تاپ ۋە ئائىلە بالا-چاقىلىرىڭغا (ھالال تاپقىنىڭدىن) خىراجەت قىل.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\229)

سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ئى قۇرئان يادقا ئالغۇچىلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ئاللاھتىن قورقۇشتا بەدىنىڭلاردا ئىزھار بولغىنى قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقىنىدىن ئارتۇق بولۇپ قالمىسۇن. (يەنى، قەلبىڭلاردا ئاللاھتىن بوشراق قورقۇپ تۇرۇغلۇق، سۆز-ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن بەك قورقىدىغاندەك بولىۋالماڭلار.) رىزق يوللىرى ئوچۇق ئاشكارىدۇر، رىزق تەلەپ قىلىشتا (ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق) گۈزەل يول تۇتۇڭلار. (ئىشلىمەي يېتىۋېلىپ) مۇسۇلمانلارغا يۈك بولۇپ قالماڭلار.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)

ئابدۇراھمان ئىبنى مۇسئەب رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: بىر قارى كىشى بار بولۇپ، رامزان ئېيى كەلگەندە شەھەرگە يېقىن يېزىلارغا بېرىپ كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرەتتى. (بۇنىڭ ئۈچۈن) كىشىلەر ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك ۋە نەرسە كېرەك بېرەتتى. (كۈنلەرنىڭ بىرىدە) بۇ كىشى سۇفيان سەۋرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردىۋىدى، سۇفيان سەۋرى «قىيامەت كۈنى (قۇرئاندىكى بۇيرۇق چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدىغان) قۇرئان ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان تىلاۋەتلىرىنىڭ ساۋاپ-مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئەمما، ماۋۇنىڭدەكلەرگە <سەن قىرائىتىڭنىڭ مۇكاپاتىنى دۇنيادىكى چېغىدا ئېلىپ بولدۇڭ> دېيىلىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! مەن سېنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغان تۇرساممۇ مۇشۇنداق دەمسەن؟» دېۋىدى، سۇفيان سەۋرى:«قىيامەت كۈنى ماڭا <بۇ ئادەم سېنىڭ يېنىڭدا ئولتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىدىڭمۇ؟> دېيىلىشىدىن قورقىمەن (شۇڭا مۇشۇنداق دەيمەن)» دېدى. mujtehid.com (حلية الأولياء 5\281)

سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: بەسرەگە بارغىنىمدا شەيخ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ئۇ يەردە بەئەينى بېشىغا قۇش قونىۋالغاچقا قۇش ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەپ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغان كىشىلەردەك جىمجىت ئولتۇرغان، مىسكىن ياشلارنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا «ئەي قۇرئان ھافىزلىرى! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلىنىڭلار! ئىشلەپ جاننى قامداش يوللىرى ئوپئوچۇق رەۋىشتە كۆرسىتىلگەندۇر. ئىشلەپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىڭلار. ھالال يول بىلەن جان قامداشنى تاشلاش سەۋەبلىك كىشىلەرگە يۈك بولىۋالماڭلار» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد ئۇلارغا بۇرۇلۇپ «تۇرۇڭلار، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ كۈنۈڭلارنى قامدىمىغۇچە، سىلەردىن ھېچكىم مەن بىلەن ئولتۇرمىسۇن» دېدى. سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ۋاللاھى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ياشلارنىڭ يۇنۇسنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)

ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كەينىمدە قىيامەت كۈنى ھېسابىنى بېرىشىم كېرەك بولغان ئون مىڭ دىرھەم قالدۇرۇپ قويۇشۇم، مەن ئۈچۈن (دۇنيادا) ئىنسانلارغا موھتاج بولۇشۇمدىن بەكراق سۆيۈملۈكتۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\228)

بىر ئادەم سۇفيان سەۋرىنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! بۇ دىنارلارنى قولىڭدا تۇتۇپ يۈرىسەنغۇ؟» دېۋىدى، سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېدى: «ئاغزىڭنى يۇم. ئەگەر بۇ دىنارلار بولمىغان بولسا، پادىشاھلار بىزنى قول سۈرتكۈچ جامبا ئورنىدا قوللانغان بولاتتى.» ئاندىن سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېدى: «كىمنىڭ قولىدا پۇل بولسا، ئۇنى زايە قىلمىسۇن ۋە ئۇنىڭ مۇۋاپىق رەۋىشتە ئىشلەتسۇن. بۇ شۇنداق زامانكى، موھتاجلىققا چۈشكەن كىشىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال خەجلەيدىغان نەرسىسى ئۆزىنىڭ دىنىدۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)

