ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھەفىزەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
تاھارەتسىز ھالدا تېلفونغا قاراپ قۇرئان ئوقۇش دۇرۇس. چۈنكى، تېلفون قۇرئان ئەمەس. قۇرئاننى تاھارەتسىز ھالدا بىۋاستە تۇتۇش ھارام. تېلفونغا كەلسەك، تېلفون مۇسھەف (قۇرئان) ئەمەس. قۇرئاننى تېلفونغا قاراپ ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى قۇرئاننى يادقا ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمىدىدۇر. (ھەدىس ۋە ئەسەرلەردە كەلگىنىدەك، قۇرئاننى تاھارەتسىز يادقا ئوقۇش دۇرۇس. شۇنىڭدەك، قۇرئاننى تېلفۇنغا قاراپ تاھارەتسىز ئوقۇشمۇ ھەم دۇرۇس.) | mujtehid.com
— ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان: حكم قراءة القرآن من الجوال بدون وضوء
قۇرئاننى تېلفونغا قاراپ تىلاۋەت قىلىش بىلەن مۇسھەپكە (قۇرئان كەرىمگە) قاراپ تىلاۋەت قىلىش ساۋاپ جەھەتتە ئوخشاشمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: پەزىلەتلىك شەيخ، پروفسور دوكتور سەئىد خەسلان
جاۋاپ: مۇھىم بولغىنى قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ قىلغان تىلاۋىتىدۇر. كىشى ئايەتلەرنى مەيلى ئايەت يېزىلغان تاختا-ۋاراقلارغا قاراپ تىلاۋەت قىلسۇن، مەيلى قۇرئانغا (مۇسھەپكە) قاراپ تىلاۋەت قىلسۇن، مەيلى تېلفۇنغا قاراپ تىلاۋەت قىلسۇن ۋە ياكى يادقا تىلاۋەت قىلسۇن بېرىلىدىغان ئەجر ئوخشاش. بەزى كىشىلەر قۇرئاننى تېلفۇنغا قاراپ تىلاۋەت قىلىشقا قارشى چىقىدۇ، بۇ جاھالەتتۇر. تېلفۇنلاردا قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بولۇشى ئاللاھنىڭ بۇ دەۋردە بىزگە بەرگەن نېمىتىدۇر. تېلفۇنىدا قۇرئان ئايەتلىرى بار كىشى ھەر قانداق زامان، ھەر قانداق ماكاندا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش نېمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە كىشى ئۆزىگە ئەڭ مۇناسىپ ۋە ئەڭ راھەت بولغىنىنى تاللىسا بولىدۇ. بەزى كىشىلەر باسمىخانىدا بېسىلغان مۇسھەپلەردىن قۇرئاننى تىلاۋەت قىلسا تېخىمۇ راھەتلىنىدۇ، بەزىلىرى تېلفۇندىن تىلاۋەت قىلسا تېخىمۇ راھەتلىنىدۇ. قايسىسىنى قىلسا بولىۋېرىدۇ، ھەممىسىدە بېرىلىدىغان ئەجر ئوخشاشتۇر. تېلفۇندىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش مۇسھەپتىن تىلاۋەت قىلىشقا قارىغاندا كىشىنى ئاز ئەجرگە ئېرىشتۈرىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ھەر ئىككىسىگە بېرىلىدىغان ئەجر ئوخشاش. تېلفۇندىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا قارشى چىقىش ئىنكار قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشتۇر. (شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇسھەپتىن تىلاۋەت قىلىش ئەۋزەلراق. قۇرئاننى تاھارەتسىز ھالدا مۇسھەپنى تۇتۇپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلىش ھارام، ئەمما تاھارەتسىز ھالدا تېلفۇندىن ئوقۇش دۇرۇس.-ئەللامە سالىھ فەۋزان.)(مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com ) [هل أجر قراءة القرآن في الجوال مثل قراءته في المصحف؟ | فضيلة الشيخ أ.د سعد الخثلان]