ئىبنى ئەبۇ نەجىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (تابىئىن ئالىم، بۈيۈك مۇپەسسىر) مۇجاھىد {وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ} {پاكنى ناپاكقا ئالماشتۇرماڭلار} (نىسا سۈرىسى، 2-ئايەت) ئايىتىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ساڭا تەقدىر قىلىنغان ھالال رىزق قولۇڭغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئالدىراپ كېتىپ ھارام رىزىقنى قولغا چۈشۈرۈش كويىدا بولما.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\240)

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۆزىگە پۈتۈلگەن رىزقتىن ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قاچقان تەقدىردىمۇ، ئۆلۈم ئۇنى تاپقاندەك، رىزىقىمۇ ئۇنى تاپىدۇ.» دەل مۇشۇ مەزمۇندا سەھىھ ھەدىس كەلگەن. ھەزىرتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ مۇشۇنداق سۆز نەقىل قىلىنغان. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\240)

مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ «نېمە ئادەملەر سىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «بىز مۇتەۋەككىلۇنلارمىز (يەنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز)» دېيىشتى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلارغا «ھالبۇكى سىلەر مۇتتەككىلۇنلارسىلەر. (كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل-مالغا تەلمۈرۈپ تاما قىلغۇچىلارسىلەر.) ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى سىلەرگە دەپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار — داننى زېمىنغا كۆمۈپ بولۇپ، ئاندىن (ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتە) رەببىگە ئىشەنگەن كىشىلەردۇر» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\258)

سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىم ھالالدىن پۇل-مال تېپىشنى ئەيىپلىسە سۈننەتنى ئەيىپلىگەن بولىدۇ. كىم، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئەيىپلىسە ئىماننى ئەيىپلىگەن بولىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\293)

ئەلى ئىبنى ئەسسام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئەھلى بولۇشى مېنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، كىشى مۇھتاجلىقتا قالسا، تۇنجى بولۇپ خەجلەيدىغان نەرسىسى دىنى بولىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269)

مۇسا ئىبنى مۇكرەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرەيلەن ھەسەن بەسرىدىن «ئەي ئەبۇ سەئىد! مەن قۇرئانىمنى ئېچىپ تاكى كەچ كىرگۈچە ئۇنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىمەن» دېۋىدى، ھەسەن بەسرى ئۇنىڭغا:«قۇرئاننى ئەتىگەن، ئاخشاملىرى، كېچىلىرى ئوقۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاغدا ھۈنەر-كەسىپىڭ بىلەن، ساڭا ئۇيغۇن كەلگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللان» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269) * ئۆزىنى ئىلىم-ئىبادەتكە ئاتىسا دۇنيالىق جەھەتتە ئۆزى ۋە ئائىلىسى خەقكە مۇھتاج بولۇپ قالىدىغان كىشىنىڭ ھالال-ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى پەرز بولىدۇ. ئۆزىنى ئىلىم-ئىبادەتكە ئاتىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك پۇلدار، پۇل-مالغا ئېھتىياجى يوق كىشىنىڭ ئىلىم-ئىبادەتكە ئۆزىنى بېرىشى ئەۋزەل بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ خەج-خىراجىتى ئۈچۈن ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل يوقتۇر. ھەتتا، ئاللاھ يولىدىكى نەپلە جىھادتىنمۇ ئۈستۈندۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282) * يەنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-دۇنياغا ئېھتىياجى بار ئەر كىشىنى دېمەكچى. پۇلدار، مال-دۇنياسى كۆپ، باي ئەر كىشىنى دېمەكچى ئەمەس.

ئىمام بەيھەقى مۇنداق دېگەن: (من زهد منهم في الدنيا ورغب في الآخرة، اكتفى بأقلّ ما يكون قوتا، وتصدّق بالباقي، كما كان القراء من أصحاب النبي ﷺ يصنعونه، أو اقتصر على اكتساب أقلّ ما يكون قوتا ثمّ اشتغل بعد ذلك في العبادة والله أعلم) «كىشى دۇنياغا نىسبەتەن زاھىت بولۇپ، ئاخىرەتكە رىغبەت كۆرسەتسە، ئازغا قانائەت قىلىپ، كۆپىنى سەدىقە قىلسا، يەتكۈدەك خەج-خىراجەتىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىپ، باشقا ۋاقتىنى ئىبادەتكە ئايرىسا، ياكى (ھالال كۈچى بىلەن ئىشلەش بىلەن بىرگە) ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش يولىنى تۇتۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ۋاقتىنى ئاللاھقا ئىبادەتكە ئايرىسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇرئان ھاپىزى ساھابىلىرىدەك يول تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر نەپلە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولساڭ، باشتا ئۆيۈڭدە يېمەك-ئىچمەك بارمۇ-يوق، بۇنىڭغا قارا. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بارسا، ئۇ چاغدا نەپلە ئىبادىتىڭنى قىل. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بولمىسا، ئۇ ھالدا باشتا يېمەك-ئىچمەكنى ھەل قىل، ئاندىن نەپلە ئىبادەت قىل.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

ئىبراھىم ئەلخەۋۋاس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئۈچ ئەدەبى بار: (1) كارۋانغا يېنىدا ئوزۇق-تۈلۈك بار ھالەتتە قېتىلىش. (2) كېمىگە ئوزۇق-تۈلۈكى بار ھالەتتە چىقىش. (3) ئۆيىدە يېمەك-ئىچمەكنى بار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇرۇش.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

چوڭ تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېلىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھقا ئىشىنىشىم ۋە كىشىلەرنىڭ قولىدىكىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈمدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\298)

چوڭ تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرىكى ئالىملارنى ۋالىيلار يېنىغا چاقىراتتى، لېكىن ئۇ ئالىملار ۋالىيلاردىن قاچاتتى. بۈگۈنكى ئالىملار بولسا ئىلىمنى ئەتراپلىق تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ۋالىيلارنىڭ ئىشىكىگە باردى. ۋالىيلار ئۇلاردىن قاچتى، ئۇلار بولسا ۋالىيلارنىڭ (باشلىق، ھوقۇقدارلارنىڭ) ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشتى.» mujtehid.com (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\633)

سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سەن نان ۋە سەۋزە-چامغۇر بىلەن قانائەت قىلساڭ، ئاشۇلار (يەنى خان-پادىشاھلار، باشلىقلار ۋە بايلار) سېنى قۇل قىلالمايدۇ.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\221)

(ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ چەۋرىسى) ھىشام ئىبنى ئۇرۋە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (ما شر شيء من البطالة في العالم) «ئالىم ئۈچۈن ھورۇنلۇقتىنمۇ يامان نەرسە يوق.» mujtehid.com (الزهد لأبي داود ١/٣٥٦، شعب الإيمان ٢/٣١٣) * ئالىم ھورۇن بولسا دۇنياۋى جەھەتتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەشتىن باش تارتىپ، بايلارغا، باشلىقلارغا ۋە خەلققە يۆلىنىۋالىدۇ. دىننى ۋە مۇسۇلمانلارنى جانلاندۇرۇشنىڭ يولىغا ئەمەس، دىن ۋە مۇسۇلمانلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيالىقىنى جانلاندۇرۇشنى كەسىپ قىلىۋالىدۇ، دىنىي تاپاۋەت يولىغا كىرىۋالىدۇ. دىنىي جەھەتتە بولسا، ئىبادەتلەرگە سۇس قاراپ پاسىقلىشىپ كېتىدۇ.

ئىمام سۇفيان سەۋرى ئىبنى مۇندەكىر رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «قىيامەت كۈنى بەندە ئاللاھنىڭ ئالدىغا دۇنيادا ئۆزى قىلىشى كېرەك بولغان دىنىي ۋاجىباتلارنى ئورۇندىغان ھالەتتە كەلسە، ئەمما بۇ بەندە دۇنيانى ياخشى كۆرگەن بەندە بولغان بولسا، ئاللاھ بىر نىدا قىلغۇچىغا مۇنداق دەپ نىدا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ: «بىلىڭلاركى، بۇ پالانچىنىڭ بالىسى پالانچىدۇر، ئاللاھ ياخشى كۆرمىگەن نەرسىنى ياخشى كۆرگەن كىشىدۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\225)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: من اجتهد في طاعة الله ورسوله بحسب استطاعته كان من أهل الجنة «كىم بار كۈچى بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.» mujtehid.com (منهاج السنة ٣\٥٠٥) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